ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تىل ۋە ئەدەبىيات

مول ھوسۇللۇق ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20- كۈنى 03:59   |    ئاپتور : رەناگۈل خۇدابەردى  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

                                                                               

    مەن يېقىندا قەدىمىي شەھەر قەشقەردە يېتىشىپ چىققان، 50 نەچچە يىللىق يېزىقچىلىق ھاياتىدا كۆپلىگەن نادىر شېئىر، داستان، ھېكايە، پوۋېست، رومان يېزىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تىرىشچان قەلەم ساھىبى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنى زىيارەت قىلدىم. ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭغا ئەدەبىياتنىڭ ئوتى گۆدەك چاغلىرىدا تۇتاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا شېئىر – قوشاق يېزىشقا كىرىشكەن ئىكەن، ئۇ ھازىر ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئاشۇ چاغلاردا يازغان ‹‹ئوغرى مۈشۈك›› ماۋزۇلۇق شېئىرىنى ماڭا شۇنداق ئېنىق دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. ئۇ شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى››ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئانا ۋەسىيىتى››، ‹‹ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق›› ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات قەسىرىگە قەدەم قويغان ئىكەن.

    ھاجى مىرزاھىد كېرىمى 1937 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇمۇشلۇق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇغاندىن كېيىن، 1955 – يىلىدىن 1958 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1959 – يىلى ‹‹سول›› چىل سىياسەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كۆپ رىيازەت چەككەن. نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1993 – يىلى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن پېنسىيەگە چىققان.

    1982 – يىلىدىن باشلاپ ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ‹‹ئالتۇن ئاچقۇچ››، ‹‹قاناتلانغان تىلەك››، ‹‹سۈزۈك تاراملار›› قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، ‹‹ھېيتگاھدا ھېيت كۈنى›› ناملىق داستانلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇ 1984 – يىلىدىن باشلاپ نەسرىي ئەسەر يېزىشقا كىرىشىپ ‹‹نازىنىننىڭ قىلتىقى››، ‹‹ھەسەن – ھۈسەن پارلىغاندا››، ‹‹شېرىن چۈشتىكى قارا كۆلەڭگە›› قاتارلىق ھېكايىلەرنى، ‹‹پەرىزات››، ‹‹يىگىت بولۇۋالغان قىز››، ‹‹بۇغدا قىزى›› قاتارلىق پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان. 1990 – يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ ‹‹جۇدالىق›› (ئۈچ توم)، ‹‹سەئىدخان››، ‹‹سۇلتان ئابدۇرېشىتخان›› (ئىككى توم)، ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ›› (ئىككى توم)، ‹‹سۇلتان مىرزا ئابابەكرى››قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى نەشر قىلىنغان.

    بۇ يىللاردا ئۇ يەنە ‹‹قەلەمنىڭ ساداسى››، ‹‹يىلان ئۇسسۇلىدىن تۇغۇلغان ئويلار››، ‹‹<ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق> پاجىئەسى ۋە تەتۈر قىسمەتلەر›› قاتارلىق يىرىك ماقالىلەرنى ۋە ئەسلىمىلەرنى ئېلان قىلدى، ‹‹بۇغدا قىزى›› ناملىق ھېكايە – پوۋېستلار توپلىمى، ‹‹قاناتلانغان تىلەكلەر›› ناملىق داستانلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇردى.

    ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتدا رومان ئىجادىيىتى، بولۇپمۇ تارىخىي رومان ئىجادىيىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ئانا يۇرتىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرگەچكە، ئۇ يازغان تارىخىي رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن ۋەقە، ھادىسە، يورۇتۇلغان پېرسوناژلار تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىدۇ ھەم ئىختىيارسىز ھالدا ئاشۇ تارىخ ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ.

    ھاجى مىرزاھىد كېرىمى زىيارەت ئاخىرىدا ماڭا مۇنداق دېدى: مەن يازغان بىر ئەسەر 1991 – يىلى 2 – نۆۋەتلىك ‹‹تەڭرىتاغ›› مۇكاپاتىغا، يەنە بىر ئەسىرىم 2010 – يىلى16 – نۆۋەتلىك ‹‹تەڭرىتاغ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇلتۇر ماڭا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ‹‹21 – ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تۆھپىكار شائىر›› دېگەن شەرەپلىك نام بەردى. ھازىر ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، ئارقا – ئارقىدىن بېسىلىپ چىقىۋاتقان توم – توم كىتابلىرىمنىڭ تۈرتكىسى ھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمەت – ئېھتىرامىنىڭ ئىلھامى بىلەن ‹‹قەلبىمدىكى ئۇنتۇلماس ئادەملەر›› ناملىق ئەسلىمەمنىڭ 1 – تومىنى، ‹‹مېنى نېمىشقا تەنقىد قىلمايسىلەر›› ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى ۋە بىر شېئىرلار توپلىمىنى پۈتكۈزۈپ نەشرگە تاپشۇردۇم. مەن ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە، يېڭى ئەسەرلەرنى داۋاملىق يېزىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ قوشىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى