ئىستانسىمىز خەۋىرى:
3-ئاي--- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 14- قېتىملىق پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇش ئېيى. مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى ماناس ناھىيەسىدە «گۈزەل شەھەر بەرپا قىلىش» پىدائىيلار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. نەچچە مىڭ پىدائىي كوچىلارغا چىقىپ تازىلىق قىلىپ، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىشقا تۇتۇش قىلدى.
پىدائىي يىن يۈتىڭنىڭ پىدائىيلار پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقىنىغا 5 يىل بولغانىدى. ئۇ پىدائىيلار مۇلازىمەت qq توپى ئارقىلىق 10دىن ئارتۇق پىدائىينى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇشۇ 5 يىلدا، گەرچە داغدۇغا قوزغىغۇدەك چوڭ ئىشلارنى قىلالمىغان بولساقمۇ، ئەمما باشقىلارغا ئىللىقلىق ۋە مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈشنى خوشاللىق دەپ بىلدۇق. مەن پىدائىيلارنىڭ بىر ھەر ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىشىنىڭ زور تەسىر پەيدا قىلالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.
پىدائىيلار يەنە 5- مارتتىكى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش كۈنىدە كوچىلارغا چىقىپ تازىلىق قىلىپ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى قوغداپ، مەدەنىي بولۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىدى. ئىگىلىنىشچە، بۇلتۇر 3- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن ئېتىبارەن، ماناس ناھىيەسى ھەر ئاينىڭ ئاخىرقى جۈمە كۈنىنى «ماناس ناھىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە، ناھىيە بويىچە 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىگە قاتناشقان.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى
تۇرپان شورئارشاڭ مەنزىرىسى
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى