ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى مەدھىيەلەنگەن ‹‹پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى››، دېگەن ناخشىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆمرىنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىش، ئەسەر يېزىشقا بېغىشلىغان ئاتاقلىق پېداگوگ، فولكلورشۇناس، خەلق ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى ئابدۇكېرىم راھمان ئاكا كۆز ئالدىمغا كېلەتتى، 15 – يانۋار بۇ ئالىم بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مۇيەسسەر بولدۇم. 75 ياشنىڭ دەرۋازىسىنى چەككەن بۇ پېشقەدەم ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ھاياتىدىن خۇلاسە چىقارغاندەك مۇنداق دېدى: 55 يىللىق ھاياتىم ئالىي مەكتەپتە دەرس ئۆتۈش، ئەسەر يېزىش بىلەن ئۆتتى، ھاياتتىن ئىبارەت شاھمات تاختىسىدىكى ‹‹ئات›› بولالمىساممۇ، ‹‹پېشكا››لىق رولىنى ساقلاپ كەلدىم. سوقراتنىڭ ‹‹يالغۇز بىر تەڭرى بار – ئۇ بىلىمدۇر، يالغۇز بىر شەيتان بار – ئۇ نادانلىقتۇر›› دېگەن ھۆكۈمىنى روھنامە قىلىپ كەلدىم. ئەگەر ئەزرائىل ‹‹ھاياتىڭدا نېمە ئىش قىلدىڭ›› دەپ سورىسا، دۇدۇقلىماي ئۇستاز بولۇپ ئوقۇغۇچى تەربىيەلىدىم، 200 پارچە ئىلمىي ماقالە، 30 پارچە كىتاب، 50 پارچە شېئىر – نەسىر يېزىپ جامائەتكە تەقدىم قىلدىم، دەپ جاۋاب بېرىمەن.
20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ تۈركىيە، گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە 30 نەچچە قېتىم خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىپ مەخسۇس تېمىلار بويىچە لېكسىيە سۆزلىگەن، نۇقتىلىق تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىشقا قاتنىشىپ ۋەتەن، خەلققە زور شان – شەرەپ كەلتۈرگەن ئابدۇكېرىم راھمان ئاكا ماڭا مەھمۇد كاشىغەرى باشلىغان مەرىپەت دەرياسىنىڭ ئېقىنىنى كېڭەيتىپ، سۈيىنى ئۇلغايتىدىغان يېڭى كەشپىيات، ئىختىرا بۇلاقلىرىنى قېزىپ خەلقنىڭ ئېڭىدىكى نادانلىق، قالاقلىق چاڭ – توزانلىرىنى يۇيۇپ، قەلب ئېتىزلىرىنى مەرىپەت سۈيى بىلەن سۇغىرىپ، مەنىۋى دۇنياسىنى كۆكەرتىشكە بەلباغلىغان جاپاكەش باغۋەندەك بىلىندى.
ئابدۇكېرىم راھمان ئاكا 1940 – يىلى قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ يېزىسىنىڭ بۇچا كەنتىدە تۇغۇلغان. 1959 – يىلىدىن 1964 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە قالغان. 1992 – يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن؛ 1987 – يىلى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپىي بويىچە ماگىستىر – ئاسپىرانت تەربىيەلەش يېتەكچىسى بولغان؛ 1995 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى دوكتورانتلار يېتەكچىسى بولۇپ، خەلق ئەدەبىياتى ۋە فولكلور كەسپىي بويىچە 35 ماگىستىر – ئاسپىرانت، 18 دوكتور تەربىيەلىگەن؛ 1989 – يىلىدىن ھازىرغىچە بەش قارار ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، 1992 – يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان تۆھپىكار مۇتەخەسسىس شەرىپىگە ئېرىشكەن؛ 1964 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە ئالىي مائارىپ قوشۇنى سېپىدە ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى تۈرلىرىدىن ئون چوڭ تۈرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ‹‹جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت قامۇسى››، ‹‹جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت لۇغىتى››، ‹‹جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى››(ئۈچ توپلام)، ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى››، ‹‹جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامى›› قاتارلىق يىرىك تۈرلەرنى يېزىشقا ۋە تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى››(مۇھەممەت زۇنۇن بىلەن ھەمكارلىشىپ)، ‹‹ئەدەبىيات نەزەرىيەسى››(كوللېكتىپ)، ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەزەرىيەسى››، ‹‹ئەدەبىيات ھەققىدە››، ‹‹ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان››، ‹‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر››، ‹‹يىپەك يولى بويىدىكى ئەپسانە رىۋايەتلەر››، ‹‹فولكلور ۋە يازما ئەدەبىيات››، ‹‹مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تۇغۇلغان ھېسلار››، ‹‹ئۇيغۇر مۇقام پېشۋالىرى››، ‹‹ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى››، ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى››(خەنزۇچە)، ‹‹يىپەك يولىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە نەزەر››(خەنزۇچە)، ‹‹20 – ئەسىر ئۇيغۇر ماددىي مەدەنىيىتى››، ‹‹ئۇيغۇر فولكلورى››(تۈرۈكچە)، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە مەدەنىيەت تارىخى››(خەنزۇچە)، ‹‹ئەزىزانە قەشقەر››(ئىككى توم)، ‹‹قەشقەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى››، ‹‹قەشقەر فولكلور مەدەنىيىتى››، ‹‹قەشقەر قول ھۈنەرۋەنچىلىكى››، ‹‹قەشقەر بىناكارلىق سەنئىتى›› قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى ‹‹ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى››، ‹‹ئۆزبېك خەلق داستانلىرى››، ‹‹ئۇيغۇر بېيىتلىرى››، ‹‹ئۇيغۇر خەلق تېپىشماقلىرى››، ‹‹ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى››، ‹‹نوزۇگۇم››، ‹‹تاھىر – زۆھرە›› قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئائىت توپلاملىرى ئۇيغۇر، خەنزۇ، تۈرك، رۇس ۋە ئېنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، فولكلور، مەدەنىيەتشۇناسلىق، سوتسولوگىيە، ئانتىرپولوگىيە قاتارلىق پەنلەرگە ئائىت 180 پارچە ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئابدۇكېرىم رەھمان ئاكا ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋ مۇقام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.
ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئىلىم – پەنگە بېغىشلىغان بۇ مول – ھوسۇللۇق قەلەم ساھىبى ھېلىھەم قەلەم تۇلپارىنى توختاتقىنى يوق. ئۇ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى قايتا رەتلەپ، تۈرلەر بويىچە ئالتە توملۇق كىتاب قىلىپ نەشرىياتقا سۇندى؛ تەتقىقات – كەچمىشلىرى، كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى رەتلەپ ‹‹ھايات تىۋىشلىرى›› دېگەن كىتابىنى تەييارلىدى؛ جالالىدىن رۇمى، شەيخ سەئىدى، نەۋائىي، مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىنى ئاساس قىلىپ، ‹‹1001 ھېكمەت›› (بىر مىليون خەتلىك)ماۋزۇلۇق كىتابىنى مەتبۇئاتقا سۇنۇش ئالدىدا تۇرماقتا.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى
تۇرپان شورئارشاڭ مەنزىرىسى
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى