ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى
جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 21 – ئۆكتەبىر پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ‹‹ھوقۇقنى قاتتىق ئىشلىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىش قىلىشتا، ئىگىلىك تىكلەشتە، ئادەم بولۇشتا ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يېڭى ئوبراز تىكلەش›› مەخسۇس تېمىسىدا مەركەزلىك ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرە قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش›› توغرسىىدىكى مول مەزمۇنلۇق سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل – پاراسەت كۆرسىتىش، كۈچ قوشۇش›› خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەلەرنى خىزمەتلىرىمىزگە يېتەكچى قىلىپ، ئۇنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى ئۈنۈملۈك چارىگە، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىزمەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ياخشى يۈرگۈزۈپ، ‹‹ھوقۇقنى قاتتىق ئىشلىتىش››نى سىياسىي كېڭەش خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش››تىكى كونكرېت ئەمەلىيەت داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئەزالار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا، ‹‹ئىتتىپاقلىق›› ۋە ‹‹دېموكراتىيە››دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا، ‹‹سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش››تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەدە، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئۆز – ئۆزىگە بولغان تەلەپنى چىڭىتىشتا، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ‹‹ھوقۇق ئىشلىتىشتە قاتتىق بولۇش›› تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.
نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەخسۇس كومىتېت، باشقارما، ئىشخانىلار سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش ئاپپاراتلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەت خاراكتېرىمۇلازىمەتتۇر. ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، سىياسي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ئالاقىدار كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى، چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، ھوقۇقنى قانۇن ۋە نىزامنامە بويىچە ياخشى يۈرگۈزۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي كېڭەش خىزمەتچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر يىغىنغا قاتناشتى.
مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
يايلاقتا يايراۋاتقان قازاق گۈزەللىرى
قاراماينىڭ گۈزەل كەچلىك مەنزىرىسى
گۈزەل جۇڭگو مەنزىرىلىرى