ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەدەبىي ئەسەرلەر

تۈرگۈنۈم

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 06- كۈنى 03:06   |    ئاپتور :  غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار  |   مەنبە : خەلق تورى

    

    1

    چىرايىڭدىن بالقىپ تۇرار نۇر- زىيا،

    بىر جۈپ كۆزۈڭ كېلەچەككە تىكىلگەن.

    تىنىقلىرىڭ ئائىلەمگە ئاب- ھاۋا،

    سەن كەلگۈسۈم ۋۇجۇدۇمدىن ئېكىلگەن.

    يايلىۋالغىن قۇچاق ئاچاي قوزام دەپ،

    زىمىستاندا باھارىڭمەن، ئەركىلە.

    ھىدلىرىڭغا قېنىۋالاي بالام دەپ،

    چاڭقىغاندا شەربەت بولاي، مەكىلە.

    2

    مەپتۇن قىلار يېزا- سەھرا تۇرمۇشى،

    ھەيران قىلار غەمسىز يۈرگەن بالىلار.

    تاپشۇرۇقلار خۇددى جاھان ئۇرۇشى

    رىۋايەتتەك بىلىنىدۇ دالىلار.

    سوئاللىرىڭ گويا قۇمنىڭ دانىسى

    تۆكۈلىدۇ تىللىرىڭدىن تورۇكلاپ.

    ھەيرانلىقىڭ تەسەۋۋۇرنىڭ ئانىسى

    سوئاللىرىڭ قالمىسىكەن بىجاۋاب.

    3

    ئادىمىيلىك مىزانىڭدۇر ھەقىقەت،

    بېسىپ چۈشسەم دەيسەن ھەردەم ھەممىنى.

    شۇ ئىرادەڭ ھەمراھ بولسۇن تا ئەبەت،

    تېتىمىدىڭ ئاچچىق- چۈچۈك تەمىنى.

    قۇت تىلەيمەن مېنىڭ بەختىم — كۈلگىنىڭ،

    غۇرۇر- ۋىجدان ئوتى پەسلەپ قالمىسۇن!

    يۈرەك پارەم، ئىزباسارىم تۈرگۈنۈم،

    ئىنتىلىشىڭ قاناتلانسۇن، ھارمىسۇن!

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە