ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تىل ۋە ئەدەبىيات

يەسللەردە قوش تىل ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمىنى قانداق ئۆستۈرۈش كېرەك ؟

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10- كۈنى 09:14   |    ئاپتور : ئېزىز ھەسەن  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈجمە يېزىسىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوش تىل ئوقۇتۇشى سىياسىتىگە ماسلىشىش تەلىپى بويىچە، بۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە قوش تىل ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلغان. لېكىن بۇ جايلارنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇش جەھەتتىكى شارائىتى شەھەرلەرگە ئوخشىمىغاچقا، قوش تىل ئوقۇتۇشىدا ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولمىغان. بۇنداق ئەھۋال پەقەت ئۈجمە يېزىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت يېزا، كەنتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت.

    مېنىڭچە، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا قارىتىلغان قوش تىل ئوقۇتۇشى خەنزۇ تىلىنى بالىلارغا قارىغۇلارچە، مېخانىك شەكىلدە ئۆگىتىشنى ئاساس قىلماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدا جەزمەن بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى تىل قانۇنىيەتلىرىنى ئاساس قىلىپ، بالىلارغا قوش تىلدا ئۇچۇر قوبۇل قىلىش مۇھىتى ۋە شارائىتى ھازىرلاش، ئۇلارنىڭ ياش قورامى بىلەن ئەقلىي قابىلىيىتىگە قاراش، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغان، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئۇيغۇن ئاددىي سۆز – ئىبارىلەرنى ئۆگىتىش، بۇ ئارقىلىق ئۇلاردا خەنزۇ تىلىغا نىسبەتەن دەسلەپكى چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. لېكىن دەسلەپكى تەكشۈرۈشۈمگە ئاساسلانغاندا، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈجمە يېزىسىدىكى يەسلىلەردە خەنزۇ تىلىنى ئازراقمۇ بىلمەيدىغان بالىلارغا خەنزۇ تىلى ئاساسىي پەن قاتارىدا ئۆتۈلىدىكەن، بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئېنىقكى بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ھەم قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا تازا ماس كەلمەيدۇ. بۇ دەل ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ قەدىمىگە تېز ماسلىشىپ كېتەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىدۇر. مېنىڭچە، چەت يېزا، كەنتلەردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىغا نىسبەتەن: بىرىنچى، كۆز قاراشنى توغرىلاش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ بالىلارغا باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغا قويغان تەلەپنى قويماسلىقى، دەرسلىكنىڭ تەلىپىنى 1 – ئورۇنغا قويىۋالماستىن، يەسلى مائارىپى بىلەن مەكتەپ مائارىپىنىڭ پەرقىنى ئايرىشى، مۇھىمى بالىلارنىڭ ئانا تىل بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك. ئىككىنچى، چەت يېزا، كەنتلەردە قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل. قوش تىل ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇشتا قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپلەپ تەربىيەلەش ئىنتايىن مۇھىم. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت يېزا، كەنتلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان رايون بولغاچقا، قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسى تۆۋەن. بەزىلەر خەنزۇچە سۆزلىيەلىسىلا، قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ خاتا قاراش. لېكىن چەت يېزا، كەنتلەردىكى يەسلىلەر تۇرماق، ھەتتا مەكتەپلەردىمۇ بۇنداق ئوقۇتۇش ساپاسىنى ھازىرلىغان ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى كەمچىل. ئۈجمە يېزىسىدىكى يەسلىلەرنى مىسالغا ئالساق ئون ئىككى يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدە ئاران ئىككى ئوقۇتقۇچى بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن. ئۈچىنچى، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە ئوقۇتقۇچىلاردا نىشان ئېنىق ئەمەس. ئۈجمە يېزىسىدىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئىگىلەش، سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قارىغاندا بۇ بالىلارنىڭ خەنزۇتىلىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر تۆۋەن.

    مۇشۇنداق ۋەزىپە ئورۇنداشنى ئاساس قىلغان دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا قوش تىل تەربىيەسى قىلغاندا، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا تەبىئىيلا تىل ئۆگىنىشتىن زېرىكىش، بېسىم ھېس قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، تىل ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى سۇسلايدۇ. مېنىڭچە، ئوقۇتقۇچىلاردا ھازىر بالىلارنىڭ بالىلىق خاراكتېرىدىن پايدىلىنىپ، ئويۇن ئويناش، سۆزلىشىش، دوراش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خەنزۇ تىلى ئۆگىتىش تەدبىرلىرى ئىنتايىن كەم بولماقتا. نوقۇل كىتاب بويىچە بىر دەرس – بىر دەرستىن ئۆتۈش ئاساس قىلىنسا، ھەقىقىي قوش تىلدا ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى تۇرغۇزۇش بەكمۇ تەسكە توختايدۇ. نەتىجىدە، قوش تىل ئوقۇتۇشىدا ئۇسۇل توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. يەسلىلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىغا ئوخشىمايدۇ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا قارىتىلغان قوش تىل ئوقۇتۇشى بالىلارنىڭ فىزىئولوگىيە، پىسخىكا ئالاھىدىلىكلىرىگە ماس ھالدا ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، ئەكسىچە بولغاندا، بالىلارنىڭ تەپەككۇرى بىلەن ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولۇپ، بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى بوغۇپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، چوقۇم ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىغا قارىتا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا قارىتىلغان قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە