ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سىياسىي نەزىرىيە

پاراللېل ۋە مېردىيان چۈشەنچىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17- كۈنى 03:24   |    ئاپتور : ئەركىن ئەمەت  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    تەبىئەت ياكى جەمئىيەت ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىشنى نىشان قىلغان ئىلىملەرنىڭ ھەممىسى ھامان شۇ پەنلەرنىڭ مەلۇم نېگىزلىك ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىنى ئوق مەركىزى قىلغان ئاساستا كېڭىيىپ، شاخلىنىپ، چوڭقۇرلاپ بارىدۇ. ئالايلۇق، نۆۋەتتە دۇنيادا فىزىكا ئىلمىدە ھەممە پەن ئىگىلىرىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ رەڭگارەڭ – رەڭ تەرەققىيات، ئىجاد – ئىختىرالار يېقىنقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئاساسچىسى نىيوتۇننىڭ ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى نەزەرىيەسى بىلەن ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ئاساسىدا راۋاجلانغان. ھازىرقى رېئاللىقىمىزدىكى خىمىيە ئىلمىگە ياتىدىغان كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئاجايىپ – غارايىپ يېڭىلىق، كەشپىياتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يەنىلا يېقىنقى زامان خىمىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى لاۋازىلنىڭ ماددىنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتى نەزەرىيەسى ئاساسىدا راۋاجلانغان ھەم شاخلانغان. شۇنىڭغا ئوخشاش يېقىنقى زامان جۇغراپىيە ئىلمىمۇ ئەنئەنىۋى جۇغراپىيە چۈشەنچىسىگە ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان پاراللىل، مېردىيان چۈشەنچىسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئۇنداقتا پاراللىل، مېردىيان چۈشەنچىسى قانداق بارلىققا كەلگەن؟

    جۇغراپىيە ئىلمىدىكى بۇ مۇھىم چۈشەنچىنى تۇنجى بولۇپ روياپقا چىقىرىپ، جۇغراپىيە ئىلمىگە زور تۆھپە قوشقۇچى يۇنانلىق جۇغراپىيە ئالىمى ئېركوسدۇر. مىلادىدىن بۇرۇنقى 344 – يىلى ئېركوس جۇغراپىيەچى سالاھىيىتى بىلەن ئالىكساندىر زۇلقەرنەيىننىڭ شەرققە قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە قاتنىشىپ، قوشۇن بېسىپ ئۆتكەن جايلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋاللىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغان. ئۇ مەيلى شەرققە قانچىلىك يىراقلاپ يۈرۈش قىلىنمىسۇن، مەيلى قىش – ياز بولسۇن بېسىپ ئۆتكەن جايلارنىڭ كۈندۈز ۋاقتىنىڭ تامامەن ئوخشاش دېگۈدەك ئىكەنلىكىنى بايقايدىغان ھەم جەبىلتارىخ بوغۇزى، تولىس، ھېمالايا، تىنچ ئوكيان بويلىرىنى بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە ئېلىپ، تۇنجى كەڭلىك گىرادۇسىنى سىزىپ چىققان. گەرچە ئالىكساندىرنىڭ ئىمپېرىيەسى قىسقا مۇددەت ئىچىدە پارچىلىنىپ بەربات بولغان بولسىمۇ، بىراق كېيىن مىسىردا ئۇنىڭ نامىدا قۇرۇلغان ئالىكساندىرىيە شەھىرىدە مەشھۇر ئالىكساندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ ئۇزاق يىللىق باشلىقى ھەم ماتېماتىك، جۇغراپىيەشۇناس، ئاسترونوم بولغان كۆپ قىرلىق ئالىم ئېستىرون يەر شارىنىڭ دىيامېتىرىنىڭ 46 مىڭ 250 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ھىسابلاپ چىقىپ، يەتتە مېردىيان، ئالتە كەڭلىك گىرادۇس سىزىقى بولغان تۇنجى دۇنيا خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، كەڭلىك، مېردىيان سىستېمىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقان. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە، 1519 – يىلىدىن 1522 – يىلىغىچە ماگىللان يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، يەر شارىنىڭ شار جىسىم ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ، كەڭلىك، مېردىيان گىرادۇسلىرى ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەشكە ئاخىرقى ھىسابتا ئاساس سېلىنىپ، ھازىرقى زامان جۇغراپىيەسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنىڭ ئىنچىكىلىككە، ئىلمىيلىككە قاراپ راۋاجلىنىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان ھەم ئىلىم ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان.

    بىر رايوننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى شۇ رايوننىڭ كىشىلەر نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋاسى تەركىبىدىكى ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى بەلگىلەيدىغان بىردىنبىر مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ رايوندا تارىختىن ياشاپ كېلىۋاتقان قوۋمنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى، كۆپىيىش ئىقتىدارى، ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز – تۆۋەنلىك يەنە شۇ رايونغا چۈشىدىغان قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن زىيىنى بولغان ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقىنىمۇ بەلگىلەيدۇ.

    دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 670 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى تاغ – ئېدىرلىق، چۆللەشكەن زېمىن بولۇپ، پەقەت %4 نى ئىگىلەيدىغان 76 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق بوستانلىق كۆلىمىمۇ تۆت چوڭ ئويمانلىقتىكى 4000 دىن ئارتۇق كىچىك بوستانلىقلارغا تارقالغان. بۇ بوستانلىقلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئاساسەن 800 مېتىردىن 1200 مېتىرغىچە بولغان تۈزلەڭ رايونلار. مەسىلەن: ئۈرۈمچىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 918 مېتىر، قەشقەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1289 مېتىر، غۇلجىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 663 مېتىر، ئالتاينىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 735 مېتىر، تۇرپاننىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 35 مېتىر، كورلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 932 مېتىر، خوتەننىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى1375 مېتىر كېلىدۇ.

    كەڭلىك، مېردىيان گىرادۇسلىرى چۈشەنچىسى جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ ئەڭ ئاساسىي چۈشەنچىلىرىنىڭ بىرى. ھەتتا شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەلۇم رايوننىڭ كىلىماتىغا نىسبەتەن كەڭلىك گىرادۇسى ھەممىنى بەلگىلەيدىغان بىردىنبىر مۇھىم ئامىل. ئەلۋەتتە مېردىيان گىرادۇسىمۇ رايونلار ئارا ۋاقىت پەرقىنى بەلگىلەيدىغان بىردىنبىر مۇھىم چۈشەنچە. بىر رايوننىڭ جۇغراپىيەسى ھەققىدىكى ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ ئەقەللىي بىلىم يەنىلا شۇ رايوننىڭ كەڭلىك گىرادۇسىنى ئالدى بىلەن بىلىۋېلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. مەلۇم جاينىڭ كەڭلىك گىرادۇسى قانچە تۆۋەن بولسا، شۇ رايون شۇنچە ئېكۋاتورغا يېقىن ھەم ئىسسىق بولىدۇ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشىشىمۇ شۇنچە تىك ھەم ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. كەڭلىك گىرادۇسى قانچە يۇقىرى بولسا، قۇتۇپ رايونىغا شۇنچە يېقىن بولۇپ، شۇنچە سوغۇق بولىدۇ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشىشىمۇ شۇنچە يانتۇ ھەم شۇنچە ئاجىز بولىدۇ، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىنىڭ خەۋپىمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ.

    كەڭلىك گىرادۇسى چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، رايونىمىزدا كەڭلىك گىرادۇسى ئەڭ تۆۋەن رايون ھېسابلانغان، يەنى 36 گىرادۇس بولغان خوتەن رايونى ئەڭ ئىسسىق، كەڭلىك گىرادۇسى ئەڭ يۇقىرى رايون ھېسابلانغان، يەنى 47 گىرادۇس بولغان ئالتاي رايونى ئەڭ سوغۇق بولۇشى كېرەك ئىدى. بىراق رايونىمىزنىڭ كىلىماتىدىن مەلۇمكى، بىزدە كەڭلىكى 42 گىرادۇس بولغان تۇرپان رايونى ئەڭ ئىسسىق، ئالتاي رايونى ئەڭ سوغۇق. بۇ يەردە رول ئويناۋاتقان مۇھىم ئامىل مەلۇم رايوننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز – تۆۋەنلىكىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئەتراپى سىبىرىيەنىڭ سوغۇق ئېقىمىنى توسۇپ تۇرالايدىغان تاغ تىزمىلىرى بىلەن قورشالغان، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزى بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك بولغان نىسپىي يېپىق ئويمانلىق تۇرپان ئويمانلىقى مۇشۇنداق ئالاھىدە ئىسسىق كىلىماتنى شەكىللەندۈرگەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىستانبول، قەشقەر، بېيجىڭ شەھەرلىرى ئوخشاشلا شىمالىي كەڭلىك 40 گىرادۇس ئۈستىگە جايلاشقان بولسىمۇ، ئىستانبول شەھىرى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى ئاسىيانىڭ ئىككى گىرۋىكىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقانلىقتىن، تىپىك قۇرغاق رايون بولغان ئاسىيانىڭ مەركىزىي قىسمىغا جايلاشقان قەشقەر شەھىرى بىلەن ھۆل – يېغىن، تېمپېراتۇرا جەھەتلەردىن يەنىلا زور پەرقلىنىدۇ.

    بۇ يەردىكى كەڭلىك گىرادۇسىنىڭ ئۆز رولىنى يوقىتىپ قويۇش ھادىسىسىدە، بىز ئوخشاشلا شىمالىي كەڭلىك 50 گىرادۇسقا جايلاشقان لوندون، بېرلىن، موسكىۋا شەھەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، لوندون، بېرلىن دېڭىز بويىغا جايلاشقانلىقتىن قاتتىق سوغۇق بولىدىغان ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرى موسكىۋادىن كۆپ ئىللىق بولۇپ، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن ھاۋا كىلىماتىغا ئىگە شەھەرلەر ھېسابلىنىدۇ. يەنە ئوخشاشلا شىمالىي كەڭلىك 60 گىرادۇسقا جايلاشقان سىتوكگولىم، خېلىسىنكى، ئوسلو قاتارلىق شىمالىي ياۋروپا شەھەرلىرى ئوخشاش كەڭلىك گىرادۇسىغا توغرا كېلىدىغان سىبىرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر ياقۇتىسكى ۋە دېڭىز بويىغا جايلاشقان سىبىرىيەنىڭ كامچاتكا يېرىم ئارىلى قىشتا نۆلدىن تۆۋەن 40 گىرادۇسقىچە قاتتىق سوغۇق بولىدىغان كىلىماتقا نىسبەتەن قىشلىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 15 گىرادۇس سوغۇق بولىدىغان ئىللىق كىلىماتتا بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى شىمالىي ياۋروپا دېڭىز قىرغاقلىرىغا كېلىدىغان مېكسىكا ئىللىق دېڭىز ئېقىمىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.

    غەربىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ياۋروپانىڭ يۇقىرى كەڭلىك رايونلىرى قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن بولۇپ، ئىنسانلار ياشاشقا ئەڭ باپ. بۇ رايونلار ئوخشاش كەڭلىك گىرادۇسىغا تەۋە سىبىرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، تىنچ ئوكيان بويىدىكى كامچاتكا ئارىلى، كانادانىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي رايونىنىڭ ياز پەسلى ئىنتايىن قىسقا، قىش پەسلى ئۇزۇن ھەم نۆلدىن تۆۋەن 40 گىرادۇستىنمۇ تۆۋەن قاتتىق سوغۇق بولىدىغان، ياشاش قىيىن ئادەمسىز رايونلارغا روشەن سېلىشتۇرما بولالايدۇ. بۇ مۆجىزىلىك ھاياتلىق ئىشىكىنى ئېچىۋاتقان سەۋەب دەل شىمالىي ياۋروپا، غەربىي ياۋروپا قىرغاقلىرىغا دېڭىز ئاستىدىن كېلىدىغان مېكسىكا قولتۇقى ئىسسىق دېڭىز ئېقىمىنىڭ تەسىرىدۇر.

    كەڭلىك گىرادۇسىنىڭ مۇشۇنداق ئۆز رولىنى يوقىتىپ قويۇشىغا، مەلۇم رايوننىڭ كونكرېت جۇغراپىيەلىك جايلىشىشىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى، ئەتراپىدىكى تاغ تىزمىلىرىنىڭ جايلىشىشى، ھەتتا دېڭىز ئېقىملىرىنىڭ يۆنىلىشى قاتارلىق ئامىللارمۇ مۇھىم رول ئويناپ، ئوخشاش كەڭلىكتىكى جايلارنىڭ كىلىماتىدا مۇشۇنداق زور پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، يۇقىرىقىدەك ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن باشقا ۋاقىتلاردا، پاراللىل چۈشەنچىسى ئومۇمىي جۇغراپىيەلىك كىلىمات ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ ياكى بىزنى مۇرەككەپ ھاۋارايى ھادىسىلىرىنى چۈشىنىشىمىزدە مۇھىم كۈزىتىش نۇقتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا ياشلىرىمىز ئۆز يۇرتىمىزنىڭ ياكى دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالىدىن ئەڭ ئەقەللىي بىلىمگە ئىگە بولماقچى بولساق، ئالدى بىلەن شۇ رايوننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى بىلەن كەڭلىك گىرادۇسىغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. ئەمما جەمئىيىتىمىزدە ھازىرقى زامان مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن نۇرغۇن ياشلىرىمىزدىمۇ دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ ئەمەس، ھەتتا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان، ياشاۋاتقان جاينىڭمۇ كەڭلىك، مېردىيان گىرادۇسلىرى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى قاتارلىق ئەقەللىي بېلىشكە تېگىشلىك جۇغراپىيەۋى بىلىمى تولىمۇ يۈزەكى ياكى يوق. ياشلارنىڭ ئەقەللىي پەنلەر ھەققىدىكى بىلىملەرنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە، بىلىشكە ئىنتىلمەي، ئۆزىنى بىلىم ئىگىسى ھېسابلاپ يۈرۈشى، 21 – ئەسىرگە مۇناسىپ تەپەككۇر يولى ئەمەس. 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە