ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سىياسىي نەزىرىيە

داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىن كىم مەنپەئەتلەندى ؟ \ 

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17- كۈنى 03:22   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – دېكابىر تېلېگراممىسى. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ مالىيە تولۇقلىما ئۆلچىمى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ. ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ 2015 – يىلى شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى ھازىرقى ئۆلچەم ئاساسىدا يەنە 40 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، ھەر بىر كىشىگە يىلدا 360 يۈەندىن ئارتۇق تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

    داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش – ساقلىق ساقلاشقا ئاجراتقان مەبلىغى يىلدا %20 تىن ئاشتى. لېكىن، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش – ساقلىق ساقلاشقا ئاجراتقان نۇرغۇن مەبلىغى شەخسنىڭ يۈكىنى قىلچىمۇ يەڭگىللەتمىگەن، ئەكسىچە شەخسنىڭ داۋالىنىش چىقىمى يەنىلا يىلدىن – يىلغا ئاشقان.

    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاسپىرانتلار يۇرتى بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر ھۆججەت نەشرىياتى 9 – دېكابىر بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ‹‹داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى كۆك تاشلىق كىتابى، يەنى جۇڭگو تېببىي دورا ۋە سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى دوكلاتى (2014 – 2015)››نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن شياۋفاڭ مۇنداق دېدى: 2014 – يىلى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كىشى بېشىغا توپلانغان مەبلەغ 1000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى بويىچە ئۆستۈرۈلىدىغان كىشى بېشىغا توپلانغان مەبلەغمۇ 1000 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ. لېكىن، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى بويىچە شەخس تۆلەيدىغان قىسمى يەنىلا 100 يۈەن بولىدۇ، يەنى بۇ پۇلنىڭ %90 ىنى مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مالىيە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىگە توپلىغان مەبلەغنىڭ ئۆستۈرۈلگەن قىسمىغا 2014 – يىلى 814 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان، بۇ نىسبەتنى تۆۋەن دېگىلى بولمايدۇ.

    لېكىن مالىيە تولۇقلىمىسىنىڭ ئېشىشىنىڭ ‹‹كېسەل كۆرسىتىش قىيىن، قىممەت بولۇش›› مەسىلىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە ھەل قىلالايدىغانلىقىغا قارىتا ئىلىم – پەن ساھەسىدىكىلەر ئوخشىمىغان قاراشتا بولدى. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ‹‹داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى كۆك تاشلىق كىتابى››دا ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش – ساقلىق ساقلاشقا سالغان زور مەبلىغىنىڭ شەخسنىڭ يۈكىنى قىلچىمۇ يەڭگىللىتەلمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مال باھاسى ئۆسىدۇ، داۋالىنىشقا كېتىدىغان خىراجەتمۇ كۆپىيىدۇ. لېكىن، CPI نىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرلەشتۈرۈپ داۋالىنىشقا كېتىدىغان خىراجەتنى ھېسابلاپ كۆرگەندە، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ياكى چۈشىشىدىن قەتئىينەزەر، داۋالىنىشقا كېتىدىغان خىراجەتنىڭ داۋاملىق كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار يۇرتىنىڭ پىروفېسسورى ۋېن شۆگو مۇنداق دېدى: مال باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن داۋالىنىشقا كېتىدىغان خىراجەتنىڭ ئاز – كۆپ بولۇشى ئوڭ تاناسىپ تۈزمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ۋە شەخستىن ئىبارەت ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ داۋالىنىشقا كېتىدىغان خىراجەتنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مال باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ داۋالىنىشقا كېتىدىغان خىراجەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك بولۇپ، بۇ داۋالىنىشقا كېتىدىغان خىراجەتنىڭ تېز كۆپىيىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەمەس. تۆت يىلدىن بۇيان، شەخسنىڭ داۋالىنىشقا كېتىدىغان خىراجىتى زور دەرىجىدە كۆپەيدى، ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش – ساقلىق ساقلاشقا سالغان زور مەبلىغى شەخسنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتمىدى. مانا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سالغان زور مەبلىغىنى ئاممىنىڭ ئانچە ھېس قىلىپ كېتەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى.

    مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت مالىيەسى بۇ جەھەتتىكى چىقىمنى ئاشۇرغان بولسىمۇ، ئاغرىقنى يەنىلا دوختۇرخانا داۋالايدۇ. دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسلاھات قەدىمى ھۆكۈمەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشىغا يېتىشمىسە، داۋالاش ھەققى داۋاملىق ئۆسىدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان داۋالاش ھەققى ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يىلىغا %20 تىن يۇقىرى سۈرئەتتە كۆپەيدى.

    بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: داۋالىنىشقا كېتىدىغان خىراجەت ھازىر تېز كۆپەيمەكتە، بۇ ئاساسلىقى ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تېز ئاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىغا ماسلاشتۇرۇپ، داۋالاش ۋە دورا پۇلىنى تىزگىنلەش ‹‹كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

    ۋېن شۆگو مۇنداق دېدى: ھازىر مالىيە سېلىنمىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسراپ بولۇپ، دوختۇرخانا، دوختۇر، دورىخانا ۋە دورا زاۋۇتلىرىغا ئېقىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. لېكىن، ئاغرىقلار بەھرىمەن بولىدىغان مۇلازىمەت ۋە سۈپەت ماس ھالدا ئۆستۈرۈلمىدى، سېلىنما بىلەن ھاسىلاتنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. ھازىر دورا سېتىۋېلىش ۋە دورا باھاسىنى باشقۇرۇش سىياسىتى داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە