زەنجىۋىلنى ھەر يىلى 4 - ئايدا، يەنى ھاۋا، تۇپراق تېمپېراتۇرىسى ℃16 تىن يۇقىرى بولغاندا تېرىسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئېغىرلىقى 80~50 گىرام بولغان، 2~1 تال تىمەن بىخى بار زەنجىۋىلنى تاللاپ، 500~250 مىللىگىرام - لىتىرلىق ئېتېفونغا 15 مىنۇت چىلاپ، ياتقۇزۇپ، تاق قۇر بويىچە تۈپ ئارىلىقىنى 24~18 سانتىمېتىر قىلىپ، ھەر مو يەرگە 4000~2500 تۈپ تىكسە بولىدۇ. ھەر مو يەرگە 250~150 كىلوگىرام ئۇرۇقلۇق كېتىدۇ. تىكىپ بولۇپ نېپىز بىر قەۋەت توپا بىلەن كۆمۈپ، ئاندىن ئورگانىك ئوغۇت بىلەن كۆمۈپ، ئاخىرىدا ئوت - چۆپ بىلەن باستۇرۇپ قويسا بولىدۇ. يۇمران مايسا مەزگىلىدە ئوغۇتلاپ سۇغارمىسىمۇ بولىدۇ.
5 - ئايدىن باشلاپ، زەنجىۋىل مايسىسىغا سايە چۈشۈرۈش ھەم بەك كۆپ سۇغارماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوتتۇرىنى چاناش، ئوت - چۆپ يوقىتىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خىمىيەلىك دورا ئارقىلىق ئوت - چۆپ يوقىتىشتا، %25 لىك نىتروفېن (除草醚) نەملىنىشچان پاراشوكى ئېرىتمىسىنى تۇمانلىتىپ پۈركۈش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. بۇنىڭدا ھەر مو يەرگە 1 كىلوگىرام ئەتراپىدا توغرىلاپ، 100 كىلوگىرام سۇدا ئېرىتىپ، زەنجىۋىلنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن، تۇپراقنىڭ نەم ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، دورا سۇيۇقلۇقىنى چۆنەككە ۋە ئەتراپتىكى يەرلەرگە تەكشى پۈركۈسە بولىدۇ. دۇئېر (杜尔)، لاسۇ (拉素) قاتارلىق دورىلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
6 - ئايدىن باشلاپ ئۆزەك قۇرتى زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭدا دېكامېترىن تۈرىدىكى دورىلارنى10~7 كۈندە 1 قېتىمدىن پۈركۈسە بولىدۇ، ياكى %90 لىك دىپتېرېكس (敌百虫) ياكى ددۋ نىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى يوپۇرماققا پۈركۈسە ياكى مەركىزىگە قۇيسا بولىدۇ. بىرىنچى قېتىم ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى پۈركۈپ 25~20 كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن يەنە 1 قېتىم پۈركۈش كېرەك. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرى كونا زەنجىۋىلنى يىغىۋالسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈنجۈرە ئوغۇتى ياكى گەندە بىلەن يېتەرلىك ئوغۇتلاپ، توپا يۆلەش كېرەك. زەنجىۋىل ۋاباسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كېسەللىك پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە %90 لىك جياڭۋېننىڭ (姜瘟宁) نىڭ 300 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى «باكتېرىيەگە قارشى دورا - 401» (抗菌剂401) ياكى 20 مىڭ ھەسسىلىك دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان سترېپتومىتسىن سۇلفات (硫酸链霉素) نى سۇدا تەڭشەپ ئېقىتىپ قۇيسا بولىدۇ. %50 لىك ئاموبام (代森铵)، باۋىستىن (多菌灵)، توپسىن (托布津) نىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈسە ياكى چاچسىمۇ بولىدۇ. 7 - ئاي كىرگەندىن كېيىن ۋاقتىدا سۇغىرىپ تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ساقلاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىگەن ۋە كەچتە سۇغىرىش، تېز سۇغىرىپ، سۇ توختىتىپ قويماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، زەنجىۋىل ۋاباسى، ئۆزەك قۇرتى ۋە قىزىلچا تۈن پەرۋانىسى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قىزىلچا تۈن پەرۋانىسىنى يوقىتىشتا، %10 لىك ئەندا (安打) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 2500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ياكى %5 لىك يېئېبىشا (夜蛾毖杀) بىلەن جۈجژبەنلۈ (菊酯伴侣) نى بىرلەشتۈرپ ئىشلەتسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. %5 لىك ئاتابرون (抑太保) نى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى 1 قېتىم تولۇق ئوغۇتلىسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مو يەرگە 30 ~20 كىلوگىرام بىرىكمە ئوغۇت ياكى %30 لىك گەندە - سۈيدۈك ئېرىتمىسىدىن 1500 كىلوگىرامنى زەنجىۋىل مايسىسىدىن 15 سانتىمېتىر يىراقلىققا چۆنەك تارتىپ بەرسە بولىدۇ. ئوغۇتلاشقا بىرلەشتۈرۈپ، بىرىنچى قېتىم توپا يۆلەش، ئەسلى چۆنەك ئارىلىقىدىكى توپىنى زەنجىۋىل تۈپى ئاساسىغا يۆلەپ، چۆنەكنى قىرغا ئۆزگەرتسە بولىدۇ. كېيىن سۇغۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، توپا يۆلىسە بولىدۇ. ئادەتتە 3 قېتىم توپا يۆلىسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
9 - ئاينىڭ باش ۋە ئوتتۇرىلىرى ئۈچىنچى قېتىم ئوغۇتلاش كېرەك. بۇنىڭدا ھەر مو يەرگە 25 كىلوگىرام ئاممونىي سۇلفات ياكى 20 كىلوگىرام بىرىكمە ئوغۇت بەرسە بولىدۇ. ئۆسۈشى كۈچلۈك بولسا، بۇ قېتىمدا ئوغۇتلىمىسىمۇ بولىدۇ. 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىلىرى كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان زىرائەتلەرنى يىغىۋالسا ھەمدە يۇمران زەنجىۋىلنى يىغىپ بازارغا سالسا بولىدۇ.
10 - ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىلىرىدىن 11 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە (قىروۋ چۈشۈشتىن ئىلگىرى) زەنجىۋىلنى ئازراق لاي توپا بىلەن قوشۇپ يىغىپ، قۇرۇتمايلا ئورىغا سېلىپ ساقلىسا ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇرۇقنى ساقلىغاندا ئورا تېمپېراتۇرىسىنى ℃15~℃2 تا، نەملىكنى %95~%90 تە كونترول قىلىش كېرەك.
مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
يايلاقتا يايراۋاتقان قازاق گۈزەللىرى
قاراماينىڭ گۈزەل كەچلىك مەنزىرىسى
گۈزەل جۇڭگو مەنزىرىلىرى