1. پۇل مۇئامىلە ئانالىزچىسى. بۇ خىل كىشىلەر پۇل مۇئامىلە نەزەرىيەسىگە پىششىق، كەسىپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن دەرىجىلىك پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەتنىڭ ئېلان قىلغان پۇل مۇئامىلە كەسپى ئانالىزى ۋە تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى، سودا بانكىسى، سۇغۇرتا شىركىتى، ئاكسىيە شىركىتى، مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا مەيدانغا كېلىشى بىلەن، پۇل مۇئامىلە ئانالىزچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى تالاشتا قالماقتا.
2. يىغىپ ساقلىغۇچىلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگودا يىغىپ ساقلاش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇلتۇر دۇنيادىكى جۇڭگو مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كىمئارتۇق بازىرىنىڭ ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى 54.88 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، 2013-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %28.8 ئاشقان. جۇڭگو ھۆسنخىتى، رەسىملىرى يەنىلا يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 30.71 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
3. تاراتقۇلار. ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېڭىچە تاراتقۇ كەسىپىمۇ مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. مەخسۇس سەھىپە تۈزگۈچىسى، سەھنە ۋاسىتىچىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى، ئۈن ئالغۇچى قاتارلىق كەسىپلەر يېڭىچە تاراتقۇ تەرەققىياتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالماقتا.
4. كۆچمە ئىنتېرنېت كەسپى. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسىدە جۇڭگودىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز كەسىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى بولۇپ قالىدىكەن.
5. ئادۋوكات. مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزدىكى ئادۋوكاتلار 3 مىليونغا يېتىدىكەن، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالى ئەڭ پارلاق كەسىپكە ئايلىنىدىكەن.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى
تۇرپان شورئارشاڭ مەنزىرىسى
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى