ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەجدادلار مىراسى

بۆشۈك ھېكايىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 02- كۈنى 04:28   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

 

 

بۆشۈك ھېكايىسى

      بۆشۈك ئۇيغۇرلارنىڭ بالا بېقىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدە ئىجادىيىتى. ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بىرەر بۆشۈك كەم بولمايدۇ.

     بۆشۈك پۈتۈنلەي قولدا ياسىلىدۇ، ياسىلىشى ئاددىي، ئادەتتە رەڭ بېرىلمەيدۇ. ھازىر گەرچە بۆشۈكلەر يەنىلا ياغاچتىن ياسالسىمۇ ئەمما ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىن ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىپ، خۇددىي بىر سەنئەت بويۇمىغا ئوخشاش نەپىس ياسىلىدىغان بولدى. بۆشۈكلەر ئادەتتە ئېگىزلىكى 60 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر، كەڭلىڭى 40 سانتىمېتىر قىلىپ ياسىلىدۇ، نەپىس بېزىلىدۇ. بۆشۈك گەۋدىسى ۋە پۇتىغا ھەرخىل گۈللەر چىقىرىلىپ، ھەرخىل رەڭلەردە بويىلىدۇ.

 
     بۆشۈكلەر مۇقىم بولغان ياي شەكىللىك ياغاچ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقتىن، ئىككى تەرەپكە تەۋرەتكىلى بولىدۇ. بۆشۈككە سېلىپ تەۋرەتسە بوۋاقلارمۇ ئاسان ئۇخلايدۇ. بۆشۈكلەرگە ئانىنىڭ بوۋىقىغا بولغان مېھرى سىڭىدۇ، دەپ قارىلىدۇ، ئۇيغۇرلاردا يەنە بەزى يېڭى شەيئىلەرنىڭ تۇنجى بارلىققا كەلگەن ۋە زورايغان جايلىرىنى بۆشۈك دەپ ئاتايدىغان ئادەتلىرى بار.

     ئۇيغۇر ئاياللار يەڭگىگەندىن كېيىن ئادەتتە 5 كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولغاندا، بالىنى بۆشۈككە سالىدۇ، يەڭگىپ 40 كۈنگىچە ئادەتتە سىرتقا چىقمايدۇ ھەمدە بالىنىمۇ يات ئادەملەرگە كۆرسەتمەيدۇ. بالا تۇغۇلۇپ 40-كۈنى بولغاندا، بالىنىڭ بۆشۈك تويى دەپ ئاتىلىدىغان ئائىلە مۇراسىمى قىلىنىپ، بالىغا بەخت تىلىنىدۇ.


    جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپلەردە، بۆشۈك تويى بولغاندا دوست بۇرادەرلەرنى چاقىرغاندىن باشقا يەنە 40 نەپەر بالىنى چاقىرىپ، بالىلارغا مول تاماقلارنى ۋە كىچىك سوۋغات، تورت-پېچىنە، كەمپۈتلەرنى بېرىدۇ. يەنە ياشتا چوڭراق، ھۆرمەتكە سازاۋەر، تېنى ساغلام، پەرزەنتلىرى تەل، يولدىشى ساغلام ئاياللارنى تەكلىپ قىلىپ بالىنى يۇيۇندۇرۇپ، تىرنىقىنى ئېلىپ، بۆشۈكتىكى بوۋاقققا بەخت تىلەيدۇ. كىشىلەر بۇنداق ئاياللار يۇيۇندۇرسا، بالىلار ۋە بۇ ئائىلىگە بەخت كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە