ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سىياسىي نەزىرىيە

پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 11 - ئاينىڭ 23- كۈنى 08:52   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا (9)

    ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

    ئەگەر دۆلىتىمىزنى ‹‹جۇڭخۇا›› ناملىق پويىزغا ئوخشاتساق، پارتىيە رەھبەرلىكى پاراۋۇز بولىدۇ. پارتىيەمىز 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، جەزمەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش قارىشى، تۈزۈلمىسى، شەكلى – ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيلىقنى پىلانلاش، ئىستراتېگىيە بېكىتىش، سىياسەت چىقىرىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

    ‹‹ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك››. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئومۇمىيلىق ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش خىزمەت تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىدە بېكىتىلگەن نىشانلارنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئالتە جەھەتتە پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى تولۇق ياخشى قىلىپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، قەيسىرانە كۈرەش قىلىپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رەھبەرلىك جەھەتتىن كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. جۇڭگودىن ئىبارەت دۇنيادىكى بۇ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنى ياخشى كونترول قىلىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىدىن بەلگىلىنىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى رەھبەرلىك قىلىش يادرولۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

    پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىش تەقسىماتى بارغانسېرى ئىنچىكلىشىپ، فورماتسىيەسى تېخىمۇ ئالىي بولۇپ، خەلقئارا بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى تېخىمۇ زىچ بولۇپ، پارتىيەنىڭ تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. مەيلى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش ياكى تەدبىر بەلگىلەشتە بولسۇن، كەسپىي تەپەككۇر قىلىش، كەسپىي ساپا يېتىلدۈرۈش، كەسپىي ئۇسۇل بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. پېشانىسىگە ئۇرۇپ قويۇپلا تەدبىر بەلگىلەش، مەمۇرىي بۇيرۇققا تايىنىپ ياكى قانۇن – نىزاملاردىن ھالقىپ ئالاھىدە سىياسەتلەرنى بېكىتىشكە ئادەتلەنگەن ئۇسۇللار يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنداق ئۇسۇللارنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك.

    يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە قارىتا، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، ئاقىللار ئامبىرى ۋە كەسپىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بېكىتىلگەن مۇھىم ئىستراتېگىيە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم سىياسەتلەرنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كېلىشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تەسەۋۋۇرى ۋە ئۇسۇلىدىن تېخىمۇ ئاڭلىق پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىقتىسادنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، تۈرلۈك مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى قانۇن بويىچە ماسلاشتۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، يوشۇرۇن خەۋپ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. سىياسىي ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيە، سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەت تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى ۋە شەكلى – ئۇسۇللىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئىدىيە، تونۇش مەسىلىسى ۋە ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك.

    پارتىيە رەھبەرلىكى ئابستراكت ئەمەس، بەلكى كونكرېت بولىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچى بولمىسا، قانچە ياخشى سىياسەت، تەدبىرلەر بولسىمۇ ئەمەلىيلەشمەيدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، ئاكتىپ ئىش قىلىش غەيرىتىنى ئاشۇرۇپ، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق نىشان سىستېمىسى، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، مۇكاپاتلاش – جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بەزى كادىرلاردا ساقلىنىۋاتقان ئىش قىلماسلىق، كەلسە – كەلمەس ئىش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كادىرلارنىڭ ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش قىلماقچى بولغان، ئىش قىلىشنى خالايدىغان، ئىش قىلالايدىغان كادىرلارغا تېخىمۇ ياخشى سورۇن ھازىرلاپ بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىشكە ئىلھام بېرىپ، ئىجادچانلىق ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

    تارىخقا نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، مىللىي گۈللىنىشنى ھازىرقى مەنزىلگە ئېلىپ كەلگەن. يېڭى تارىخىي مەجبۇرىيەتكە قارىتا، بىز يېڭى بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلار مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنىنى باشتىن – ئاخىر ساقلىساقلا، ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىدە مۇتلەق غەلىبە قىلالايمىز.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى