ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەجدادلار مىراسى

ئەنئەنىۋى باش كىيىم قاما تەلپەك

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 09- كۈنى 04:25   |    ئاپتور : مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    قاما تەلپەك 9 – ئاي مەزگىلدە تۇتۇلغان تۈلكە ياكى قۇندۇز تېرىسىنى خام ئەشيا قىلىپ تىكىلىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا تۈلكە ۋە قۇندۇزنىڭ يېڭىدىن ئۆسۈپ چىققان تۈكلىرى پارقىراق ھالەتكە كېلىدۇ. مۇشۇ ۋاقتىدا تۇتۇلغان تۈلكە ياكى قۇندۇزنىڭ تېرىسىدە ئاندىن قاما تەلپەك تىكىشكە بولىدۇ.

    قاما تەلپەك نەپىس، يارىشىملىق تىكىلىدىغان بولغاچقا، ئالدى بىلەن باي ئائىلىلەرنىڭ خوتۇن – قىزلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان. ئۇلار قاما تەلپەكنى بايلىقنىڭ، يۇقىرى مەرتىۋىنىڭ، ئابرۇينىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كىيگەن. 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىنىڭ بېشىغىچە ئۇيغۇر تويلىرىدا يىگىت تەرەپ قىزغا تويلۇق مال قاتارىدا مەخسۇس قاما تەلپەك ئالاتتى. قىزلار ئەتلەس كۆڭلەك، قاما تەلپەك كىيىپ جامائەتنىڭ ئالدىغا چىقاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرى ھېيت – ئايەم، توي، مەشرەپ، نورۇز قاتارلىق خۇشاللىق كۈنلەردە قاما تەلپەك كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.

    ھازىر قاما تەلپەك ئىستېمالدىن قالغان ياكى ھازىرقى دەۋر باش كىيىملىرى ئىچىدە مودىدىن قالغانمۇ ئەمەس، پەقەت بىر مەزگىل كىيىش ئۇنتۇلۇپ قالغان خالاس. ئەمەلىيەتتە قاما تەلپەك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى بولۇپ، تولىمۇ چىرايلىق، يارىشىملىق بولغاچقا، ئاياللارغا گۈزەللىك، سالاپەت بېغىشلايدۇ.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە