يولداش شى جىنپىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە <<خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەت ماھىيەتتە خەلقنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتىدۇر؛ ئەدەبىيات – سەنئەت خەلقنىڭ ساداسىنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى شۇنى ئەستە مەھكەم تۇتۇشى كېرەككى، ئىجادىيەت ئۇلارنىڭ مەركىزى ۋەزىپىسى، ئەسەر ئۇلارنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىش ئاساسى، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى پۈتۈن زېھنىنى ئىجادىيەتكە قارىتىپ، ئەڭ ياخشى مەنىۋى ئوزۇقلارنى خەلققە تەقدىم قىلىشى كېرەك>> دەپ كۆرسەتتى. بۇ سۆز بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ يادرولۇق تېمىسى ھەم ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلىنىشىنىڭ يۆنىلىشىدۇر.
خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ۋە خەلق روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈش
ئەدەبىيات – سەنئەتتە خەلقنى كۆزلەش پارتىيەمىزنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىنىڭ تۈپ يۆنىلىشىدۇر. يەنئەن ئەدەبىيات – سەنئەت سۆھبەت يىغىنى 1942 – يىلى 5 – ئايدا ئېچىلدى، بۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش جاپالىق باسقۇچقا قەدەم قويغان، خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى تېخى تاماملانمىغان مەزگىل ئىدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ <<مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغۇچىلار ئىشچىلار، دېھقانلار، ئەسكەرلەر ۋە شەھەرلەردىكى ئۇششاق بۇرژۇئا سىنىپىدىكىلەردۇر>> دېگەنىدى. ئەينى يىلى ئەدەبىيات – سەنئەت فىرونتى بىلەن ھەربىي فىرونت ئوخشاش ئورۇنغا قويۇلغانىدى. يولداش ماۋ زېدۇڭ ‹‹يەنئەن ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆز››ىدە لېنىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ <<ئەدەبىيات – سەنئەت قورسىقى توق ئېسىلزادە خېنىملار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلمايدۇ، كۈنلىرىنى مەنىسىز ئۆتكۈزىدىغان، سەمرىپ ھېچ ھالى قالمىغان يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلمايدۇ، ئۇ مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئەمگەكچى خەلققە، دۆلەتنىڭ سەرخىللىرىغا، دۆلەتنىڭ تايانچلىرىغا، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ>> دېگەنىدى. ئۇ يەنە ئەدەبىيات – سەنئەتنى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، خەلقنى تەربىيەلەپ، دۈشمەنگە زەربە بېرىپ، دۈشمەننى يوقىتىشتىكى كۈچلۈك قورالغا ئايلاندۇرۇشقا؛ خەلقنى ئويغىتىپ، روھلاندۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەشنى جىددىي مۇراجىئەت قىلغان.
2014 – يىلى 15 – ئۆكتەبىر ئېچىلغان ئەدەبىيات – سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىش››نى ئۈچ جەھەتتىن شەرھلىدى: خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتكە موھتاج، ئەدەبىيات – سەنئەت خەلققە موھتاج، ئەدەبىيات – سەنئەت خەلق روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن خەلق بارلىق جۇڭگو خەلقىنى، يەنى ئېلىمىزدىن ئىبارەت كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدىكى ئىجتىمائىي ئورتاق گەۋدىنى شۇنداقلا مۇنەۋۋەر ئەنئەنە، سوتسىيالىستىك قىممەت سىستېمىسى بويىچە تاۋلانغان مەدەنىيەت ئورتاق گەۋدىسىنى كۆرسىتىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ ‹‹خەلقنى ئەدەبىيات – سەنئەت ئېستېتىكىسىدىن زوقلانغۇچى ۋە ئۇنى باھالىغۇچىلارغا ئايلاندۇرۇش كېرەك›› دەپ تەكىتلىدى. بۇ شەك – شۈبھىسىزكى، ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى خەلق سۇبيېكتىپلىقىنىڭ يۈكسىلىشىدۇر.
بىپايان زېمىندا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش
يەنئەن ئەدەبىيات – سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئەدەبىيات – سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ‹‹ئومۇملاشتۇرىدىغان نەرسىلەر بىر قەدەر ئاددىي ۋە ئىخچام، شۇڭا ئۇنى ئامما تېز قوبۇل قىلىدۇ. ئالىي ئەسەرلەر بىر قەدەر ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلغاچقا ھوسۇل ئالماق تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلق ئارىسىدا تارقىلىشىمۇ قىيىن›› دېگەنىدى. ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاممىنىڭ تىلىنى چۈشىنىش كېرەك، يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ ھەقتە تەكىتلەپ: <<ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئاممىدىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك، بۇ كادىرلار ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن ئامما بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ>> دېگەنىدى. يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ بىر قاتار ئىدىيەلىرى ئەينى چاغدىكى ئازاد رايونلاردىكى ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرىدە چوڭقۇر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى يىللاردىمۇ ئېلىمىز ئەدەبىيات – سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، يولداش شى جىنپىڭ ئومۇملاشتۇرۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، خەلقنى مەركەز قىلىش، مەنبە قىلىش ۋە يۈكسەك ئورۇنغا كۆتۈرۈشتەك مۇھىم ئىدىيەنىمۇ تەكىتلىدى. بىر جەھەتتىن ئۇ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن خەلقنى چوڭقۇر چۈشەنگەن تارىخنى ياراتقۇچىلار بولۇش، خەلق ئارىسىغا، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، سەمىمىي ھالدا خەلقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ تۇرمۇشتىن ئايرىلالمايدىغانلىقى، ئورتاق مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى چىقىش قىلىپ، كەمتەرلىك بىلەن خەلقتىن، تۇرمۇشتىن ئۆگىنىپ، خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ۋە مول تۇرمۇشىدىن ئوزۇق ئېلىپ، گۈزەللىكنى ئۈزلۈكسىز بايقاش، يارىتىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقتۇر. دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىگە قويغان تەلىپى يېڭىلاندى، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇچ كەلگىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، ئۇنى قانداق يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش مەسىلىسى بولۇپ قالدى. ‹‹يۈكسەك›› لىك مىللەتنىڭ ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، ئۇ يەنە بىر خىل كەيپىياتنى يارىتىپ، مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا ئىنتىلىش ئىستىكىگە تۈرتكە بولىدۇ.
يولداش شى جىنپىڭ يەنە ‹‹ئەدەبىيات – سەنئەت دەۋرنىڭ بۇرغىسى، ئۇ بىر دەۋر خاراكتېرىگە ھەممىدىن بەك ۋەكىللىك قىلىدۇ، بىر دەۋر كەيپىياتىغا ھەممىدىن بەك يېتەكچىلىك قىلىدۇ›› دەپ كۆرسەتتى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تۇرمۇشقا، خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.
خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈش
يولداش شى جىنپىڭ سۆزىدە خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى، شۇنداقلا شاھىتى ئىكەنلىكى؛ دىراما پېرسوناژى ھەم دىراماتورگ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى خەلقنىڭ سۇبيېكتىپلىق رولىنىڭ ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىدۇر. بۇنداق سۇيېكتىپلىق جانلىق ئۇسلۇب ئارقىلىق ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىدە، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىدە ياشناپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ.
خەلق دەۋر روھىغا ئىگە. يولداش شى جىنپىڭ: <<ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرى شەخسىي قايغۇ – ھەسرەتكە تولغان تار مەنىدىكى ئەسەرلەرنى يېزىشقىلا كىرىشمەي، مول دەۋر روھىغا ئىگە خەلق ئوبرازىنى يارىتىشى كېرەك>> دەپ كۆرسەتتى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جياڭ جاۋخې ئىجاد قىلغان سىزما ئەسەر ‹‹سەرگەردانلار››دا، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە قەھەتچىلىك يىللىرىدىكى يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلغان سەرگەردانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، قويۇق رېئالىزم ئۇسلۇبىدىكى ھەسرەتلىك تۇيغۇلار ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن. رۇمىنىيە سەنئەتكارى كورنېليۇ بابانىڭ ‹‹ئېتىزدىن قايتقان دېھقانلار›› دېگەن مەشھۇر سىزما ئەسىرىدە، شۇ دەۋر خاسلىقىغا ئىگە خەلقنىڭ ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىنغان. كىشىلەر رەسىمدىكى كىشىلەرنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى سورىغاندا، كورنېليۇ بابا دەرغەزەپ بىلەن ‹‹ئۇلار رەسىمنىڭ سول تەرىپىدىن چىقىپ ئوڭ تەرىپىگە كېتىپ بارىدۇ›› دەپ جاۋاب بەرگەن. ھەقىقىي رەسساملىقتا ئىنسان تەبىئىتىنى بايان قىلىدىغان دەۋر روھى ھەممىدىن مۇھىم، ئۇنىڭ قاياققا بېرىشى بولسا ئوشۇقچە بايان خالاس.
خەلق جانلىق تەن. خەلق سەنئەتنىڭ جېنى، سەنئەت خەلقنىڭ جانلىق تېنى. 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، لۇشۈن تەشەببۇس قىلغان ‹‹گۈللىنىۋاتقان ياغاچ ئويما ھەرىكىتى›› بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ‹‹جانلىق تەن›› تۇيغۇسىغا ئىگە خەلق ئوبرازلىرى بارلىققا كەلدى. 1935 – يىلى گۇاڭجۇدىكى ياش رەسسام لى خۇا ئىجاد قىلغان ‹‹نەرە تارت، جۇڭگو›› دېگەن ئويما رەسىمىدە، ئاشۇ دەۋردىكى مىللەت ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ بەدىئىي ئىجادىيەتلەردىكى جانلىق تەندە خەلق ئوبرازى، بىزنىڭ ‹‹قان بىلەن گۆش›› تەك زىچ باغلانغان مەنىۋى گەۋدىمىز يارىتىلغان.
خەلق يىلتىزلىققا ئىگە. يولداش شى جىنپىڭ <<خەلق ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مەنبەسى، خەلقتىن ئايرىلىپ قالغاندا، ئەدەبىيات – سەنئەت يىلتىزسىز گىياھقا، ئاغرىقسىز ئىڭراشقا، روھسىز تەنگە ئوخشاپ قالىدۇ>> دەپ تەكىتلىدى. خەلقنىڭ يىلتىزلىق خاراكتېرى تۇرمۇشتا، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ يىلتىز تارتقاندىلا، ئاندىن يىلتىزلىق خاراكتېرنى يارىتىپ، مەنبەدىكى ساپ سۇنى باشلاپ كەلگىلى بولىدۇ. تۇرمۇش زادى نېمە؟ غەيرىي يۇرت مەنزىرىسىدىكى چىرايلىق كۆرۈنۈشلەرمۇ ياكى دەۋر تۇرمۇشىدىن چوڭقۇر ئاغدۇرۇلغان كەڭ زېمىنمۇ؟ ماددا ۋە تەبىئەت مەنزىرىسىنىڭ خاتىرىسىمۇ ياكى ھاياتىمىزغا ھەقىقىي تەسىر كۆرسىتىپ، بىزگە ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىدىغان ھاياتلىق مەيدانىمۇ؟ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىن ئوزۇق ئېلىپ، خەلقنىڭ يىلتىزلىق خاراكتېرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
بەدىئىي سۈرەتلەر
كۈمۈش تۈسكە كىرگەن تەڭرىتاغ
سىرلىق قىياپەتتىكى گۈزەل توغراقلىق
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى