ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەجدادلار مىراسى

شاھانە ئەسەرنىڭ يېڭى جۇلاسى 

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 05- كۈنى 02:48   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››نىڭ شۆھرىتى يەنىمۇ ئاشىدۇ

    ئۈرۈمچى ‹‹ئېرپان›› ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش دىرېكتورى ئابدۇللا ئۆمەر‹‹قۇتادغۇبىلىگ››نىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى نەشر قىلىش مۇددىئاسى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: ‹‹قۇتادغۇبىلىگ›› داستانى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەسەر، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر. مەن بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئەسەرنى قايتا – قايتا ئوقۇغانىدىم، شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى زور بولۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان كارخانىچىلىرىغا بېرىدىغان مەنىۋى ئوزۇقىمۇ كۆپ بولىدۇ، دەپ قارايمەن. شۇ ۋەجىدىن، بىز 2012 – يىلى ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››نىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئىشلەپ بازارغا سالغانىدۇق، بۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولدى. ئىلگىرى تەتقىقاتچىلار ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››نى تەتقىقات نۇقتىسىدىنلا كۆرەتتى، 2012 – يىلى ئۇنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى چىققاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئادەملەر بۇ بۈيۈك ئەسەرنى ئائىلىلەردە، ئاپتوموبىللاردا ئاڭلاپ، يېتەرلىك زوق ئالىدىغان بولدى، ياشانغانلار، ھەتتا بالىلارمۇ ئۇنىڭدىكى ھېكمەتلەردىن، ئىلمىي قاراشلاردىن خەۋەردار بولالايدىغان بولدى. بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى ئالقىشلانغاندىن كېيىن، مىللىتىمىزنىڭ بۇ شاھانە ئەسىرىدىن باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىمۇ بەھرىلەندۈرۈش، بۇ ئارقىلىق مىللىتىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، مىڭ يىل ئىلگىرىكى خەلقىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى نەشر قىلدۇرۇشقا تۇتۇش قىلدۇق. بۇ ئەسەرنى ئىلگىرى ليۇ بىڭ، جاۋ خېڭچاۋ، خاۋ گۈەنجۇڭ قاتارلىقلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن. بۇ ئۈچ خىل نەشر نۇسخىسى نەزمىي شەكىلدە تەرجىمە قىلىنغاچقا، ئاساسەن تەتقىقات ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، ئۇنىڭ ئاۋام ئارىسىدا تارقىلىشىمۇ تۆۋەن بولغان ئىكەن. ھازىرقى ئىنتېرنېت دەۋرىدە بۇ كىلاسسىك ئەسەرنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئۇستازلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ، تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەت ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ نەسرىي نۇسخىسىنى خەنزۇ تىلىغا قايتىدىن تەرجىمە قىلدۇردۇق ھەم ئۇنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مەخسۇس نەسىر ئوقۇپ، جۇڭگو ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزۈۋاتقان داڭلىق دىكتور، رىياسەتچى ياۋ كېغا 17 سائەت ئوقۇتۇپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلىدۇق.

    بۇ ئەسەرنىڭ نەسرىي نۇسخىسىنى خەنزۇ تىلىغا قايتىدىن تەرجىمە قىلدۇرۇشتا مۇنۇلارنى مەقسەت قىلدۇق، بىرىنچىدىن، ‹‹قۇتادغۇبىلىگ›› ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شاھانە ئەسىرى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئەسەرنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يېزىپ، ئۇنى شۇ دەۋردىكى قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خانىغا سوۋغا قىلغان ئىكەن. بۇ ئەسەرگە شۇ ۋاقىتتىكى نۇرغۇن قائىدە – قانۇنلار، ئەدەپ – ئەخلاققا، ھەرقايسى كەسىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا، مەلۇم جەھەتتىن بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى، دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا‹‹قۇتادغۇبىلىگ›› داستانى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى روھىي ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتە ناھايىتى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، تەڭدىشى يوق ئەسەر، دېيىشكە بولىدۇ، شۇڭا باشقا مىللەتلەر ئۇيغۇر مىللىتىنى چۈشۈنۈشتە ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ ئەسەرگە مۇراجىئەت قىلىدۇ، دېگەن مەقسەتتە ئۇنى مىللەت ھالقىپ تونۇشتۇرۇشنى توغرا تاپتۇق. ئىككىنچىدىن، بۇ بىر مەھسۇلات. شىركىتىمىز 2003 – يىلى قۇرۇلۇپ ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە ئېلېكتىرون لۇغىتى ئىشلەش بىلەن تىجارەت باشلىغان، 2008 – يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، تۈرۈكچە، ياپونچە قاتارلىق سەككىز تىللىق لۇغەتنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپرەك ئالاقە قىلىدىغان تىللارغا بولغان ئېھتىياجىنى قامدىدۇق، 2012 – يىلىدىن باشلاپ ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئىشلەشنى شىركەتنىڭ يەنە بىر تۈرى قىلىپ بېكىتتۇق. ئىلگىرى بىز شىنجاڭ بازارلىرىنىلا نىشان قىلغان بولساق، بۇ قېتىمقى مەھسۇلاتىمىزنى ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىنى نىشان قىلىپ ئىشلىدۇق. ھازىر جەمئىيەت كۈندىن – كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، يېڭى ئىلىملار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، كىشىلەر يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ، ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئالدى بىلەن ياخشى كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››دا ناھايىتى كۆپ مەزمۇنلار بايان قىلىنغان، ‹‹قۇتادغۇبىلىگ›› بىر جەھەتتىن، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش دەستۇرى بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن، كارخانىچىلار دەستۇرى، كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ قوللانمىسى، يەنە بىر جەھەتتىن، ئائىلە قوللانمىسى، ئائىلە مائارىپىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەرگە مانا مۇشۇنداق كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەچكە، بۇ مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىدىمۇ بازار تاپالىشىدا گەپ يوق. 

    ‹‹ ئاۋازىم ئارقىلىق بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى باشقىلارغا يەتكۈزەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن››

    ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››نىڭ بۇ قېتىمقى خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى روياپقا چىقىرىشتا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچ چىقارغان مىللەتلەر ئۈن – سىن نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى دولقۇن قادىر مۇنداق دېدى: ‹‹ئېرپان›› شىركىتى بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى روياپقا چىقىرىشقا ئىككى يىل تەييارلىق قىلىپ، زور ھەجىمدىكى بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. بىزدە ئۆزىمىزنىڭ ‹‹ھېكايە››لىرىنى ئۆزىمىزگە سۆزلەپ بېرىدىغان قوشۇن ناھايىتى كۈچلۈك، بۇ ھەقتە نەشر بۇيۇملىرى، ماتېرىياللارمۇ ئىنتايىن كۆپ، يەنە باشقىلارنىڭ ‹‹ھېكايە››لىرىنى بىزگە سۆزلەپ بېرىدىغان قوشۇنمۇ خېلى كۈچلۈك، بىز باشقىلارنىڭ ياخشى ‹‹ھېكايە››لىرىدىن ئۆرنەك ئالىمىز، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىمىز، شۇ ‹‹ھېكايە››لەر ئارقىلىق شۇ مىللەتنى، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىمىز، بۇمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىش. لېكىن، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىۋاتقان، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ھەممە مىللەت، ھەممە دۆلەت ئۇچرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ‹‹ھېكايە››لىرىنى ئاڭلاپلا ئولتۇرساق، ياخشى ئەسەرلىرىمىزنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش جەھەتتە ئىزدەنمىسەك بولمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىز ‹‹قۇتادغۇبىلىگ›› ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ‹‹ھېكايە››لىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ باقماقچى. بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى ئوقۇغان داڭلىق دىكتور ياۋ كې بېيجىڭ شەھىرىدىكى تارقىتىش مۇراسىمىدە ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېگەنىدى: ‹‹ بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى ئاۋازىم ئارقىلىق باشقىلارغا يەتكۈزەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم ھەم سۆيۈندۈم. ئون يىل بۇرۇن مۇشۇ شەرەپكە مۇيەسسەر بولالىغان بولسام، ھاياتىمدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولغان بولاتتى››.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور ئازات سۇلتان بۇ قېتىمقى ئەمگەكنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئەمگەكنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بىز بۇنى ئاستا – ئاستا ھېس قىلىمىز. 1980 – يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››نى نەشر قىلىش خىزمىتىگە بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەبلەغ چىقىرىپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، بۇ ئەسەر ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىم ‹‹ئېرپان›› شىركىتى ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ، ئىككى يىلدا تەۋەررۈك ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئاۋازلىق نەشرىنى چىقاردى، بۇ ئىنسانىيەتكە تەۋە بىر بايلىق، شۇڭا بۇنى تېخىمۇ كۆپ ئادەم كۆرۈشى، تېخىمۇ كۆپ ئادەم بۇنىڭدىن بەھر ئېلىشى كېرەك، بىز مۇشۇنداق مەدەنىيىتىمىزنىڭ، ئۇلۇغ بوۋىلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. مانا مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ نۇسخىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىز بارا – بارا چۈشىنىمىز، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق نۇسخىسى چىققاندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر يېڭىلىق بولۇپ، ھەممىمىز بۇ بالىلارنىڭ ئەمگىكىدىن سۆيۈنگەنىدۇق، ئەمدى ئۇلار بۇ قېتىم تېخىمۇ كەڭرەك ئويلىشىپ خەنزۇچىسىنىمۇ نەشردىن چىقىرىپ مەملىكەت خەلقىگە تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور، چۈنكى، بۇنى دۆلىتىمىزدىكى 1مىليارد 360 مىليون ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئوقۇپ چۈشىنىپ، باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىدىغانلار چىقىدۇ. بۇ ئەسەر ھەممە تىللارغا كېڭەيسە، بۇ چاغدا ئەجدادلىرىمىز ياراتقان بايلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    ‹‹<قۇتادغۇبىلىگ> مېنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان 29 – كىتابىم››

    ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››نىڭ نەسرىي نۇسخىسىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاتاقلىق تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەت بۇ ئەسەرنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەريانى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر بۈيۈك ئەسەر، ئۇنى سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنى تولۇق چۈشىنىش ئىنتايىن زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنى ئىپادىلەشتە قىيىنچىلىقنى ئازايتقىلى بولىدۇ. شۇڭا مەن دەسلەپتە ئەسەرنى قايتا – قايتا ئوقۇپ ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنگەندىن كېيىن، تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇش قىلدىم. شۇنداق قىلساممۇ تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بىر قىسىم مەسىلىلەرگە يولۇقتۇم. بەزى ئابزاسلاردىكى مەزمۇنلارنى توغرا ھەم تولۇق چىقىرىش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كەلدى. ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئىمكانقەدەر سۈپەتلىك، ئەسلىدىكى ئەسەرگە يېقىن چىقىرىش ئۈچۈن 16 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلدىم. بۇ ئەسەر بۇنىڭدىن 30يىل بۇرۇنمۇ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن، بۇرۇنقى ئۈچ خىل تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ھەممىسى نەزمىي شەكىلدە بولغاچقا، مەن تەرجىمە جەريانىدا بۇرۇنقىسىغا سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ، ئەسەرنى بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق، ئوبرازلىق، كىشىلەر ئوقۇسىلا چۈشىنەلەيدىغان، يەڭگىل تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم. ھەممىمىزگە مەلۇم، ‹‹قۇتادغۇبىلىگ›› بىر داستان. بۇ داستاننى يەنە شۇ داستان شەكلىدە تەرجىمە قىلغاندا ۋەزىن، قاپىيەلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەدىئىيلىك جەھەتتىمۇ ئەسەر تىلىنىڭ پاساھەتلىك چىقىشىغا تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا ئەسەرنىڭ بۇ قېتىمقى تەرجىمىسىنى ئىشلىگەندە ئەسەرنى مىڭ يىل بۇرۇنقى ئاشۇ بوۋىمىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك، بۇ بۈيۈك زات گويا قۇلاق تۈۋىمىزدە پىچىرلاۋاتقاندەك ھېسسىياتتا تەرجىمە قىلىپ تۈگەتتىم. خەنزۇچە ئاۋازلىق نەشر نۇسخىسىنىڭ بېيجىڭدىكى تارقىتىش مۇراسىمىغا ليۇ بىڭ ئۇستازمۇ قاتناشتى، ئۇ بۇ قېتىمقى تەرجىمە نۇسخىسىنى مېنىڭ ئىشلىگەنلىكىمنى ئاڭلاپ، قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ناھايىتى ياخشى تەرجىمە قىپسەن، ناھايىتى يېقىشلىق، گۈزەل تەرجىمە بوپتۇ›› دەپ ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم. مەن 1987 – يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ 29 كىتابىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلدىم، ‹‹قۇتادغۇبىلىگ›› مېنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان 29 – كىتابىم.

    ئارمانلار ئالغا ئۈندەيدۇ

    زىيارەت ئاخىرىدا ‹‹ئېرپان›› شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇللا ئۆمەر ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە لۇغەتلەرنى چىقىرىش جەريانىدا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېرىپ تۇرمۇش ئۆگەندىم. بۇ جەرياندا قازاق، قىرغىزلار ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلدى. قازاق بالىلىرى تىلى چىقىشى بىلەنلا ئاباينىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى، ‹‹ئاباي››رومانىنىڭ قانداق ئەسەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قازاق خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىدىكەن. قىرغىز بالىلىرىمۇ ‹‹ماناس››نى ئوبدان بىلىدىكەن، ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن قىرغىز بالىلىرى ماناس ئېيتالايدىكەن. بىزدە ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز، بوۋىلىرىمىزدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىدىغانلار، بۇ ھەقتە تۆت ئېغىز گەپ قىلالايدىغانلار يەنىلا ئاز. 2012 – يىلى ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››نىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق نۇسخىسى نەشردىن چىققاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز بۇ ئەسەرنىڭ قانداق ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشەندى.

    بىز بېيجىڭدا ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››نىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 27 – فېۋرال ئۈرۈمچىدە تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، چۇڭچىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىمۇ بۇ ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، بىر يىلدىن كېيىن ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. 2019 – يىلى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقىغا ئاتاپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇرتى، ئۈچ خىل يېزىق نۇسخىسى، قول يازمىلىرى، ئەسەرنى تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان، ھەرخىل تىلغا تەرجىمە قىلغان داڭلىق ئالىملارنىڭ سۈرەتلىرى، ‹‹قۇتادغۇبىلىگ›› ھەققىدىكى بايانلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، ئۇنى ئىنگلىزچە، رۇسچە، تۈرۈكچە، ئەرەبچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتىمىز. 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە