ئابدۇرازاق سايىم، غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
ئېغىز ئەدەبىياتى
يۇغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئاسىيا – ياۋروپا يايلاق كۆچمەن چارۋىچى مەدەنىيەت كاتىگورىيەسىگە تەۋە. يۇغۇرلار 17 – ئەسىردىلا يېزىقتىن مەھرۇم قالغان. خەنزۇ يېزىقى ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە، بولۇپمۇ يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدە، يازما ئەدەبىيات يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن. يۇغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، قەدىمكى تۈرك – رۇنىك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئۆزگەرگەن موڭغۇل يېزىقى، باسپا يېزىقى، تېبەت يېزىقىنى قوللانغان. موڭغۇل يايلاقلىرىدا تىكلەنگەن ئابىدىلەر، ئۇيغۇرچە نوم بىتىكلەر، مانى دىنىغا ئائىت ۋەسىقىلەردىن سىرت، يەنە ھون قوشىقى، ئوغۇزنامە داستانى، تيېلې قوشىقى، شۇنداقلا تۈركىي تىللىق ئەجدادلار ياراتقان خەلق قوشاقلىرىدا يۇغۇرلارنىڭمۇ ھەسسىسى بار.
يۇغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى ئېغىز ئەدەبىياتنى ئاساس قىلىدۇ. 20 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدا رۇسىيەلىك تۈركولوگ مالوف يۇغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى تۇنجى قېتىم توپلاپ رەتلەپ ئېلان قىلغان. دۆلەت ئىچىدە يۇغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىش ئىشلىرى 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى باشلانغان. بەزى توپلام ۋە ژۇرناللارغا يۇغۇر ئەدەبىياتى مىراسلىرى كىرگۈزۈلۈپ، ئالىملارنىڭ يۇغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشىنى بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى 1960 – يىلى نەشر قىلغان ‹‹گەنسۇ خەلق قوشاقلىرى›› دېگەن توپلامغا يۇغۇر قوشاقلىرىدىن سەككىز پارچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يۇغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم يېزىق شەكلىدە ئېلان قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. 1962 – يىلى گەنسۇ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹گەنسۇ خەلق چۆچەكلىرى›› دېگەن توپلامغا يۇغۇرلارنىڭ ‹‹مورا››، ‹‹ئوقياچىنىڭ تۇرنا ئېتىشى›› دېگەن چۆچەكلىرى كىرگۈزۈلگەن. شاڭخەي خەلق نەشرىياتى 1981 – يىلى نەشر قىلغان ‹‹جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن تاللانمىلار›› ناملىق توپلامغا يۇغۇرلارنىڭ ‹‹ئېيتسا، دېسە بىلەرسەن›› ناملىق داستانى، ‹‹شەبنەم›› دېگەن قوشىقى ۋە ‹‹ئۈچ ئالۋاستى بىلەن يىگىت››، ‹‹مورا›› دېگەن چۆچەكلەر كىرگۈزۈلگەن.
يازما ئەدەبىياتى
ھەقىقىي مەنىدىكى يۇغۇر يازما ئەدەبىياتى 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ بېشىدا باشلاندى. ھازىر مەملىكەت ئىچىدە نوپۇزى بار يازغۇچى، شائىرلاردىن تۆمۈر، خې جۇڭ، سۇي چىڭدې، خې جىشىن، دۇمان نامجا، دالۇڭ دۇڭجى قاتارلىقلار بار. ھازىر يۇغۇرلار ئىچىدە جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىدىن ئۈچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ئەزاسىدىن 20 سى، ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزاسىدىن 13ى بار.
يۇغۇر ئەدەبىياتىنى مۇنداق ئۈچ دەۋرگە بۆلۈپ تونۇشتۇرۇشقا بولىدۇ.
بىرىنچى، 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى يۇغۇرلارنىڭ يازما ئەدەبىياتى باشلانغان ۋە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ دەسلەپكى دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن مەزگىل. ئايرىم يازغۇچىلار ئىجادىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كىشىنى سۆيۈندۈرگىدەك نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما يازغۇچى ۋە ئەسەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى جەھەتتىن چەكلىك، نەزەر دائىرىسى تارراق بولغان. 1982 – يىلى جيا چاڭنىڭ ‹‹يۇغۇر نېيى›› قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان، خې جىشىننىڭ ‹‹زەپمۇ چىرايلىق يۇغۇر يايلىقى›› ناملىق شېئىرى گەنسۇ ئۆلكىلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 3 – دەرىجىگە ئېرىشكەن. بۇلار يۇغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شان – شەرىپى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن جاڭيې، جيۇچۈەن قاتارلىق جايلاردا چىقىدىغان مەتبۇئاتلاردا يۇغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ھەمدە شۇندىن كېيىنكى يىللاردا خې جىڭجى، دۇمان نامجالار باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››دا ئېلان قىلىنغان. 1988 – يىلى بەي ۋېنلىننىڭ ‹‹سارامانىڭ شەمشىرى›› ناملىق شېئىرىمۇ ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››دا ئېلان قىلىنغان. بۇ 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا شېئىرىيەت سېپىگە قەدەم قويغان يۇغۇرلاردىن چىققان تۇنجى ئىستۇدېنت شائىر ئىدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ دەۋردە يازما ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر يۇغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس بولۇپ قالدى ھەمدە يۇغۇر يازما ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە غەيرەت – جاسارەت ئاتا قىلدى. ئىككىنچى، 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى يۇغۇر يازما ئەدەبىياتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان دەۋر بولدى. بۇ مەزگىلدە يازغۇچىلار قوشۇنى زورىيىپ، يېڭى مايسىلار يېتىشىپ چىقىپ ، يۇغۇر ئەدەبىياتى باغچىسىغا يېڭى گۈل بولۇپ قوشۇلدى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزگىچىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن تارىخىي ئويلىنىش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەنىدى. ئۈچىنچى، يېڭى ئەسىر يۇغۇر يازما ئەدەبىياتى چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلغان ھەمدە مەملىكەتكە يۈزلەنگەن مەزگىل بولدى. كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق بىر قىسىم يازغۇچىلار مەملىكەت مىقياسىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئوبزورچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. يۇغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكى يازما ئەدەبىياتنى جەلپكارلىققا ئىگە قىلغان بولۇپ، بۇمۇ كۆپ مەنبەلىشىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئىدى. يازغۇچىلار قوشۇنى كۈنسايىن مۇقىملىشىپ ھەم پىشىپ يېتىلىپ، ئۆز مىللىتى ۋە باشقا مىللەتلەر ئارا ئالاقە كۈچىيىپ، كوللېكتىپنىڭ بىرلىشىش كۈچى ۋە ئىنتىلىش كۈچى ئاشتى.
يۇغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى
يۇغۇرلاردا شېئىر، نەسىر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپرەك، ھېكايە، پوۋېست يازىدىغانلار ئازراق. شۇڭا، ئۇلاردا ھازىرغىچە تېخى رومان مەيدانغا كېلىپ باقمىدى. يۇغۇر يازما ئەدەبىياتىمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئوخشاش مەزمۇن، شەكىل ۋە ئىجتىمائىي رول جەھەتتىن يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇ بىر تەرەپتىن يايلاق ئەدەبىيات – سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئورتاق ئالاھىدىلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى
تۇرپان شورئارشاڭ مەنزىرىسى
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى