ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!..
  • بوۋاسىر (گىمرۇي) - [تىبابەت ۋە سالامەتلىك]


    ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!
    بوۋاسىر(گىمروي)

     ئۇزۇن مۇددەتلىك يەللىك غىزا ۋە ئىچىملىكلەرنى  ئىچىش، ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇش، قەۋزىيەت بولۇش ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئىچى سۇرۇش ، كۆپ تۇغۇش قاتارلىق سەۋەپلەردىن ئۈچەي ۋە سوڭ ئەتراپىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىپ بوشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئۈزۈم دانىلىرىدەك قانلىق پۈۋەكچىلەر بولۇپ، قىچىشىش، قاناش، مونەكچىلەر پەيدا بولۇشتەك كلىنكىلىك ئىپادىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

    داۋالاش:

       1- رېتسىپ:

     قورۇلغان كۈنجۈت بىر چاڭگال، كۆيدۈرۈلگەن تۇخۇم سېرىقى ئۈچ دانە، كۆيدۈرۈلگەن جۇزبۇۋادىن بىر ئوچۇم ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ، توخۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىمات تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ھەر خىل بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

     2- رېتسىپ:

     قارا كالىنىڭ سۈتىنى ئارپا ئۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ خېمىر قىلىپ، سۇس ئوتتا پىشۇرغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

      3- رېتسىپ:

     بىر ئوچۇم مۇقەل، بىر ئوچۇم زەرنەخكە ئىككى قوشۇق گۈل يېغى ئارىلاشتۇرۇپ زىمات قىلىپ چاپسا، بوۋاسىرنىڭ قىچىشىشىنى قالدۇرىدۇ.

     4- رېتسىپ:

    زەرنەخ بىر چىمدىم، گۈل يېغى بىر قوشۇق، قايماق بىر قوشۇق، بۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا، بوۋاسىرنىڭ ئاغرىقىنى قالدۇرۇپ، بوۋاسىر تۈگۈنچىلىرىنى يوقىتىدۇ.

     5- رېتسىپ:

     زاراڭزا چېچىكى بىر ئوچۇم، ئانار پوستى بىر چاڭگال،بىخ مارجان ياڭاق چوڭلىقىدا، دورىلارنى ئىككى چىنە سۇغا سېلىپ قاينىتىپ سۈيىدە ئولتۇرغۇزۇلسا ، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

      6- رېتسىپ:

    كۈنجۈت بىر ئوچۇم، بىر دانە ياڭاق مىغىزى، مۇقەلدىن گۈلە چوڭلىقىدا ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېيىلسە، بوۋاسىر ئاغرىقىنى قالدۇرىدۇ.

       7- رېتسىپ:

    مۇقەل بىلەن رۇسۇتنى گۈلە چوڭلۇقىدا ئېلىپ، بىر ياش تۇرۇپنى ئېزىپ سۈيىنى ئېلىپ، دورىلار بىلەن زىمات قىلىپ چاپسا، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

       8- رېتسىپ:

    تاۋۇز شاپىقىنى پاكىز يۇيۇپ، قاينىتىپ سۈيىنى توڭلاتقۇدا 7 - 8 سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

     9- رېتسىپ:

    ئاغىچىدىن بىر ئوچۇم ، قايماقتىن ئىككى قوشۇق ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ مەقەتكە چاپسا، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

     10- رېتسىپ:

     قىزىل بوغداشنىڭ يىلتىزىدىن ئىككى ئوچۇم، قىزىل بوغداش ئۇرۇقىدىن ئىككى ئوچۇم ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ، قاينىتىلغان سۈيىگە بىر پىيالە كۈدىنىڭ سىقىلغان سۈيىنى قېتىپ ئىستىمال قىلسا، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    « 100 كېسەلگە 1000 رېتسىپ» تىن ئېلىندى

    分享到:
    ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!
  • ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!

يېزىق ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Internet Explorer دا Ctrl+k نى Google Chrome دا Ctrl+S نى بىسىڭ