بەزىدە كۆڭۈلسىز ئىشلار كاللىمىزغا كىرىۋېلىپ بىر كېچە كىرپىك قاقماي تورۇسقا قاراپ ياتقىنىمىزچە «مەن كىمنى رەنجىتىپ قويدۇم ؟ دىل ئازارىغا قالغۇچى مەنلا ئىكەنمەن، زادى قايسى ئىشنى خاتا قىلىپ قويدۇم » دېگەنلەرنى ئويلاپ كېتىمىز.
شۇنداق، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
قىزچاق ئانىسىغا ئۆز دەردىنى تۆكۈپ بەردى. خوجايىنى ئۇنىڭ ئىككى كۈنلۈك مائاشىنى تۇتۇپ قاپتۇ، ئوغۇل دوستى ئۇنى تاشلاپ، ئەڭ يېقىن دوستى بىلەن تېپىشىۋاپتۇ... تۇرمۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن زېرىكىشلىك بىلىنىپ، خىزمەتكە رايى يوق، ھەممە ئىش تەتۈرىسىچە بولىۋاتقاندەك بىلىنىپ، مىجەزىمۇ ئوساللىشىپ كېتىپتۇ. قىزنىڭ ئانىسى ئەقىللىق ئايال بولۇپ، قىزىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئۇنى بۇ بۇرۇختۇمچىلىق ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنى بىلىدىكەن.
-بالام، ھازىرچە بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئويلىماي تۇرغىن. مېنىڭ تورت ياسىشىمغا قارا، -دەپتۇ ۋە قىزىنى قولتۇقلاپ ئاشخانا ئۆيگە ئېلىپ كىرىپتۇ.
ئانا تورت ياساش ئۈچۈن قاچا ۋە كېرەكلىك ماتېرياللارنى تەييارلاشقا باشلاپتۇ، قىز ئۈستەل قېشىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئانىسىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە سىنچىلاپ قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئانا:
- قەدىرلىكىم، تورت يىگۈڭ بارمۇ؟ -دەپ سوراپتۇ.
قىز:
-ئانا، ئۆزىڭىز بىلىسىزغۇ، مەن تورت يېيىشكە ئامراق، -دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
-بولىدۇ، -دەپتۇ ئانا، -مانا بۇ سالات مېيىنى ئىچىۋەتكىن.
قىز ھاڭ-تاڭ قالغىنىچە ئانىسىدىن سوراپتۇ:
-نېمىلەرنى دەيدىغانسىز ئانا ، بۇ مۇمكىنمۇ.
-ئۇنداق بولسا بۇ ئىككى خام تۇخۇمنى يەۋەتكىن.
قىز تېخىمۇ ھەيران بولغان ھالدا:
-چاخچاق قىلىۋاتامسىز نېمە ؟
-بولمىسا ئۇندىن ئازراق يەپ باقساڭ قانداق؟
-ياق ئانا، ئۇنى خام پېتى يېگىلى بولسۇنمۇ؟
ئانا كۈلۈپ كېتىپ مۇنداق دەپتۇ:
-دېگىنىڭ توغرا قىزىم، تورت ياساشقا كېتىدىغان بۇ خام ماتېرىياللار تېخى پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن بولغاچقا يېيىش تەس بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنى يۇغۇرۇپ، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن، يۇمشاق ھەم مەززىلىك تورت پىشىپ چىقىدۇ. كىشلىك ھاياتمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، قىيىنچىلىق ۋە كاج تەلەي تۇرمۇشتىكى گۈزەللىكلەر بىلەن قايتا يۇغۇرۇلۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن، ھاياتىمىزنى تەڭداشسىز مەزمونغا، مەززىلىك تورتقا ئايلاندۇرالايدۇ.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى
تۇرپان شورئارشاڭ مەنزىرىسى
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى