ئىسھاقبېك مونۇنوف، قىرغىز، شىنجاڭ ئۇلۇغچاتتىن. 1902 – يىل 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا دادىسىغا ئەگىشىپ رۇسىيەدە سودا بىلەن شۇغۇللانغان. 16 يېشىدا ئىماندار قەبىلىسىنىڭ بېگى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1925 – يىلى دادىسىنىڭ ئورنىدا ئارمىيەگە قاتنىشىپ، چېگرا قاراۋۇلخانىسىدا ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1928 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ فىرۇنزىدا ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەنگەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ يەرلىك قىسىم ئالاھىدە بىرىگادىسىنىڭ كوماندىرى بولۇپ، مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار قۇتراتقان قوراللىق توپىلاڭنى تىنچىتىش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ خاتىرجەملىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇلۇغچات ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئىلىدىكى قازاق، قىرغىز مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە، يۇرتىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە قازاق، قىرغىز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1944 – يىلى 11 – ئايدا غۇلجىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيە 1 – ئاتلىقلار بىرىگادىسىنىڭ كوماندىرى، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى، مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي فىرونتىنىڭ قوماندانى، مىللىي ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، مىللىي ئارمىيە قۇرۇش ۋە ئۇنى زورايتىش شۇنداقلا ئۈچ ۋىلايەت قوراللىق جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشقان. 1946 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى قوشۇمچە ئۆلكىلىك ئامانلىق قوغداش مۇئاۋىن قوماندانى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ‹‹تىنچلىق بىتىمى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان. ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت نامدا بار، ئەمەلدە يوق بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن ئوسمان، خالىقبەگ قوراللىق توپىلىڭىنى تىنچىتىشقا قوماندانلىق قىلغان، مىللىي ئارمىيەنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، ئۈچ ۋىلايەت بازىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە قوغداپلا قالماستىن، يۈز مىڭغا يېقىن گومىنداڭ ئارمىيەسىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىن ئايرىلىپ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىشىنى توسۇپ قالغان، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى بولۇپمۇ غەربىي شىمال ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچلۈك ماسلاشقان. 1948 – يىلى 8 – ئايدا، شىنجاڭ تىنچلىقنى – خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى مەركىزىي تەشكىلات كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلغار كىشىلەر بىلەن بىللە، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت مەسىلىسىدىكى خاتالىقى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئويلىنىش ۋە خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە كىرىشىپ، ئۈچ ۋىلايەتتىكى كادىرلار، ئاممىغا بولۇپمۇ مىللىي ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرگە ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغان. 1949 – يىل 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن غۇلجىدىن يولغا چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايلىنىپ بېيپىڭ(ھازىرقى بېيجىڭ)غا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىشقا ماڭغان. 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، ئولتۇرغان سوۋېت ئايروپىلانى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى بايقال تاغلىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ھادىسىگە ئۇچراپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىللە، بەختكە قارشى 47 يېشىدا قازا قىلغان.
مۇھەررىر : ئامانگۈل
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى
تۇرپان شورئارشاڭ مەنزىرىسى
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى