ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

يۇغۇرلار يۇرتىغا سەپەر

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 01 - ئاينىڭ 16- كۈنى 04:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  شىنجاڭ گېزىتى

   

    ئابدۇرازاق سايىم، غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

    مۇھەررىر ئىلاۋىسى: سېرىق ئۇيغۇرلار裕固族) يۇغۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە باشقا ئۆزگىچىلىكلىرىنى چۈشىنىش مەقسىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ، 2014- يىلى 11- سىنتەبىردىن 16- سىنتەبىرگىچە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەتراپلىق، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق سېرىق ئۇيغۇرلار (يۇغۇرلار) توغرىسىدا مۇكەممەل ماتېرىيالغا ئىگە بولدى. ئوقۇرمەنلەرنى يۇغۇرلار توغرىسىدا بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن قىسقارتىلما بەردۇق

    يۇغۇرلار ئېلىمىزدىكى نوپۇسى ئازراق (2010- يىلىدىكى 6- قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يۇغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 14 مىڭ 378)، تارىخى ئۇزۇن كۆچمەن چارۋىچى مىللەت. يۇغۇرلارنىڭ ئاساسىي ئېتنىك تەركىبىي قىسمى بولغان ئۇيغۇرلار ( 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئورقۇن- يېنىسەي ۋادىلىرىدىن جەنۇبتىكى (گەنجۇدىكى) تەڭرى تاغلىرى ئەتراپىغا كۆچۈپ، گەنجۇ، لياڭجۇ ئەتراپلىرىدا كۆچۈپ يۈرۈپ، خېشى كارىدورىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ قالغان. ئۇلار مىلادىي 7- ئەسىردە خېشى كارىدورىغا كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ھۇنلار، چياڭلار، تۈبۈتلەر (تىبەت خانلىقى)، تاڭغۇتلار، موڭغۇللار بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان، بۇ جەرياندا ئۇلار بىر- بىرىنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىگە ئۇچرىغان. خېشى كارىدورىدا ياشىغان گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى (甘州回鹘) ياكى خېشى ئۇيغۇرلىرى 河西回鹘)) بۇ يەردە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. بۇ خانلىق دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزىگە خاس ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياراتقان ھەمدە باشقا مىللەتلەر بىلەن قويۇق ئارىلىشىش جەريانىدا، ئۆزئارا بىرلىشىپ ئۆزىگە خاس ئايرىم بىر مىللەتلەر توپى− يۇغۇرلارنى شەكىللەندۈرگەن.

    خېشى ئۇيغۇرلىرى گەنجۇ (بۈگۈنكى جاڭيې)نى ئاستانە قىلىپ، شەرقتە لەنجۇ، تيەنشۇي، خېلەنشەن تېغىدىن تارتىپ غەربىي شىمالدا خېلوچۈەن (ئېجىنا دەرياسى ۋە بادەن جىلىن چۆلى)، غەربتە دۇنخۇاڭ ۋە ھازىرقى گەنسۇ، شىنجاڭ چېگراسىغىچە، جەنۇبتا گەنجۇدىكى تەڭرى تېغى ۋە چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىگىچە بولغان جايلارنى كونتىرول قىلغان. بۇ ۋاقىتتا خېشى ئۇيغۇرلىرى ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، غەربىي يۇرت، ھىندىستان- رىم بىلەن سودا ئالاقىسى ئورناتقان. مىلادىيە 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەينى ۋاقىتتا شىمالدا ياشىغان ئاز سانلىق مىللەت چياڭ (羌)لارنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغان داڭشياڭلار نىڭشيا ئەتراپىدا تاڭغۇت دۆلىتىنى قۇرغان، تاڭغۇت دۆلىتى 1001- يىلى خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە چىڭخەي- شىزاڭ رايونىدىكى تاڭغۇتلارغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇڭ سۇلالىسى ۋە چىڭخەي ئەتراپىدىكى تاڭغۇتلار بىلەن بىرلىشىپ تاڭغۇت دۆلىتى بىلەن 30 يىلغا يېقىن ئۇرۇش قىلغان. ئاخىرى تاڭغۇت دۆلىتىنىڭ شاھى لەشكەر تارتىپ گەنجۇنى بېسىۋالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى گەنجۇدىن قېچىپ چىقىپ، قايتا تەشكىللىنىپ، تاڭغۇتلارغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئارقا- ئارقىدىن مەغلۇب بولۇپ، گەنجۇدىكى تەڭرىتېغى (祁连山) تەرەپكە يۈرۈش قىلغان، يولدا قاغان كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان، مىلادىي 1036- يىلى تاڭغۇتلار خېشى ئۇيغۇرلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغان. بۇ يەردىكى ساغان (خېشى) ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر قىسمى شاجۇ (ھازىرقى دۇنخۇاڭ)نىڭ غەربىدىكى تەڭرىتېغى ۋە ئالتۇنتاغنىڭ جەنۇب- شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كۆچۈپ كەلگەن. يەنە بىر قىسمى چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى تاڭغۇت قەبىلىلىرىگە قوشۇلغان.

    يۇغۇر دېگەن بۇ نام ئادەتتە تارىختىكى «سېرىق ئۇيغۇر» ۋە «سارى ئۇيغۇر» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. «سېرىق ئۇيغۇر» سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە تارىم ۋادىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى، يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سېرىق ئۇيغۇرلار ياشىغان رايونلاردا «سارى ئۇيغۇر» دېگەن نام پەيدا بولغان. «سېرىق ئۇيغۇر» ياكى «سارى ئۇيغۇر» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئۇلارنىڭ رەڭگى ياكى ئىرقىغا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئۇلار ياشىغان جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا قارىتىپ ئېيتىلغان سۆز. ئەينى ۋاقىتتا ھۇنلار، ئاۋارلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار ۋە موڭغۇللارنىڭ قەبىلىلەرنى ۋە يۆنىلىشنى رەڭلەر بىلەن پەرقلەندۈرىدىغان ئادىتى بولغان، غەربنى سېرىق، شىمال ۋە مەركەزنى كۆك، جەنۇبنى قىزىل ۋە قارا، شەرقنى ئاق رەڭ بىلەن پەرقلەندۈرگەن. يۇغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي قەبىلىسى غەربىي قىسىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبىدە بولغاچقا، سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان. يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار دەل سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سارى ئۇيغۇرلاردۇر. موڭغۇل ئىستېلاسى دەۋرىدە موڭغۇللار سارى ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار ياشىغان رايونلاردا مەھكىمە تەسىس قىلىپ، ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. يۈەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، خېشى كارىدورى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن، مىڭ سۇلالىسى چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەركەردىلەرنى يەنە چېگرانى قوغداشقا قويۇپ، سارى ئۇيغۇر رايونىدىكى سانغۇن بۇيان تېمۇرنى تىنچلاندۇرغۇچى خان دەپ بەلگىلىگەن ھەمدە سارى ئۇيغۇر رايونىدا ھەربىي تۈزۈمدىكى مەمۇرىي ئورگان تەسىس قىلغان ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىمۇ قورۇقچى بەگلەرنى تۇرغۇزۇپ باشقۇرغان. ئۇلارنىڭ شەرقىي قىسمى موڭغۇل تىلى ئائىلىسىگە تەۋە سېرىق ئۇيغۇرلار، غەربىي قىسمى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە سېرىق ئۇيغۇرلار دەپ ئاتالغان. موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ئۇيغۇر چارۋىچىلىرىنىڭ ئۆرپ- ئادىتى موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، ئۇلار موڭغۇل تىلىنى قوللانغان. ئارىدىن 300 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار شەرققە كۆچۈپ، تەڭرىتاغ (چىليەنشەن) ئەتراپىغا بارغاندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر ياكى موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان «سېرىق ئۇيغۇر» دەپ ئاتىغان.

    سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نېمىشقا موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان سېرى ئۇيغۇرلار بولىدۇ؟ ئەسلىدە ئەڭ دەسلەپكى سېرىق ئۇيغۇرلار ھۇن قاغانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ھۇنلار غەربكە كۆچكەندە، ھۇن ئىتتىپاقىنىڭ بىر گۇرۇھى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ھۇنلارغا ئەگىشىپ غەربكە كۆچكەن. مىلادىي 4- ئەسىردە جەنۇبىي رۇسىيە ۋە ۋېنگىرىيەدىكى ھۇنلار ئارىسىدىمۇ سېرىق ئۇيغۇرلار بولغان. ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە، سېرىق ئۇيغۇرلار موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئالتاي، ئالتۇنتاغ ئەتراپلىرى ۋە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىر تارمىقى ئىدى.

    سۇنەندىكى سېرىق ئۇيغۇرلار «شىجى خاجى» (西至哈志) ياكى «سەجى خاجى»نى دائىم تىلغا ئالىدىكەن. ئاۋۋالقىسى تۈركىي تىللىق سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ، كېيىنكىسى موڭغۇل تىللىق سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپپۇزى بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ «بىزنىڭ ئاتا- بوۋىمىز شۇ يەردىن كەپتىكەن» دەيدىكەن. ئۇنداقتا بۇ جاي زادى قەيەردە؟ 1517- يىلى چاغاتاي خانى مەنسۇرخان مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەۋەتكەن بىر مەلۇماتىدا: «... شيېچۇ (写出)، خاچۇ (哈出)، كۇيۇ (苦峪)دىن ئىبارەت ئۈچ جايدىن ئادەم يۆتكەپ...» دېگەن مەزمۇنلار بار. بەزىلەر بۇ گەپنى ئالتۇنتاغدىكى ئاھالىسى شالاڭ بىر يايلاق، موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان سېرىق ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بۇ يەرنى بىر مەزگىل يازلىق بارگاھ قىلغان، بۇ يەر ئۇلارنىڭ سىياسىي مەركىزى ئىدى، دەپ قارايدۇ. سۇنەندىكى مەدەنىيەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان خەرىتىدە «شىجى خاجى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى لىنىيە كۆرسىتىلگەن، شىجى (西支) دېگەن لىنىيە غەربكە، قومۇل تەرەپكە سوزۇلىدۇ، «خاجى (哈支)» دېگەن لىنىيە دۇنخۇاڭ ئارقىلىق چەرچەن- چارقىلىق تەرەپكە سوزۇلىدۇ. بۇنىڭدىن 400 يىللار ئىلگىرى موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار بىر يامغۇرلۇق سەھەردە «ئەجدادلىرىمىز شەرققە قاراپ مېڭىپ، لاتا كەش كىيىدىغان خەقلەرنىڭ يېنىغا بارساڭلار، مۇنبەت تۇپراق، سۇ ۋە يايلىقى ئەلۋەك ماكانغا ئېرىشىسىلەر دېگەن» دەپ ئاتلىرىغا مىنىشىپ، چارۋىلىرىنى ھەيدەپ شەرققە كۆچكەن. ئۇلارنىڭ كۆچۈش جەريانى تەسۋىرلەنگەن «كۆچ- كۆچ قوشاقلىرى» ھازىرغىچە سېرىق ئۇيغۇر ئەلنەغمىچىلىرى ۋە داستانچىلىرى تەرىپىدىن ئېيتىلىپ كېلىۋېتىپتۇ.

    1949- يىلى 9- ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 1- دالا ئارمىيەسى غەربىي شىمالغا يۈرۈش قىلغاندا، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقاللىرى قەبىلە باشلىقلىرىنى باشلاپ، جاڭيېغا كېلىپ ۋاڭ جېن قاتارلىق قوماندانلار بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە خەلق ئەسكەرلىرى گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ما بۇفاڭنىڭ قالدۇق باندىتلىرىنى تازىلاشقا قاتناشقان. 1953- يىلى 18-ئىيۇلدىن 24- ئىيۇلغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جيۇچۈەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى «(گەنجۇدىكى) تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي باغرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى»نى ئېچىپ، سېرىق ئۇيغۇر، تاڭغۇت (تېبەت)، موڭغۇل، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلىرىنى قۇرۇش ئىشلىرىنى كېڭەشكەن. ئەينى ۋاقىتتا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت نامى ھەققىدە كىشىلەردە ھەر خىل قاراش بولغان. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقالى «ئۆز مىللىتىمىز ئەڭ كەڭ قوللىنىدىغان، ئەڭ توغرا نامى ‹يۇغۇر›نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ رەسمىي مىللەت نامى قىلىش كېرەك» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن «يۇغۇر»نىڭ خەنزۇچە نامى 尧熬尔 نى خەنزۇچە «باياشاد، مۇستەھكەم» مەنىسىدىكى 裕固 بىلەن يېزىش قارار قىلىنغان. 1953- يىلى 13- ئۆكتەبىر گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىگە يازغان دوكلاتىدا 裕固族، يەنى يۇغۇر مىللىتى دەپ ئاتىغان. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى جيۇچۈەن (سۇجۇ)نىڭ جەنۇبىدىكى نەنشەندە ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، ئاپتونومىيە ئورگىنىنىڭ نامى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم رايونى (ناھىيە دەرىجىلىك) دەپ بېكىتىلىپ، 1954- يىلى 2- ئايدا جيۇچۈەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارايدىغان ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان. 1955- يىلى ئاپتونوم رايون نامى «سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى»گە ئۆزگەرتىلىپ، جاڭيې ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان.

   

مۇھەررىر : Mirza

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە