ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قوشنا ئەللەر

تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە 2300 يىل بۇرۇنقى زىندان بايقالدى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ 13- كۈنى 03:35   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
    

    ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 22-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، تۈركىيە ئۇلۇيدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخېئولوگى ئىبراھىم ئىرخەيز قاتارلىقلار تۈركىيەنىڭ بۇرسا رايونىدا قەدىمىي شەھەر تاملىرىنى تازىلاش ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقاندا ، 2300 يىللار بۇرۇنقى زىنداننى بايقىغان ، زىنداننىڭ ئىچىدە قان قۇدۇقى ، جازالاش ئۆيى ۋە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۆيى قاتارلىقلار بار ئىكەن .

    خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ زىندان بىتىنىيا قەدىمىي خاندانلىقى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 274-يىلىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 297-يىلىغىچە) مەزگىلىدە سېلىنغان ئىكەن. ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە ، ئەينى دەۋرلەردىكى جاللاتلىق ۋەزىپىسىنى گاس-گاچىلار زىممىسىگە ئالغان بولۇپ ، ئۇلار گۇناھكارلارنىڭ بېشىنى چېچىپ ئۈزۈپ تاشلىغاندىن كېيىن ، قۇدۇق ئىچىگە تاشلىۋەتكەن، جەسەتنىڭ قالغان قىسىملىرىنى گۇناھكارنىڭ تۇغقانلىرىغا قايتۇرۇپ بەرگەن . بەزى جاللاتلار جەسەتلەرنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ساتقان . بۇ زىندان ئەينى دەۋردىكى زىندانغا قامالغان گۇناھكارلار بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن .

    ئىگىلىنىشىچە ، بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2016-يىلى بۇ زىنداننى ئېچىۋېتىلگەن مۇزېي قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ھەمدە جازا قوراللىرىنى كۆرگەزمە قىلىشنى پىلانلىغان . نۆۋەتتە ، قېزىش خىزمىتى داۋاملىشىۋېتىپتۇ . ئارخېئولوگىيە ئەترىتى زىندانغا مۇناسىۋەتلىك باشقا سۈرەتلەرنى تېخى ئاشكارىلىمىغان.

    زىندان بايقالغان ئورۇننىڭ خەرىتىسى

    زىنداندىن بىر كۆرۈنۈش

    زىنداننىڭ كارىدورى

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە