ھازىر ئاياللارنىڭ قول سومكا ئېسىشى دۇنياۋى خاراكتېرلىك ھادىسە بولۇپ قالدى. سومكىلارنىڭ باھاسىمۇ نەچچە ئون يۈەندىن نەچچە يۈز يۈەنگە قەدەر بولۇۋاتىدۇ، تۈرلىرىمۇ كۆپ، شەكىللىرىمۇ خىلمۇخىل. سومكىلار ھازىرقى دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە تېخىمۇ جۇلالانماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول سومكىسى بولغان تورۋا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇ ھازىرقى قول سومكىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى شەكلى ۋە ئاساسىدۇر.
تورۋا تۆت بۇرجەكلىك بولۇپ، ئالدى يۈزىگە چىرايلىق گۈل چىقىرىلىدۇ، ئاستى ئىككى بۇرجىكىگە رەڭلىك يىپلاردىن چۇچا بېكىتىلىدۇ، ئۈستى ئىككى بۇرجىكىگە توقۇلما شوينىدىن باغ بېكىتىلىدۇ.
تورۋىنى ئەڭ بۇرۇن پادىچىلار يېنىغا ئېسىۋېلىپ، نان، يەل – يېمىش قاتارلىق نەرسىلەرنى سېلىۋالاتتى. كېيىن ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى كېڭىيىپ، ھازىرقى دەۋر قول سومكىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە مۇھىم ئاساس سالغان. ھازىر تورۋىنىڭ شەكلى تېخىمۇ نەپىسلىشىپ توقۇلغاچقا، سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا، ھازىر بازارلاردا نەپىس توقۇلغان تورۋىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى
تۇرپان شورئارشاڭ مەنزىرىسى
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى