-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر لى ئەپەندىمنىڭ قولىدىكى بۇ «خاتا پۇل»نى كۆردى. لى ئەپەندىم توردا ۋە تېلېفوندا بايان قىلغىنىدەك، بۇ 100 يۈەنلىك خەلق پۇلىنىڭ ئۈستىدىكى ماۋ رەئىسنىڭ رەسىمىدىكى قاشنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر تال قاشقا ئوخشايدىغان سىزىق ئارتۇق بولۇپ قالغانىدى. ئارقىدىن مۇخبىر لى ئەپەندىم بىلەن بىرلىتە دۇڭيىڭدىكى بىر سودا بانكىسىغا كەلدى، بۇ بانكىنىڭ خادىملىرى پۇل تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇ «خاتا پۇل»نىڭ راست پۇل ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.
تونۇشتۇرۇلۇشچە، تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىلگىرى، لى ئەپەندىم كېنلى ناھىيەسىدىكى بىر بانكىغا بېرىپ 10 مىڭ يۈەن پۇل ئالغان، ئۇ «ئالتۇن رەڭ»لىك يېڭى نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، پۇكەيدىن بىر دانە يېڭى نۇسخىدىكى 100 يۈەنلىك خەلق پۇلىنى ئالماشتۇرغان، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەپسىلىي قاراپ، سۇ باسما نەقىشى ئۈستىدە بىر تال قاشنىڭ ئارتۇق سىزىلىپ قالغانلىقىنى، بۇ پۇلنىڭ «خاتا پۇل» ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
خاتا پۇلنى ئەركىن ئېلىپ سېتىشقا بولامدۇ؟
جۇڭگو خەلق بانكىسى تۇڭخۇا شەھەرلىك مەركىزىي شۆبە بانكىسى پۇل ئالتۇن-كۈمۈش بۆلۈمىنىڭ خادىمى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«ئەل ئارىسىدىكى ئاتالمىش ‹خاتا پۇل›نى ‹كەمتۈك پۇل› دېيىش كېرەك، بانكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ‹كەمتۈك پۇل› ئېشىنچا قىممەتكە ئىگە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە خىزمەت جەريانىدا خادىملار بۇ خىل خەلق پۇلىنى بايقىسا ئالاقىدار تەرتىپ بويىچە بىرتەرەپ قىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، نۆۋەتتە بازاردا ئوبوروت بولۇۋاتقان خەلق پۇلىنى ئېلىپ-سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.»
خاتا پۇل دېگەن نېمە؟
خاتا پۇل خەلق پۇلىنى بېسىش جەريانىدا كۆرۈلگەن خاتالىق سەۋەبلىك كېلىپ چىققان خەلق پۇلىدىكى ئەينەنسىزلىكنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا نەقىش ئالمىشىپ قېلىش، خاتا تۈپلىنىپ قېلىش، نومۇرى تەكرار بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، خاتا نۇسخىدىكى خەلق پۇلى ساختا پۇل ئەمەس بەلكى راست پۇل. ئوخشاشلا ئوبوروت پۇلى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. خاتا نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنىڭ يەنە بىر رولى بولسا يىغىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە.
خاتا پۇل قانداق بېكىتىلىدۇ؟
خاتا نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنى توغرا نۇسخىدىكى پۇلغا سېلىشتۇرۇپ پەرقلەندۈرۈشتە، تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتا بويىچە بېكىتىلىدۇ:
بىرىنچى، بىر قىسىم پۇللار تارقىتىلغاندىن كېيىن يېزىق تۈرىدىكى خاتالىقلار كۆرۈلۈپ، بىرەرتال پەش-چېكىت ياكى بىرەرتال سىزىق كەم ياكى ئارتۇق بولۇپ قالىدۇ ۋەياكى خەت ئېنىق بولمايدىغان، LOGO بىلەن ئوخشاش بولمايدىغان ياكى ئىنگلىزچە ھەرپ خاتا بېسىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ نۇقتىنى ئىككىنچى نۇقتا (رېئال مەزمۇن بىلەن بىردەك ئەمەس) دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئەمما بۇ تۈردىكى خاتا پۇلنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئايرىم چۈشەنچە بېرىلگەن.
ئىككىنچى، دۆلەت مەلۇم بىر خىل تۈرنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتكەن ھەمدە ئۆلچەملىك تۈر بار بولغان (مەسىلەن: ھازىر تارقىتىلىۋاتقان خەلق پۇلىغا ئوخشاش)، تارقىتىلغاندىن كېيىن، مەلۇم نەرسىلەر بېسىلماي قېلىش ياكى رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىش ۋەياكى مەلۇم قىسمى ئارتۇق بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئايرىم ئوخشىماسلىقلار بايقالغان بولسا خاتا پۇل دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل خاتا نۇسخىدىكى پۇلنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، شۇڭا يىغىپ ساقلىغۇچىلار بۇ خىل خاتا پۇلنى بايقىغان ۋاقىتتا كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، ئالدى بىلەن راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىشىنىشكە بولىدىغان كەسىپ ئەسلى ياكى بانكىغا بېكىتكۈزۈشتىن ئىبارەت.
خاتا نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنىڭ بازاردىكى قىممىتى قانچىلىك؟
خاتا پۇلنىڭ زادى يىغىپ ساقلاش قىممىتى بارمۇ يوق؟ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خاتا پۇلنى يىغىپ ساقلىسا بولىدىكەن، ئەمما ئېلىپ-سېتىشقا بولۇش-بولماسلىقى توغرىسىدا قانۇندا ئېنىق بەلگىلىمە يوق ئىكەن. خاتا پۇلنى ئوبوروت قىلىش چەكلىنىدۇ، ئادەتتە دۆلەتلىك بانكىلار يىغىۋالىدۇ، ئەمما يىغىۋېلىش نىسبىتى مىڭدىن بىر پىرسەنت. كۆپ قىسىملىرى ئەل ئارىسىدىكى يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ، بىر دانە نەچچە يۈەن، نەچچە ئون يۈەن، نەچچە يۈز يۈەنلىك خاتا پۇل ئالاھىدە يۇقىرى باھادا سېتىلىدۇ. خاتا پۇلنىڭ بىرىنچى يىغىپ ساقلاش قىممىتى: مىليوندىن بىر پىرسەنت بىلەن ئون مىليوندىن بىر پىرسەنت ئارىسىدا، شۇڭا خاتا پۇل بىلەن نورمال پۇلنىڭ سالاھىيىتى ئوخشىمايدۇ، قىممىتىمۇ ئوخشىمايدۇ؛ خاتا پۇلنىڭ ئىككىنچى يىغىپ ساقلاش قىممىتى: خاتا پۇلنىڭ راست-يالغانلىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا ئوخشاش سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ، تەبىئىي ھالدا يىغىپ ساقلىغۇچىلار بار كۈچى بىلەن قوغلىشىدىغان ئەتىۋارلىق نەرسىگە ئايلىنىدۇ. قەدىمدىن قانچە ئاز ئۇچرايدىغان نەرسىنى كىشىلەرنىڭ شۇنچە كۆرگۈسى كېلىدۇ دەيدىغان گەپ بار. توغرا، خاتا نۇسخىدىكى پۇلمۇ ئوخشاشلا بۈگۈنكى يىغىپ ساقلاش ساھەسىدىكى بىر ئەتىۋارلىق ساقلانمىغا ئايلاندى، ھەتتا بىر قىسىم خاتا پۇلنىڭ باھاسى نەچچە مىليوندىن نەچچە ئون مىليونغىچە بولىدۇ. بەلكىم بەزىلەر بۇ ناھايىتى ئەخمەقلىق، زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ يىغىپ ساقلاش ساھەسىنىڭ ئالاھىدە تەرىپى.
مۇھەررىر : ئامانگۈل
بەدىئىي سۈرەتلەر
كۈمۈش تۈسكە كىرگەن تەڭرىتاغ
سىرلىق قىياپەتتىكى گۈزەل توغراقلىق
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى