ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تىل ۋە ئەدەبىيات

ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمىزدىكى بىر دەستە گۈل

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10- كۈنى 03:41   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    نەزەرىيەنىڭ بىر مىللەت تەرەققىياتىدا ئوينايدىغان رولى زور بولۇپ، ئۇ شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ تەپەككۇرىنى بېيىتىپ، مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەھلىل قىلىدۇ. ئېنگلىس ‹‹ئەگەر بىر مىللەت ئىلىم – پەننىڭ چوققىسىغا چىقىمەن دەيدىكەن، ئۇ نەزەرىيەۋى تەپەككۇردىن بىردەممۇ ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك›› دېگەن. بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىمۇ تەرەققىي قىلىمەن، دۇنياۋى سەۋىيەگە يېتىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن نەزەرىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيەۋى تەپەككۇرىنى بېيىتىشى كېرەك.

    بىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا نەزەر سالساق، گەرچە، ئەدەبىياتىمىزدا نۇرغۇن ئەسەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئىجادىيەتنى نەزەرىيە نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىدىغان بولساق، نەزەرىيەۋى ئەسەرلەر كەمچىل بولغاچقا، ئىجادىيەتچىلەر قانداق تېمىدا يېزىشنى ئويلىسا شۇنداق يازىدىغان، تەنقىدچىلەر قانداق تەنقىدلىگۈسى كەلسە شۇنداق تەنقىدلەيدىغان، ئەسەرلەرنى ئۆزىمىزنىڭ ئېستېتىك قارىشىمىزغا ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا باشقىلارنىڭ ياكى چەتنىڭ قېلىپى بىلەن تون پىچىپ، ئاپتورلارغا ئۇۋال قىلىپ قويىدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى. بۇنداق نەزەرىيە قەھەتچىلىكىنى ھېس قىلغان ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇزاق يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق رېنى ۋېلېك بىلەن ئوستىن ۋارىننىڭ ‹‹ئەدەبىيات نەزەرىيەسى›› ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى. بۇ كىتابنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ئەدەبىيات نەزەرىيەمىزنى بېيىتىشتىكى دەسلەپكى قەدەم دېيىشكە بولىدۇ.

    بۇ كىتاب ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىنكى ئەدەبىيات تارىخىدا تەرجىمە قىلىنغان تۇنجى سىستېمىلىق نەزەرىيەۋى تەرجىمە ئەسەر بولۇشىغا قارىماي، تەرجىمە ۋە باشقا جەھەتلەردىن خېلى ئۇتۇقلۇق چىققان. بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەرجىمىدىكى ئۇتۇقلىرىنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتا بويىچە كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن:

    1.بۇ كىتابتىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى ‹‹ئىچكى تەتقىقات›› ۋە ‹‹تاشقى تەتقىقات›› دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈش ئۇسۇلى ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرگە نىسبەتەن يېڭى ۋە ئىجادىي قاراش بولۇپ، بۇ مەيلى ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا كىرىش ياكى ئىجادىيەت، ئەدەبىي تەنقىد جەھەتتە بولسۇن، يۆنىلىش ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش جەھەتتە كۆرسەتكۈچلىك رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ ئۇ بىزدىكى بىرەر ئەسەرنى تەھلىل قىلغاندا ياكى تەنقىد يازغاندا ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە بۇراپ، ئەدەبىياتنىڭ ئەسلىسىگە تەۋە قىسىملارنى مۇھاكىمىنىڭ سىرتىدا قالدۇرىدىغان كونا تەنقىد قارىشىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا، ئەدەبىياتقا بولغان دىققەت – ئېتىبارىمىزنىڭ تىكلىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    2.بۇ كىتابتىكى ھەممە نەزەرىيەنى ئەدەبىياتىمىزغا تەتبىقلاشقا بولمىسىمۇ، لېكىن ئەدەبىياتنىڭ ماھىيىتى، رولىغا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەدەبىياتتا مەلۇم بىر پەننىڭ رولىنى زىيادە تەكىتلەش ياكى سۇسلاشتۇرۇۋېتىش ۋە ياكى مۇناسىۋەتنى توغرا پەرقلەندۈرەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ ئازلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

    3. كىتابقا بېرىلگەن ئىزاھاتلار بىزنى نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇنلارنى تولۇق چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلسا، ئاپتورلار ئىسمىنىڭ ئىزاھات شەكلىدە ئەسلىي تىلى بويىچە بېرىلىشى شۇ ئاپتورنى تېخىمۇ چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىشتا قولايلىق ياراتقان.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى