ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سىياسىي نەزىرىيە

ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش ئاساس

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 01 - ئاينىڭ 05- كۈنى 04:39   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شىنشۈەن

    تارىخنىڭ قەدىمى ئەمدىلا 2015 – يىلىغا تاشلانغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش كۈنىدە پۈتۈن كۈن كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىش، ماھىرلىق بىلەن ئۆگىنىشتەك روھىي قىياپەت بىلەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىپ، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە رەھبىرىي كادىرلارغا ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا بىزگە ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشنىڭ بارلىق خىزمەتنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

    ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. يەنئەندىكى مەزگىلدە، ماۋ زېدۇڭ: ‹‹قوشۇنىمىزدا بىر خىل ئالاقزادىلىك بار، بۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئالاقزادىلىك بولماستىن، بەلكى ئىقتىدار جەھەتتىكى ئالاقزادىلىكتۇر، ئىلگىرى ئازراق بىلىم ئىگىلىگەن بولساقمۇ، ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، بۇ، خۇددى مېلى ئانچە كۆپ بولمىغان بىر دۇكاندىكى نەرسىنى تېزلا سېتىپ بولغاندەك ئىش، ئەگەر سىز بۇ دۇكاننى داۋاملىق ئاچماقچى بولسىڭىز، مال بولمىسا، ئامال قىلالمايسىز، بۇنىڭ ئۈچۈن جەزمەن مال كىرگۈزۈشىڭىز كېرەك›› دېگەنىدى. بۇ يەردىكى مال كىرگۈزۈش ئۆگىنىش دېمەكتۇر. نۆۋەتتىكى كەسكىن ۋەزىيەتتە، دائىم ئۆگەنمىسەك، دائىم ماكرو جەھەتتىن سېلىشتۇرمىساق، مىكرو جەھەتتىن قول سالمىساق، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلىشىمىز، شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز تەسكە توختايدۇ؛ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئاسان ئەمەس، ئۆگىنىشنى كۈچەيتكەندىلا، ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خىزمەتتىكى ئىلمىيلىق، ئالدىن كۆرەرلىك، تەشەببۇسكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتەلەيمىز.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹ئۆگىنىش ئەتراپلىق، سىستېمىلىق، ئىزدىنىش روھىغا باي بولۇشى كېرەك›› دېدى. بۇ، بىزنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنىنىڭ كەڭ، چوڭقۇر، ئەتراپلىق بولۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزنى، ھەم كىتابتىن، ھەم ئەمەلىيەتتىن؛ ھەم ئاممىدىن، ھەم مۇتەخەسسىس – ئالىملاردىن؛ ھەم چەت ئەللەرنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇجى جاڭ چۈنشيەن: ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش››نى تەلەپ قىلدى. باش شۇجىنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىزنىڭ شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى ۋە تۈپ پىرىنسىپى. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەندىلا، خىزمىتىمىزنىڭ توغرا يۆنىلىشتىن ئادىشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم: ‹‹قۇرۇق گەپ ساتمىغاندا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ئەمەلىي ئىش قىلغاندا دۆلەت گۈللىنىدۇ›› دەپ تەكىتلىدى. بۇ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە قۇرۇق نەزەرىيە، قۇرۇق گەپكە قارشى تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. بۇ، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىشنى، شەكىلۋازلىقنى چەكلەپ، بارلىق ئىشلاردا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، مۇقىملىق قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ ھەم ئۇنى خىزمەتنى پىلانلاشنىڭ تەپەككۇرى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەدبىرى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاشنىڭ ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ماھىرلىق بىلەن ئۆگىنىپ، دائىم ئۆگىنىپ، بىلىمنى يېڭىلاپ تۇرغاندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى تونۇش، يېڭى تەسىراتقا ئىگە بولغىلى، دەۋر قەدىمىگە يېتىشىپ ماڭغىلى، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە