ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ئالما ئۆزەك قۇرتىنىڭ تارقىلىشى ۋە زىيان سېلىشى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 10:04   |    ئاپتور :   |   مەنبە :

    ئالمىنىڭ ئۆزەك قۇرتى تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىنىڭ يوپۇرماق پۇرلاشتۇرغۇچى كىچىك پەرۋانە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ لىچىنكىسى مېۋىنى تېشىپ يەپ زەخمىلەندۈرىدىغان بولغاچقا مېغىز قۇرتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    تارقىلىشى ۋە زىيان سېلىشى: ئالما ئۆزەك قۇرتىنىڭ ئەسلىي ماكانى ياۋروپا بولۇپ، ھازىر ياپونىيىدىن باشقا دۇنيادىكى ئالما ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلارنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان، دۆلىتىمىز بويىچە پەقەت شىنجاڭدىلا پەيدا بولىدۇ. ئاساسلىقى ئالما، قۇم ئالما، نەشپۈت، بىيە قاتارلىقلارغا ئېغىر زىيان سالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە شاپتۇل، ئۆرۈككىمۇ زىيان سالىدۇ.

    ئالمىنىڭ ئۆزەك قۇرتى دۇنياۋى خاراكتېرلىك مېۋە زىيانداش ھاشارىتى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ لىچىنىكىسى مېۋىنى تېشىپ ئۇرۇقىنى يېيىشكە ئامراق بولغاچقا، مېۋىنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، مېۋىلەرنىڭ كۆپلەپ تۆكۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بىر دانە لىچىنكا ئۆزھاياتىدا ئىككىدىن ئارتۇق مېۋىنى تېشىپ يەپ زەخمىلەندۈرىدۇ. ئادەتتە بىرىنچى ئەۋلاد لىچىنكىسىنىڭ مېۋىلەرنى تېشىپ زەخمىلەندۈرۈش نىسبىتى %50 ئەتراپىدا بولىدۇ، ئىككىنچى ئەۋلادىنىڭ %80 تىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا پۈتۈن باغدا بىرتالمۇ ساق مېۋىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. كورلا نەشپۈتىنىڭ زىيانغا ئۇچراش نىسبىتىمۇ %60~%50 كە يېتىدۇ.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى