ئىستانسىمىز خەۋىرى:
تۈنۈگۈن كەچتە، گۇچۇڭ ناھىيىسىدىكى ھەر مىللەت ئاياللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.
گۇچۇڭ ناھىيىسىدىكى تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئىچى ئالاھىدە بىزەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ داڭلىق مودىللار سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن گۇچۇڭ ناھىيىسىدىكى گۈزەل قىزلار ئۇچىسىغا مىللىيچە كىيىم ۋە زىياپەت كىيىملىرىنى كىيىپ جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلىپ سەھنىگە چىققىنىدا، ساراينىڭ ئىچىدە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. تاماشىبىن پەن لۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى «8- مارت» ئاياللار بايرىمىدا بىز ئاساسەن ئىدارىمىزدا ئاددىيلا پائالىيەت ئويۇشتۇرۇپ ئۆتكۈزەتتۇق ياكى ئۆيدە ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن ئۆتكۈزەتتۇق. بۈگۈن ھەممەيلەن يىغىلىپ، ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرگەچ ئۆتكۈزۈپ تۇلىمۇ خوش بولدۇق ھەم ناھايىتى ئېسىل مەنىۋى ئوزۇققا ئېرىشتۇق. بۇ يىلقى «8- مارت» ئاياللار بايرىمى ھەقىقەتەن بەك ئەھمىيەتلىك ئۆتتى.
سەنئەت كېچىلىكىدە يەنە نەق مەيداندا ئىلگىرىكى بىر يىلدا جاپالىق خىزمەت ئىشلىگەن ھەر قايسى سەپلەردىكى تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان «8- مارت» قىزىلبايراقدار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس، ئەڭ گۈزەل ئانا، ئەڭ گۈزەل ئائىلە، ئايال تۆھپىكارلار ئۈلگىسى، ئايال بىيىش ماھىرى قاتارلىق 23 ئىلغار كوللىكتىپ ۋە 55 ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى. تەقدىرلەنگەن ئايال بىيىش ماھىرلىرى ئىچىدە، گۇچۇڭ ناھىيىسى مېينيۇ سۇغۇق يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ باشلىقى لى جياۋېن مۇنداق دېدى: ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىگىلىك تىكلەش ھەقىقەتەن ئوڭاي ئەمەس. ئەمما ئۆزەمنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ئۆزەم ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆز ئارتۇقچىلىقىمنى نامايەن قىلماقچى بولدۇم. مەن ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى يېتەكلەپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بۇ كەسپنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزماقچى.
نەق مەيداندا، 4 ئايال كارخانىچى يەنە نامرات ئانىلار ۋە بالىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 150 مىڭ يۈەن مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش پۇلى ئىئانە قىلدى.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى
تۇرپان شورئارشاڭ مەنزىرىسى
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى