يېقىندىن بۇيان رادىئو ئاڭلاش، تېلىۋىزور كۆرۈش ۋە جەمئىيەتتىكى تىلىمىزنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىغا قۇلاق سېلىش نەتىجىسىدە، تىلىمىزنىڭ ئۆلچەملىك ئاغزاكىي ئەدەبىي تىل ئۇسلۇبىدا ساقلىنىۋاتقان، دەرھال تۈزەتمىسە بولمايدىغان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلىدىم:
1. ھازىر بىزنىڭ ئۇيغۇرچە رادىئو ۋە تېلىۋىزىيە ئاڭلىتىشلىرىدا مۇتلەق كۆپ نىسبەتنى ئىگىەللەيدىغان دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىز قولىدىكى يازما ماتېرىيالنى سۆز، سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملە ئىنتۇناتسىيەسى بويىچە ئوقۇماي ھەرپلەر بويىچە ئوقۇيدىغان ساۋاتسىزلىقنى يامرىتىۋەتتى. ئەسلىدە ساۋات چىقىرىش-ئۆلچەملىك ئەدەبىي يېزىق تىلىدا يازالايدىغان ۋە ئۆلچەملىك ئاغزاكىي ئەدەبىي تىل ئۇسلۇبىدا ئوقۇيالايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. ھالبۇكى، بىزنىڭ بىر مۇنچە دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىز ئىككىنچى شەرتنى تېخى ئورۇنلاپ بولالمىغان ساۋاتسىزلار ئىكەنلىكى بىزنى پۈتمەس ئازاپلارغا مۇپتىلا قىلماقتا. ئەسلى مۇزىكىدەك يېقىملىق، ئېقىن سۇدەك راۋان، زۇمرەتتەك تېنىق، بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىدەك راھەتبەخش تىلىمىز مۇشۇ دىكتور، رىياسەتچىلەرنىڭ زۇۋانىدىن ياڭراۋاتقان ئۆلچەمسىز تەلەپپۇزى ۋەجىدىن قۇلىقىمىزغا گويا مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك، گۈزەل گۈلىستاندا ئېشەك ھاڭرىغاندەك، ئارامبەخش چاھارباغدا ھۇقۇش ئۈنلىگەندەك بىزنىڭ تۇيغۇلىرىمىزنى ھالسىرىتىپ، بىزنى شۇ دەرىجىدە قىينىدىكى، بۇ ھالىمىزنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىز كېلىدىغاندەك قىلىمەن. بۇ ھال بەزى دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ ئانا تىل بويىچە تەربىيەلىنىشىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە ئانا تىل سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققاندۇر.
2. بۈگۈنكى دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ تەلەپپۇزىدا ئىملا قائىدىسىنىڭ تەلىپى بويىچە قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن سۆز ئىبارىلەر ھەرپمۇ-ھەرپ تەلەپپۇز قىلىنىشتەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال داۋاملاشماقتا. يۇقىرىدا بىز دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىملا قائىدىسى ئۆلچەملىك ئەدەبىي يېزىق تىل ئۇسلۇبىغا قارىتىلغاندۇر. ئۇنى تەلەپپۇزغا تېڭىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، تەلەپپۇز قائىدىسى تەلەپپۇزنىڭ مىزانىدۇر. ھازىر رادىئو، تېلىۋىزىيە دېكتورلىقىدا مۇشۇ قائىدە پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلمايدىغان ئەھۋال ئومۇملىشىپ بارماقتا. مەسىلەن: ئىملا قائىدىسى بويىچە بېكىتىلگەن مېنىستىرلىق، توغقان، ئېلىپ كەلمەك ... دېگەندەك سۆزلەر يېزىلىشى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنماقتا.
3. بەزى دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قالايمىقان ئىشلەتمەكتە. بۇ ھال تىلىمىزنىڭ ساغلام تەرەقىياتىغا بەلگىلىك توسقۇنلۇقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. بىز تۆۋەندىكى ئەمەلىي مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى: پروگرامىمىز ئاخىرلاشتى. پروگىرامىمىزنى چىن كۆڭلۈڭلاردىن ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان بولىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇ جۈملىدە دېكتور «تەۋسىيە» سۆزىنىڭ مەنىسىنى تولۇق بىلمەي قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىپادىلىمەكچى بولغان ئوي-پىكىر ئاڭلىغۇچىغا توغرا يەتمىگەن. مەزكۇر سۆز ئەسلى ئەرەپچىدىن تىلىمزغا كىرىپ ئۆزلەشكەن.ئۇ مۇنداق ئىككى خىل مەنىگە ئىگە:بىرى،بىراۋنى بىرەر ئىشقا مۇۋاپىق،لايىق دەپ كۆرسىتىش دېگەن مەنىدە،يەنە بىرى،مەسلىھەت، تەكلىپ دېگەن مەنىدىدۇر . يۇقارقى جۈملىگە بۇ سۆزنىڭ ھېچقايسى مەنىسى مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.ئەسلى دېكتور يۇقىرقى جۈملىنى مۇنداق دېسە توغرا بولار ئىدى:
4. تەرجىمان، تەھرىرلىرىمىز بەزىدە ئانا تىلىمىزنىڭ تىل ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، لۇغەت مەنىسى تەرجىمىسىنى زورلاپ تېڭىپ تىلىمىزنىڭ جەزبدارلىقىنى ۋە يېقىملىق ئاھاڭدارلىقىنى سىندۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ ھازىر خېلىلا كۆپىيىپ قالدى. بۇ ئەھۋاللارنى بىز رادىئو تېلىۋىزورلىرىمىزدىن ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرساقمۇ، بۇنى دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىز بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىش دەپ قاراپ ئەپۇ قىلىپ كەلدۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىدە دېكتور، رىياسەتچىلەرنىڭمۇ بەلگىلىك مەسئولىيىتى بار. چۈنكى، ئاڭلىتىلىدىغان ماتېرىيالنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بېكىتىشى ئەنە شۇ دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي مېھنىتىگە مەنسۇپ. يېقىندىن بۇيان رادىئو، تېلىۋىزىيەلىرىمىزدە تەرجىمىدىن كىرگەن بىرمۇنچە سۆز ئىبارىلەر كۆپىيىپ قالدى. مەسىلەن: تەتقىقات ئېلىپ باردى، داۋالاش ئېلىپ باردى، تەربىيە ئېلىپ باردى، چەكلەش ئېلىپ باردى، ئىسلاھات ئېلىپ باردى، رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چوڭ ياخشى ۋەزىيەت، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقۇرىدا ھاۋا رايىدىن مەلۇمات ئاڭلاتتۇق.
5. نۆۋەتتىكى دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ جانلىق تىلىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇرغۇ مەسىلىسىمۇ بىزنى جىددىي ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى لېكسىكىلىق بىرلىكلەردە سۆز ئۇرغۇسى ئادەتتە ئاخىرىقى بوغۇمغا چۈشىدۇ. سۆزلەر تۈرلەنگەندە سۆز ئۇرغۇسى سۆز ئاخىرىدىكى تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارغا يۆتكىلىدۇ. تىلىمىزدا سۆز ئۇرغۇسى ئاساسەن، بوغۇم تەشكىللىگۈچى سوزۇق تاۋۇشتا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بەزىلەر ئۇنى تاۋۇش ئۇرغۇسى دەپمۇ ئاتايدۇ. تىلىمىزدا بەزى ۋاقىتلاردا ئۇرغۇ ئالدىنقى بوغۇملارغا چۈشىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدۇ. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، ئۇرغۇنىڭ ئالدىنقى بوغۇملاردا كۆرۈلىشى مۇنداق بىر قانچ ئەھۋالدا بولىدۇ:
⑴ ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتى جەريانىدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى كۆرۈلدى. ئۈزۈك تاۋۇش چۈشۈپ قالغاندا، ئەنە شۇ چۈشۈپ قالغان تاۋۇشنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئېھتىياجىدىن، شۇ چۈشۈپ قالغان تاۋۇشنىڭ ئالدىدىكى بوغۇمغا تەۋە سوزۇق تاۋۇش سوزۇلۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: بار- با، قار – قا، ...؛ كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردىمۇ مانا مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: بارارمۇ – بارامۇ، كەلسە – كەسە، بەرسۇن – بەسۇن ...
⑵ سوزۇق تاۋۇش «ئا» ئوچۇق بوغۇمدا كەلسە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش تار سوزۇق تاۋۇش بولسا، «ئا»نىڭ ئۇرغۇنى قوبۇل قىلىشى يەنىمۇ ئاكتىپلىشىدۇ. مەسىلەن: تاكى، زادى، ماھىر، ئائىلە، سادىق، كائىنات ...
⑶ ئادەتتە «ئى» تاۋۇشىمۇ خۇددى «ئا»غا ئوخشاشلا يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئۇرغۇنى ئۆزىگە تارتىدۇ. مەسىلەن: ئېغىر، سېرىق، تېرىق، ئېغىش، بېسىم، ئېنىق، سېلىق ... دېگەندەك.
دېمەك، مۇشۇنداق بىر قانچە ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق سۆزلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لوغەت سوستاۋىدىكى بارلىق سۆزلەردە ئۇرغۇ ئاخىرىقى بوغۇمغا چۈشىدۇ. بىز ھازىرقى دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ تەلەپپۇزلىرىدا نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ خالىغان بوغۇمىغا ئۇرغۇ يۈكلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمىز. بۇ ھال ئاڭلىغۇچىنى قاتتىق ئارامسىزلاندۇرىدۇ.
6.ھازىرقى ئۇيغۇرچە تاراتقۇلىرىمىزدا دېكتور،رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى خەنزۇچىدىن ۋە ئېنگېلىزچىدىن كىرگەن سۆزلەرنى،شۇ تىللار بويىچە ئاتاش توغرا كەلگەن ئاتالغۇلارنى ئەشۇ تىللارنىڭ ئۆزىنىڭ فونېتېكىلىق ئالاھىدىلىكى بويىچە تەلەپپۇز قىلىپ ئوقۇيدىغان ئەھۋالنى پەيدا قىلدى.بەلكىم بۇ دېكتور،رىياسەتچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ خەنزۇچە ۋە ئېنگېلىزچىدىن بەلگىلىك ساۋاتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغۇچىلارغا نامايىش قىلىۋالماقچى بولغاندۇ.قىزىقى شۇكى،ئۇلار تىلىمىزدىكى ھەممىدىن كۆپ نىسبەتنى تەشكىل قىلىدىغان فارسچە،ئەرەپچە ۋە روسچە كەلىمىلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىك قائىدىسى بويىچە ئەمەس،بەلكى ئەشۇ تىللارنىڭ فونېتىك ئالاھىدىلىكى بويىچە تەلەپپۇز قىلىشقا قادىر ئەمەستۇر.ئەشۇنداق قىلالىغان تەقدىردىمۇ ئۇ مىللىي تىلىمىزنىڭ تەلەپپۇز قانۇنىيىتىگە ئېغىر دەرىجىدە مۇخالىپتۇر. مەسىلەن:
ئىملاسى تەلەپپۇزى
چۇڭچىڭ (重庆) qing qung
چاڭشا (长沙) xa qang
شاڭخەي (上海) xang hәy
شۈ گو جاڭ (许国璋) xü go jang
تىلىمزغا خەنزۇتىلىدىن كىرگەن كىرمە سۆزلەردە،قوشما يۈنمۇلار تەركىبىدىكى ئۆتكۈنچى سوزۇق تاۋۇشلار ئاساسى سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىر بوغۇم قىلىپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.ئالايلى:
ئىملاسى تەلەپپۇزى
جوڭخۇا (中华) jonghua
گۇاڭدۇڭ (广东) guang dung
تىيەنئەنمېن (天安门) tiyәn әn min
ئىنگىلىزچە مىساللار رايونى
7.ئۇيغۇر تىلىدا باش ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر شۇ ھەرپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى نامى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئىملاسى تەلەپپۇزى
ش ئۇ ئا ر (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) x u a re
ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) je ke pe
ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) be de te
ش ئا ئە ت (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) xe a ә te
8.خەلقئارا ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ قولىنىش ئادەتلىنىپ كەتكەن قىسقارتىلغان سۆزلەر تىلىمىزغا قوبۇل قىلىنغاندا، خەلقئارادىكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئىملاسى تەلەپپۇزى
WTO (دۇنيا سودا تەشكىلاتى) دابليۇ تې ئوۋ
GDP (ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتى) جى دى پى
BBC (ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى) بى بى سى
KGB (دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى) كى گى بى
VCD (ۋىدىيولۇق ئوپتىكىلىق دىسكا) ۋى سى دى
DVD (رەقەملىك ۋىدىيولۇق دىسكا) دى ۋى دى
CD (ئوپتىكىلىق دىسكا) سى دى
9. خەلقئارادا قىسقارتىلىپ يېزىلىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇق نامى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئىملاسى تەلەپپۇزى
س م (cm) سانتىمېتىر
ك م (km) كىلو مېتىر
ك ل (kl) كىلو لىتىر
ك ۋ (kw) كىلوۋات
م گ (mg) مىللىگىرام
م م (mm) مىللىمېتىر
10.تېلىفۇن ۋە پوچتا نۇمۇرلىرىنى ئوقۇشتا ئالدىنقى ئۈچ خانىسى بىر ئوقۇلۇپ، قالغان خانىلىرى ئىككى-ئىككىدىن ئوقۇلىدۇ. ئەگەر ئالدىنقى ئۈچ خانىسىدىن كېيىن بىر قانچە نۆل قاتار كېلىپ قالسا، ئىككى نۆلدىن كېيىن «دانە» دېگەن سۆز قوشۇپ ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن :
ئىملاسى تەلەپپۇزى
8552357 سەككىز يۈز ئەللىك بەش، يىگىرمە ئۈچ، ئەللىك يەتتە
13669923310 بىر يۈز ئوتتۇز ئالتە، ئاتمىش، توقسان ئىككى، ئوتتۇز ئۈچ، ئون
830001 سەككىز يۈز ئوتتۇز، ئىككى دانە نۆل، بىر
بۈگۈنكى كۈندە ئانا تىلىمىزنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تاراتقۇلارنىڭ رولى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە مۇھىم بولماقتا. بۇ ساھەدە دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ ئوينايدىغان رولىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىز ئانا تىلىمىزنى توغرا ئىشلىتىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز زىممىسىگە يۈكلەپلا قالماي، يەنە مىللىي تىلىمىزنى بېيىتىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ يېقىمىلىق، جەزبىدار، تەسىرلىك، توغرا ھەم ئېنىق ئىپادىلەش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئۇلار ئانا تىلىمىزنى قوغدىغۇچىلار بولۇپلا قالماي، يەنە ئانا تىلىمىزنى بېيىتقۇچىلاردۇر. شۇنداق ئىكەن، دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىز ئانا تىل بىلىملىرىنى، جۈملىدىن ئانا تىلىمىزنىڭ تەلەپپۇز قائىدىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئەستايدىل ۋە ئىنچىكە ئۆگىنىش زۈرۈر. بۇ ئۇلار جەزمەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم كەسپىي نەزىرىيىۋى سەۋىيە مەسىلىسىدۇر. ئانا تىلىمىزنى قانچىكى توغرا ئىشلىتەلمىسەك مىللىي تەپەككۇرىمىز شۇنچىكى قالايمىقانلىشىدۇ. بۇ ھەقتە گېرمانىيە ئالىمى خومبولد مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق بىر تىل مللىي تەپەككۇرنىڭ جۇغلانمىسى، ئۇنىڭدا بىر مىللەتنىڭ دۇنيانى كۆزىتىش، دۇنيانى ھېس قىلىش ۋە دۇنيانى چۈشەندۈرۈشتىكى ئالاھىدە تەپەككۇر ئەندىزىسى ئەكس ئەتكەن بولىدۇ» . تىلىمىزنىڭ ھەر بىر تىنىقى، ھەر بىر ئۇرغۇ ۋە ئىنتوناتسىيەسى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللىي تەپەككۇرىمىزنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. ئۇنى ھەرقانداق ئادەمنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ساغلام مىللىي تەپەككۇر يولىمىزنى بۇزۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئەشۇ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان شەكىللىنىپ راۋاجلانغان مىللىي ھېس-تۇيغۇمىز ئانا تىلىمىز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغاندۇر. ئانا تىلىمىزسىز مىللىي ھېس-تۇيغۇمىزنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، تۈركولوگ ئاخمەت جافېر ئوغلۇ «مىللىي ھېس بىلەن تىل ئارىسىدىكى باغلىنىش ناھايىتى چىڭدۇر. تىلنىڭ مىللىي ۋە ساپ بولۇشى مىللىي ھېس-تۇيغۇنىڭ ساپ بولۇشىدۇر» دەپ توغرا ئېيتىدۇ.يۇقۇرقى سەھىپىلىرىمىزدە تىلىمىزنىڭ تەلەپپۇزىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى خاتالىقلارنى كونكىرت كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. بۇ مەسىلىلەر مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا تىل-يېزىق بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى، جۈملىدىن مىللىي تىلىمىزنى قوغداش ۋە ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان زور مەسىلىدۇر. شۇڭا، دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىز بۇ نۇقتىلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئانا تىلىمىزنى ھەقىقىي قوغدىغۇچىلاردىن ۋە ئۇنى بېيىتقۇچىلاردىن بولۇپ يېتىلىشى كېرەك!
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى
تۇرپان شورئارشاڭ مەنزىرىسى
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى