ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - جەمئىيەت ۋە قانۇن

سەئۇدى ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويماقچى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 06 - ئاينىڭ 19- كۈنى 03:26   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

                                                           

   ئەرەبىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 15-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقارغان ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى رەسمىي يولغا قويۇپ، ئائىلە زوراۋانلىقى يۈرگۈزگۈچىلەرگە قاماق جازاسى بېرىش ھەمدە جەرىمانە قويۇش قاتارلىق ئېغىر جازا بېرىش ئارقىلىق، ئائىلە زوراۋانلىق دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتماقچى.

    يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەگەر ئەر ئايالىنى ئۇرسا، ئىسپاتلار تولۇق بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەرگە قىسقا بولغاندا بىر ئاي، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ رىيال (تەخمىنەن 83 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)، جەرىمانە قويۇلىدۇ، جازانىڭ ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسى ئايالىنىڭ يارىلىنىش دەرىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر ئەمەلدار، قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش جەريانىدا، ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ تۈردە زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى، ھەمدە، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالغانلىقىنى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا كەڭ تۈردە مەۋجۇت ئىكەنلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئائىلىدىكى ئورنى بىر قەدەر تۆۋەن بولغانلىقتىن، %98 ئائىلىدە زوراۋانلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان . ئىگىلىنىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە