ھىسار قەدىمىي شەھىرى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىگە 26 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى 1982 – يىلى بۇ جاينى «تارىخىي مەدەنىيەت مىراسى» دەپ بېكىتكەن. ھىسار قەدىمىي شەھىرىنىڭ دائىرىسى 86 گېكتار بولۇپ، تۆت چاسا شەكلىدە، ئىچىدە ھىسار قورغىنى، قورغاننىڭ ئەگمە ئىشىكى، كارۋان سارىيى، مەسچىت، مەدىرىس، چوڭ مەيدان، مەخدۇم ئەزەم مەقبەرىسى قاتارلىق تارىخى ئىزنالار بار. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ جايدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3 – 4 – ئەسىرلەردىلا ئىنسانلار ئولتۇراقلىشىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ «شەھەر» ئاتالغان، شۇنداقلا قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ۋە تۈرلىرى مول مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا نامى چىققان سودا مەركىزىگە ئايلانغان. تاجىكلارنىڭ ئەجدادلىرى دەل مۇشۇ ماكاندا ياشىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى سودىگەرلەر تۇلپار، قوش لوكىلىق تۆگە سودىسى ۋە دەڭ ئېچىش بىلەن داڭق چىقارغان. 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ شەھەرمۇ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.
|
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى
تۇرپان شورئارشاڭ مەنزىرىسى
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى