شېئىر سەمىمىي، گۈزەل، يۇمران، كۆركەم، ئېسىل، نازۇك ھېس – تۇيغۇلارنىڭ جەملىنىشىدىن تۇغۇلغان ئاجايىپ تېتىملىق روھىي سېزىمنىڭ ھاياجانلىق ئىزھارلىنىشى. ئۇنىڭدىن روھىيەتنىڭ ھەقىقىي ساداسى، ئىشق چۇقانى، ۋىجدان مۇقامى ۋە ئېتىقاد – ئىخلاس نېداسى بۇلدۇقلاپ تۇرىدۇ.
شېئىر شائىردىن يۈكسەك دەرىجىدىكى سەمىمىيلىكنى ۋە روھىي، ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، مۇئەييەن دەۋر ۋە شۇ دەۋر كىشىلىرىدىنمۇ ئەزگۈ روھ، سەمىمىيلىك، ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت ۋە ئۆزى ھەققىدە ئىزچىل ئىجادىي ۋە ئىجابىي ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
خوش، شۇنداق ئىكەن، بىر مۇكەممەل شېئىردا بىزنى ئۆزىگە ھەر دائىم جەلپ قىلىدىغان نەرسە زادى نېمە؟ بۇ ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن روھىي مەۋھۇملۇق ۋە تەپەككۇر، قىياس بوشلۇقىدىن تۆرەلگەن تېرەن پىكىرلەرنىڭ جۇلاسىنىڭ بەدىئىي ۋاسىتىلەر ۋە ئويناق شېئىرىي تىلنىڭ ياردىمىدە جۇلالانغانلىقىدا.
مەن بۇ ماقالەمدە ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە خالىس سەرپ ئېتىپ، سەمىمىيلىك بىلەن قان – تەر تۆككەن ئىجتىھاتلىق شائىر ئابدۇلئەھەد ئىسمائىل ئوغلاننىڭ ‹‹جەننەت سېنىڭ ئاياغىڭدا›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن غەزەللىرىنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەققىدىكى تەلقىنلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇپ ئورتاقلاشماقچىمەن:
ئىجتىھاتلىق شائىر ئابدۇلئەھەد ئىسمائىل ئوغلان 1950 – يىلى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى لەڭگەر كەنتىدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىنى ئالغان، كېيىن قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى تاماملاپ، 1985 – يىلىغىچە يېزىدا قايتا تەربىيە ئالغان ۋە مۇئەللىملىك قىلغان. 1985 – يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ‹‹قەشقەر گېزىتى›› ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ مۇخبىر ۋە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شائىر بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن ياش قەلەم كۈچلىرىنى بايقاپ، تەربىيەلەش، ئىلھام بېرىش، يېتەكلەش ئۈچۈن مىننەتسىز قان – تەر تۆككەن. 2008 – يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.
شائىر 1971 – يىلى نەشر قىلىنغان ‹‹تەڭرىتاغ ناخشىسى›› ناملىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئىرادەم›› ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىنى باشلىغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك نەشر ئەپكارلىرىدا ئۇنىڭ ‹‹ۋىجدان نەزمىلىرى››، ‹‹يۇلتۇزلارغا قاراپ››، ‹‹يۈرەك ئوغرىسى››، ‹‹مۇقام ئىشقى››، ‹‹ئۇدۇم قالغان چېغى ماڭا شائىرلىق›› قاتارلىق 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى؛ ‹‹توققۇز باياۋان قەسىدىسى›› ناملىق لىرىك داستانى ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ‹‹بەڭباش قىز››، ‹‹قوغۇنلۇقتىكى لەتىپە›› قاتارلىق كۆپلىگەن ئوچېرىك – ئەدەبىي ئاخباراتى، ‹‹مەھمۇد يۇرتىدا ئالتۇن كۈز››، ‹‹كۆكلەم جىلۋىسى››، ‹‹قەشقەرنىڭ يۈرىكى››، ‹‹ۋاپادار ئېشەك›› قاتارلىق سەھنە باب ئەسەرلىرى سەھنىلەردە ئوينىلىپ، تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىپ، رادىيولاردا ئاڭلىتىلىپ ئىجابىي تەسىر قوزغىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ناخشا تېكىستلىرىمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ‹‹ئانا يۇرت››، ‹‹يۈرەك ئوغرىسى›› قاتارلىق ئونلىغان ناخشا تېكىستلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە 1 –، 2 –، 3 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ‹‹ئۈجمە دەرىخى›› ناملىق نەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، ‹‹توققۇز باياۋان قەسىدىسى›› ناملىق داستانى 18 – قېتىملىق ‹‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئېرىشتى. ئەپسۇس، شائىرنىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئۇتۇقلىرى ھەققىدە سۆز ئېچىشقا كەمتۈكمەن. شۇڭا ئۇنىڭ ‹‹جەننەت سېنىڭ ئاياغىڭدا›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى غەزەللەرنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى ھەققىدە يۈزەكى توختالماقچىمەن:
.1 ئانا ۋەتەننىڭ چەكسىز مېھىر – مۇھەببىتىدە ۋۇجۇدى ئىشقىي بەختىيارلىق ھاياجانىغا چۆمۈلگەن شائىرنىڭ غەزەللىرىدە ۋەتەنگە بولغان ئىپتىخارلىق سۆيۈنۈشى گويا قۇياش نۇرىدەك جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ. شائىر بۇ تۈردىكى غەزەللىرىدە ئۆزىنىڭ ۋەتەن بىلەن بىر جان، بىر تەن ئىكەنلىكىنى، تەقدىرداشلىقىنى، كېندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەننىڭ باغۇ ئېرەمدىنمۇ گۈزەللىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر جېنى ئەمەس، ھەتتا مىڭ جېنى بولغاندىمۇ پىدا قىلسا ئەرزىيدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دالالەت قىلىدۇ. شائىرنىڭ ‹‹كاتتايلاق ھەققىدە غەزەل››، ‹‹قەشقەر يادناملىرى›› قاتارلىق غەزەللىرىدە ۋەتەن، ئانا يۇرتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ۋەتەننىڭ ھالال تۇز – نانلىرىنىڭ جىسمىغا سىڭگەنلىكى، شۇڭا ئۆزگىگە كۆڭۈل بېرىشنىڭ نومۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىخچام ئېچىپ بېرىلگەن. بىز مىسال ئۈچۈن شائىرنىڭ توپلامدىكى‹‹ۋەتەنگە›› ناملىق غەزىلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
جاھاندا، ئەي گۈلى رەنا، سېنىڭدەك ياخشى يار بارمۇ؟
سېنىڭدەك ياخشى يارى بار مېنىڭدەك بەختىيار بارمۇ؟
نومۇستۇر ئۇشبۇ ئۆمرۈمدە سېنىڭدىن باشقا يار تۇتماق،
مېنى سۆيدۈم دېدىڭ شادمەن، كى ئۆزگە ئىپتىخار بارمۇ؟
ئەزەلدىن سىڭدى جىسمىمغا ئۆزۈڭ بەرگەن ھالال تۇز – نان،
ياشايمەن كەڭرى قوينۇڭدا، بۇنىڭدەك ئېتىبار بارمۇ؟
تېشىڭ ئۈنچە، سۈيۈڭ كەۋسەر، توپاڭنى تۇتىيا دەيمەن،
كۆڭۈللۇك سەيلە ئەتمەككە سېنىڭدەك لالىزار بارمۇ ؟
رىزامەن ئىككىلا دۇنيا ساڭا باغرىم يېقىپ ئۆلسەم،
ھامانە زىكرى ئەيلەيمەن سېنىڭدەك گۈل دىيار بارمۇ؟
قارىشىمىزچە بۇ غەزەلنىڭ بىر قانچە نۇقتىلىق ئالاھىدىلىكى بار يەنى ئىنتايىن ئىخچام يېزىلغان. بۇ غەزەل بەش بېيىتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شېئىرىي مىسرالار زەنجىرسىمان زىچ جىپسىلاشقان، شېئىرىي مەزمۇن بىر لىنىيە بويىچە ئەركىن قانات يايدۇرۇلغان، بۇ غەزەلدە ئاۋام چۈشىنەلمەيدىغان بىرمۇ غەيرىي سۆز يوق. مەزمۇنى روشەن، تىلى ئاددىي، سىمۋوللۇق خاراكتېرى ئېنىق. شائىر يار ئوبرازى ئارقىلىق ئانا ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئىپادىلىگەن. شائىرنىڭ يەنە بىر قىسىم غەزەللىرىدە ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مىننەتسىز ياراتقۇچىسى، ئېرالارنى قېرىتىپ، بەتنىيەتلىكنى چىرىتىپ، مۇزلىغان دىللارنى ئېرىتىپ، تاغلارنى تىترىتىپ، ھەممىگە گۇۋاھ – شاھىت بولۇپ غالىب كەلگۈچى مۇقەددەس خەلققە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. شائىر بۇ تۈردىكى غەزەللىرىدە ئوقۇرمەنلەر ۋە ئەۋلادلارنى خەلققە سادىق بولۇپ، ئەجىرگە لايىق جاۋاب قايتۇرۇپ، روھىنى ئۈستۈن تۇتۇپ، ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، قىيىنىنى ئاسان، يىراقنى يېقىن قىلىپ، ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ دىللار تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
.2 شائىر ئۆزىگە خىتاب قىلىش ئارقىلىق ئەلنى ئۇلۇغلاشنىڭ ھەر بىر مۇئەييەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان ئىززەت – ھۆرمەت ئىكەنلىكى، ئەلسىز ۋە ئەلنىڭ مۇھەببەتسىز ھېچقانداق مەۋجۇدلۇقنىڭ زاھىر ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر گۈزەللىك، بەختىيارلىق، ۋىسال ۋە بەخت – ئامەتنىڭ ئەلنىڭ ھىممىتى، نېمىتى، ھېكمىتى ۋە قىممىتى بىلەن ئورگانىك باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىدەك پەلسەپىۋىي پىكىرلىرىنى غەزەللىرىنىڭ ھەر بىر تاۋۇشلىرىدا جاراڭلىق ئىزھار قىلغان. شائىرنىڭ بۇنداق مەزمۇندىكى غەزەللىرى بۈگۈنكى كۈندە ئاجايىپ رېئال ئەھمىيىتى بىلەن ھەممىمىزنى ئۆزىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن قايتا ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ. شائىرنىڭ ‹‹ئۇيغۇر نېنى››، ‹‹تارىم قىزى››، ‹‹گۈلچى قىزغا›› قاتارلىق غەزەللىرى يۇقىرىقى پىكىرىمىزنى دەللىلەيدىغان غەزەللەردۇر. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى ‹‹ئۇيغۇر نېنى›› ناملىق قەسىدىسى ئالاھىدە ئېتىبارغا تەۋەدۇر. بۇ قەسىدە 17 بېيىتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، شائىر بۇ غەزىلىدە ئۇيغۇر نېنىنىڭ ئايدەك گۈزەل، كۈندەك كۆركەم، چىمەن ھۆسنىدەك رەڭدار، يۇلتۇزلاردەك نۇرانە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ گاداي – خانغا ئورتاقلىقى...دەك قۇدرىتىنى قانداق ماھارەت بىلەن نامايان قىلغانلىقىنى دەلىللەش يېقىدىن قەسىدىنىڭ ئايرىم بېيىتلىرىنىلا كۆرۈپ ئۆتسەك كۇپايە:
بىر بېقىشتا سۈرىتىڭ ماھىتابان ئۇيغۇر نېنى،
ئىككى باقسام تەلئىتىڭ كۈندەك جانان ئۇيغۇر نېنى.
ئۈچ بېقىپ چېھرىڭنى ئوخشاتتىم چىمەننىڭ ھۆسنىگە،
تۆت نەزەردە بولدى يۇلتۇزلار ئايان ئۇيغۇر نېنى.
بەش نەزەر سالسام ساڭا شەيدا ئىكەن، مۇھتاج ئىكەن،
مەيلى باي، مەيلى گاداي ۋە مەيلى خان ئۇيغۇر نېنى.
ئالتە تەلمۈردۈم كۆزۈم قارچۇقىدا گۈلگۈن شەپەق،
نۇر جۇلاسى سۈپسۈزۈك تاڭدىن نىشان ئۇيغۇر نېنى.
يەتتە باقتىم يەتتە ئىقلىمدىن تېپىلماس سەن كەبى
بىباھا دۇرۇ گۆھەر ئەي قەدرىدان ئۇيغۇر نېنى››
ھەي ئېسىت، بۇ يەرگە كەلگەندە يۈرىكىمنى تۇتۇپ تۇرۇپلا قالدىم، چۈنكى ھەزرىتى نەۋائىنىڭ ‹‹بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى رۇخسارىنى›› باشلانمىلىق مەشھۇر غەزىلى ئىزىدىن يېزىلغان بۇ غەزەل ‹‹يەتتە نەزەر››دىن كېيىنلا باشقىچە بايان تۈسىنى ئالغان. شۇڭا ئۇ دەسلەپتە مېنى نېمىدۇر بىر نەرسىسى كەمدەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويدى. ئويلىنىپ قالدىم، ئۇيغۇر نېنىغا يۈز نەزەرلىك ئىمتىياز، ھۆرمەت ۋە ئىپتىخار بىلەن نەزەر سالسىمۇ ئەرزىيتتىغۇ؟ شائىر قەسىدىسىنى ‹‹17 نەزەر›› بىلەن يېزىپ تاماملاشقىمۇ تامامەن قادىر تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن پىكىرنى بۇنداقلا ئىپادىلىگەندۇ؟ كېيىنچە ئويلىسام، بۇ مۆھتىرەم شائىرنىڭمۇ ئۆزىگە خاس قارىشى، ئىجادىيەت ئېڭى، پىكىر يولى ۋە ئىپادىلەش خاسلىقى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش ئەمەلىيەتتە ھەممىمىزنىڭ ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتى، ھېچكىمنىڭ شائىرنى ئۇنداق يازماي، بۇنداق ياز دەيدىغانغا ھەققىمىز يوق.
.3 شائىر ئابدۇلئەھەد ئىسمائىل ئوغلاننىڭ غەزەللىرى ئىچىدە يەنە ئىشقىي مۇھەببەت تېمىسىدىكى غەزەللەرمۇ خېلىلا سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار سۇبيېكتنى كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئوبيېكت ئۈستىدە يۈرگۈزگەن پىكرىنىڭ نىسبەتەن چوڭقۇرلۇقى، ساپ، پاك ئىنسانىي مۇھەببەتنى يورۇتۇپ بېرىشتە قوللانغان ئىجادىي ئۇسۇلىنىڭ يارقىنلىقى بىلەن ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر.
بارلىق غەزەل ئاشنالىرىغا ئېنىقكى، غەزەللەر دەسلەپ ئىشقىي مۇھەببەت تېمىسىدىلا يېزىلىپ، كېيىنچە باشقا ئىجتىمائىي تېمىلاردىمۇ يېزىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان. بىر تۈركۈم گۇمانست شائىرلار گۈل، بۇلبۇل، مەي، ساباھ، ھىلال، سۈبھىي قاتارلىق ئوبرازلار ئارقىلىق ئۆز قەلبىنى لەرزىگە سالغان ياكى ئىزتىراپلىق تۇيغۇلار ئىلكىدە ئازابلاۋاتقان لىرىك كۈيىنى غەزەل شەكلى بىلەن بايان قىلىپ ئاجايىپ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن، جۈملىدىن بىزنىڭ ئاتاقلىق شائىرىمىز ئابدۇلئەھەد ئىسمائىل ئوغلانمۇ ئەجدادلارنىڭ بۇ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ئجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئىشقىي مۇھەببەت مەزمۇن قىلىنغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر غەزەللەرنى روياپقا چىقىرىپ، خاسلىققا ئىگە قىلدى. بۇنىڭ نەمۇنىسىگە ئۇنىڭ ‹‹يانىمغا كەل››، ‹‹بىر رىۋايەت بار ئىدى››، ‹‹ئون ئالتىدە›› (بەش پارچە) قاتارلىق غەزەللىرىدىن پارچە كۆرۈپ باقايلى:
‹‹بىر رىۋايەت بار ئىدى: ئادەمگە ھەۋۋا يار ئىدى،
بىر – بىرىگە شۇنچە ئامراق دىلرەبا، دىلدار ئىدى.
مېھرىبانلىق، خۇش زەبانلىق، جۈپ قەدىردانلىق بىلەن
سەيلىتىپ جەننەت ئارا شاد – خۇرام ياشار ئىدى.
بىر رىۋايەت بار ئىدى: مەجنۇنغا لەيلى يار ئىدى،
تاغ كېسىپ پەرھات – شېرىن ۋەسلىگە تەشنا – زار ئىدى.
يار سەنەمجان دەپ غېرىپ سۆيگەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ،
ئاھۇ ئەپغانلار چېكىپ تۈن ئۇيقۇدىن بىدار ئىدى.
بىر رىۋايەت بار ئىدى: ۋامۇققا ئۇزرا يار ئىدى،
تاھىرى زۆھرە ئۈچۈن دەريادا ھەم ئاقار ئىدى.
شۇ ساداقەتلەر قېنى، ئىنساب – دىيانەتلەر قېنى،
چىن ۋاپاغا بۇ كۆڭۈل خۇمار ئىدى، خۇشتار ئىدى.
مېھرى – شەپقەت ئىزدىسەڭ، ئوغلان ھىدايەت ئىزدىسەڭ،
سۆيگۈ بىرلە بۇ جاھان باغۇ چىمەن – گۈلزار ئىدى.
قاراڭ، شائىرنىڭ غەزىلىدە كۆتۈرۈپ چىققان پەلسەپىۋى پىكرىنىڭ يۈكسەكلىكىنى! شائىر ئەلمىساقتىن بۇيان ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەت، ئىنساننى پۈتمەس – تۈگىمەس سەۋدالارغا سېلىپ ۋۇجۇد – باغرىنى قانۇخۇناب ئەيلىگەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ‹‹سۆيگۈ بىرلە بۇ جاھاننىڭ گۈلزارلىقى›› نى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئىنسانغا بەختنىڭ تەمىنى تېتىتتى، دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگەن. غەزەلدىكى بۇ پىكىر ھازىر غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ساختا مۇھەببەت داستانلىرىنىڭ بىردەملىك ھايۋانىي ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئەقىدىنى دەپسەندە قىلىپ، مۇھەببەت بېغىدىكى غۇنچىلارنى بىمەزگىل ئۈششۈتۈپ ۋە سولاشتۇرۇپ، ئۈزۈپ تاشلاپ ۋە چەيلەپ، مىللەتنىڭ غۇرۇرىغا داغ تەگكۈزۈپ، ئەخلاقتىن ياتلىشىۋاتقان ئاز ساندىكى ئازغۇنلارغا ئۇرۇلغان ھەق قامچىسىدۇر، خالاس.
ئەمدى شائىرنىڭ ‹‹ئون ئالتىدە›› ناملىق غەزەللىرىدىكى ئايرىم بېيىتلاردىن ھۇزۇرلىنايلى:
گۈل كۆرۈندۈڭ گۈل تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئون ئالتىدە،
گۈل يېشىڭ ئون ئالتىگە نەخ تولدۇرۇپ ئون ئالتىدە.
ئۇز قىلىپسەن كەشتە تىككەندەك گويا گۈلگەشتىنى،
گۈلنىگار گۈل ئۈستىگە گۈل قوندۇرۇپ ئون ئالتىدە.
گۈلشىنىڭنىڭ رەڭگى ئوتقاش، قوينى بىر ئاتەش – لاۋا،
كۈل قىلاي دەمسەن يۈرەكنى كۆيدۈرۈپ ئون ئالتىدە.
بۇ چىمەنگە ئاشىقى مەستانە بولمامدۇ كىشى،
جىلۋىلەنسەڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرۈپ ئون ئالتىدە.
ئەۋۋىلى غۇنچە ئىدىڭكى ئاچىلاي دەپسەن بۈگۈن،
گۈلگە ئامراق دىلنى زوققا چۆمدۈرۈپ ئون ئالتىدە.
...............................................
زاتى ئىنسان جەۋھىرى يەكدانىسەن ئون ئالتىدە،
بىباھا لەئىلى جاۋاھىر كانىسەن ئون ئالتىدە.
تاشمۇ تاش، قاشتاشمۇ تاش، ئەتمەك قىيىندۇر ئايرىۋاش،
ئايرىۋاش ئەتسەم گۆھەر، دۇردانىسەن ئون ئالتىدە.
ئول پەلەك يۇلتۇزلىرى گەر بولسا ئاسمان زىننىتى،
تاڭ سەھەرنىڭ جىلۋىگەر چولپانىسەن ئون ئالتىدە.
كىم ئىشەنگەي ئانچىكى ئەختەر ئۆزۈم چولپان دېسە،
كۆكتە چولپان بىر پەقەت، بىر دانىسەن ئون ئالتىدە.
قايدا يالقۇن، قايدا نۇر، يالقۇنغا بەخشەندە جېنىڭ،
شۆلىنىڭ زوق – شوقىدا پەرۋانىسەن ئون ئالتىدە.
سەن يارالغانمۇ ئەزەل ئالەمنى ھەيران قىلغىلى،
بەلكى ئالەم سېھرىگە ھەيرانىسەن ئون ئالتىدە.
خوپ ياراشىپتۇ ئۇچاڭغا شايى ئەتلەستىن لىباس،
بارچە رەنادىن تۈزۈك يىگانىسەن ئون ئالتىدە.
كۆرسە ھۆسنۈڭنى قىيا باقماس پەرىلەر چېھرىگە،
مەن كەبى ئىشىق ئەھلىنىڭ جانانىسەن ئون ئالتىدە.
شائىر بۇ بىر يۈرۈش ئېسىل غەزەللىرىدە يارالمىشتىنلا تەڭداشسىز گۈزەل، مېھنەتكەش، ئاجايىپ كەشتىچىلىككە ماھىر... ئۇيغۇر قىزىنىڭ بەرنا، كۆركەم، جىلۋىدار، لاتاپەتلىك، ئەخلاقىي پەزىلەتلىك، ئىچى بىلەن تېشى، دىلى بىلەن تىلى بىر بولۇشتەك خاسلىققا ئىگە ئوبرازى مەجازىي ۋاسىتىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۇستىلىق بىلەن يارىتىلغان.
.4 شائىرنىڭ غەزەللىرىدە يەنە ھالال مېھنەتنى قەدىرلەش، سەنئەتكە مۇھەببەت باغلاش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش، بىلىمگە، كىتابقا ئىشتىياق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتەك ئۇلۇغ ئىستەك، ئارزۇ – ئارمانلار تۈن ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرىدۇ. شائىرنىڭ ‹‹غەزەلخانمەن›› ناملىق غەزىلىنى زوق – شوخ بىلەن ئوقۇپ مەنىسىنى چۈشىنەلىگەن ھەر قانداق بىر ئوقۇرمەن قەلىمى، قەلبى ۋە كىتاب – دەپتەرلىرى بىلەن ئادىمىيلىك جاسارىتىگە تولغان، ھايات داۋانلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مېھنەتكەش شائىرنىڭ سىماسىنى ۋە نۇرانە چېھرىنى كۆرگەندەك بولىدۇ:
قەدىم يوللاردا كارۋانمەن، مىنىشكە يوق تۆگە، ئاتىم،
قولۇمدا بىر قەلەم، نەچچە كىتابتۇر بارچە بىساتىم.
ئەقىل تاپسام نېسىپ بوپتۇ ماڭا زەۋقى غەزەلخانلىق،
نە كارۋانكىم غەزەلخانمەن ئۇنىڭ كويىدا ئەس – يادىم.
مېنىڭ ھالىمنى كۆرگەنلەر دېگەي: ئازغۇن، ساراڭ – ئاشىق،
غەزەل ئىشقىدا كۆيمەكلىك ئارامى جان، كۆڭۈل شادىم.
غەزەل پۈتتۈم كۈمۈش قۇمغا ئۆچۈرگەي بەلكى سەلكىنلەر،
ھامان قۇمغا كۆمۈلگەندەك بۇ جىسمىم قەددى – شەمشادىم.
غەزەل پۈتتۈم قىيالارغا، چېكىپ گۈل – گۈل قۇرام تاشقا،
يېنىدىن ئۆتسە شېرىنجان دېسۇنلەر: پۈتتى پەرھادىم.
غەزەل تۆكتۈم ئېقىنلارغا ياشارسۇن دەپ جىرا – ساينى،
جىرا – سايدا بىنا بولغاي بېغىم – گۈلشەنۇ ئابادىم.
غەزەل چاچتىم چىمەنزارغا، چىمەنلەر ھۆسنى رەڭلەنسۇن،
ماڭا بەس شۇ چىمەنزاردا ئېچىلسا سەۋرى ئازادىم.
نېمە قەدرى جاھاندىن نام – نىشانسىز ئۆتسە گەر ئىنسان،
توپا – تۇپراققا ئايلاندى ساناقسىز ئادەمىزاتىم.
ئۇلۇغ يوللار ھامان بىر كۈن بۈيۈك كارۋانغا ئەسقاتقاي،
ئۇنۇتمايدۇ غەزەلخاننى غەزەلخان ئىزچى ئەۋلادىم.
مېنىڭدىن تەمى يوق ئۈچ – تۆت بىتايىن كۈي – غەزەل قالدى،
رىزامەن ساقلىنىپ قالسا پەقەت ‹‹ئوغلان›› لەقەم – ئاتىم.
شائىرنىڭ بۇ سەرخىل غەزىلىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى، ھاياتتا ياخشى نام قالدۇرۇپ، ئەۋلادلار قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ، كامىل ئىنسانلىق تاجىنى كىيىپ، ئىنسانىيەتنىڭ روھىيەت ۋە مەنىۋىيەت كۆكىدە ئەبەدىي جەۋلان قىلىشتەك ئېسىل ئىستىكى ئىپادىلەنگەن. شائىر بۇنىڭدىن باشقا يەنە ‹‹غەزەلخاننى غەزەلخان ئىزچى ئەۋلادلار›› نىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى زاھىر قىلغان. شائىرنىڭ بۇ غەزىلى ‹‹قاپاقنى پۇلغا ئالماي، باراڭغا ھېرىسمەن بولۇپ يۈرگەن›› بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن سەمىمىي بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى بولغۇسىدۇر.
شائىر ‹‹ئامال يوق›› ناملىق 11 بېيىتتىن تەركىب تاپقان، تەپەككۇرىدىكى روشەنلىك جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان، تىلى يېنىك ۋە چۈشىنىشلىك بۇ غەزىلىدە ھاياتنىڭ ھېچكىمگە باقىي ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ‹‹ئوينىسىمۇ ئاخىرەتنى ئويلاپ ئويناپ، پۇشايمانغا قالماسلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى››، غەنىمەت پۇرسەتنى بىلمەي، قەدرىگە يەتمەي، غەپلەتتە كۈن ئۆتكۈزۈپ، غاپىللىققا بەند بولغانلارنىڭ ھايۋاندىن پەرقىنىڭ يوقلۇقىنى، رۇستەم، ھاتەم، لوقمان، مەشرەپ، قەلەندەر، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن كەبى گاداي، شاھ – سۇلتانلارنىڭمۇ ئەجەل ئالدىدا بىئامال، ئۇ دۇنيا ‹‹باقى ئالەم›› گە ئارمان بىلەن كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا ھايات ھەقىقىتىنى شۇنداق خۇلاسىلىغان:
سەن ئەمەس، مەن دېگەنلەر ھايات غېمى يېگەنلەر،
تۈۋرۈك بولماس جاھانغا ئەجەل يەتسە ئامال يوق.
كەلسە ۋاقتى – قارارى ئۇنىڭ نېمە پەرۋايى،
تەلمۈرسەكمۇ ھەر يانغا ئەجەل يەتسە ئامال يوق.
بىزمۇ بىر كۈن كېتەرمىز، كەتمەيمەن دەپ نېتەرمىز،
جايىمىز گۆرىستانغا ئەجەل يەتسە ئامال يوق.
ئۇچۇر بېرىپ جەبرائىل، ھەيۋە قىلىپ ئەزرائىل،
يېقىنلاشتى ئوغلانغا، ئەجەل يەتسە ئامال يوق.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ھايات ھەقىقىتىنى چىن مەنىسىدىن تونۇپ يەتكەن شائىر ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار بولغان ئۆلۈمگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىپ، ياسالمىلىقنى قايرىپ قويۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن بۇ ئۆچمەس پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ غەزەلنىڭ ھەر بىر مىسرا – بوغۇملىرىدىن ئۈمىد، تەسەللىي، ئارمان، قىيالماسلىق تۇيغۇلىرى گويا بۇلاق سۈيىدەك ئوقچۇپ تۇرىدۇ. شائىر ‹‹ھىجران كۈيى›› دېگەن غەزىلىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇ پىكىرنى تولۇقلاپ، تۆۋەندىكىدەك خاسلىقتا ئوتتۇرغا قويغان:
بارمىدۇ گۈلشەن ئارا سولماس گۈلى رەيھان دېگەن،
بارمىدۇ مەڭگۈ يېنىپ ئۆچمەيدىغان گۈلخان دېگەن.
بۇ جاھاننىڭ ئالتە كۈنلۈك مېھمىنى – كارۋانى بىز،
ۋاھ، ھايات سەيناسىغا باقىي ئەمەس ئىنسان دېگەن.
جەمشىدى، رۇستەمى داستان، شاھ سۇلايمانلار قېنى،
ماختىنىپ تاج – تەختىدىن ‹‹ئالامگە مەن سۇلتان›› دېگەن.
مەردۇ مەردانلەر ياشايدۇ تا ئەبەد ئەل قەلبىدە،
سۆيگىنى – دىلدارى بولسا پاك غۇرۇر – ۋىجدان دېگەن.
بىلكى ئوغلان ئەجرى – مېھنەتسىز پاراغەت ئىزدىمە،
گاھى شېرىندۇر ۋىسالدىن پۇرقەتۇ ھىجران دېگەن.
گەرچە شائىرنىڭ بۇ غەزىلى شۇنچىلىك قىسقا بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ئۇلۇغ، قىممەتلىك ۋە رەڭدار تارىخى بىلەن ئۇلۇغۋار ياڭراق ھەقىقەت سىڭىپ، بىزنى ھايات، ئىنسان، ياشاش ۋە ئۆلۈم ھەققىدە چوڭقۇر ئويلارغا سالىدۇ. شائىر ‹‹مەردۇ مەردانە ياشايدۇ تا ئەبەد ئەل قەلبىدە، سۆيگىنى دىلدارى بولسا پاك غۇرۇر – ۋىجدان دېگەن›› دەپ يېزىش ئارقىلىق، ھامىنى بىر كۈنى ئىنسان بېشىغا كېلىدىغان ۋە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئەجەل ئالدىدا تىپىرلاپ، بىچارلارچە بويۇن قىسىپ يۈرمەي، ۋىجدان، غۇرۇرنى رەھنىما قىلىپ ئەل قەلبىدە ياشاش ئۈچۈن مەردانە بولۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلەيدۇ. دېمەك، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇلئەد ئىسمائىل ئوغلان ‹‹غەزەل ئۈچۈن يېتەكچى تېما – ئىشىق مۇھەببەت دەردلىرى، سۆيگۈ ماجىرالىرى ۋە ئۇلاردىن تۇغۇلغان ئەخلاقىي، پەلسەپىۋىي پىكىر – تۇيغۇلار›› بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، رېئال ھايات تەسىراتلىرىدىن ئاپىرىدە بولغان تېمىلار ئۈستىدىمۇ تەپەككۈر يۈرگۈزۈپ، خېلىلا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، بىر مۇكەممەل ئىنسان ئۈچۈن نىسبەتەن مۇھىم ئىستەكلەر ئوچىقىدا چوغلىنىپ، ۋەتەن، خەلق، مىللەت، زامان – ماكان، ئىستەك، ئارمان، دەۋران، شەرەپ – شان، ئەقىدە – ئېتىقاد، غۇرۇر – ۋىجدان، ھايات، ياشاش، ئۆلۈم، مېھنەت ۋە قىممەت ھەققىدىمۇ ئالىيجاناپ روھى پەزىلەت مەيدانىدا تۇرۇپ، قۇرۇلمىسى پۇختا، پىكرى يېڭى، مەزمۇن ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتىن خېلىلا پىشىپ يېتىلگەن، مۇقامى يۇقىرى غەزەللەرنى يېزىپ، ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە ئەبەدىي بېسىقمايدىغان لەززەت پەيدا قىلدى.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى
تۇرپان شورئارشاڭ مەنزىرىسى
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى