ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - ۋىلايەت ئوبلاستلار

دېھقانلارنىڭ سۇغىرىش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 19- كۈنى 04:39   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخپۇلجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: قاراشەھەر ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتى بويىچە قارا شەھەر ناھىيەسىنىڭ يوڭنىڭ بازىرى شياچاخې كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، دېھقانلارنىڭ ئوق ئېرىقتىن ئېتىز سۇغىرىشى قىيىنلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە، 100 مىڭ يۈەن ياردەم بېرىش، يۆلەش مەبلىغى ئاجرىتىپ، كەنتتىكى تۆت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسىدىكى 20 ئوق ئېرىققا چۈشۈرگە ياساشنى قارار قىلدى.

    چۈشۈرگىلەرنىڭ مۇستەھكەم، پۇختا ياسىلىشى ئۈچۈن، كەنتكە چۈشكەن كادىرلار بىلەن كەنت كادىرلىرى قۇرۇلۇش ئەترىتىدىكىلەر بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، ئېرىقنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا ئاساسەن، ھەر بىر چۈشۈرگىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىر مېتىر، كەڭلىكى ئىككى مېتىر ئاشۇرۇلدى، چۈشۈرگە گەۋدىسى بېتون بىلەن ياسالدى، ھەر بىر چۈشۈرگە ئوق ئېرىقنىڭ تۈگۈنىگە ياسىلىپ، دېھقانلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش قىيىن بولۇش، كۈچ ۋە ۋاقىت خوراش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى، ئېتىز سۇغىرىشتىن كېلىپ چىققان قوشنىلار ئارا تالاش – تارتىش ھەل قىلىندى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى