خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-نويابىر «خەلق» سارىيىدا 4-قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ «16+1 ھەمكارلىقى» تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشقانلىقىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «16+1 ھەمكارلىقى» ئورنىتىلغاندىن بۇيان، كۆپ تەرەپلىك، كەڭ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئورناتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى يول ئېچىلدى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتى ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، جەنۇب-شىمال ھەمكارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقى سۇپىسى قۇرۇلدى. جۇڭگو كېيىنكى قەدەمدە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرگە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق يېڭىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان روھنى ئاساس قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. بىرىنچى، «16+1 ھەمكارلىقى»نى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن تولۇق ئۇدۇللاشتۇرىدۇ. جۇڭگو 16 دۆلەتنىڭ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو جۇڭگو-ياۋروپانى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ بالدۇرراق «16+1 ھەمكارلىقى»دە نەتىجىگە ئېرىشىشىنى قوللايدۇ. ئىككىنچى، «16+1 ھەمكارلىقى»نى جۇڭگو-ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بىلەن تولۇق ئۇدۇللاشتۇرىدۇ. جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ياۋروپانىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم، راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. «16+1 ھەمكارلىقى» جۇڭگو-ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ۋە پايدىلىق تولۇقلىمىسى بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپانىڭ مۇقىملىق، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشالايدۇ. ئۈچىنچى، «16+1 ھەمكارلىقى»نى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىيات ئىدىيەسى، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتلەردىكى نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. جۇڭگو «16+1 ھەمكارلىقى»نى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى بىلەن بىرىكتۈرۈشنى قوللاپ، تەرەققىيات پىلانى ۋە ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ھەر قايسىسىنىڭ ھەمكارلىق ئېھتىياجىنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ھەمكارلىق تۈرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەۋزەللىك بىلەن ئۆز ئارا تولۇقلاپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مۇساپىرلار مەسىلىسىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىردەك تاقابىل تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
بەدىئىي سۈرەتلەر
كۈمۈش تۈسكە كىرگەن تەڭرىتاغ
سىرلىق قىياپەتتىكى گۈزەل توغراقلىق
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى