-
كاۋا ئۇرۇقى مەزى بېزى كېسىلىگە داۋا - [تىبابەت ۋە سالامەتلىك]
ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!
كاۋا ئۇرۇقى قۇرت چۈشۈرۈش ، يۆتەل توختىتىش ، ئىششىق ياندۇرۇش ، پارازىت قۇرت كېسەللىكى ۋە كۆك يۆتەل كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈنۈمگە ئىگە . كاۋا ئۇرۇقى يەنە ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما كېتىش ، سۈيدۈك كۆپ كېلىش ۋە مەزى بېزى چوڭىيىپ قېلىش كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ .كاۋا ئۇرۇقى مىكروبسىز مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە . ھەر كۈنى 50 گرامچە پىششىق ياكى خام كاۋا ئۇرۇقى ئۇدا ئۈچ ئاي يەپ بېرىلسە ، سېيىش قىيىن بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر يېنىكلەيدۇ ياكى تۈگەيدۇ . مەزى بېزى ياللۇغى ھورمون ئىقتىدارىنى ئاجرىتىشتا ياغ كىسلاتاسىغا تايىنىدۇ . كاۋا ئۇرۇقىدا ياغ كىسلاتاسى مول بولغاچقا ، مەزى بېزىنىڭ ياخشى ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ . ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ھەر كۈنى بىر سىقىم كاۋا ئۇرۇقى يېيىش ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ بېرىلسە ، مەزى بېزى چوڭىيىپ كېتىشكە شىپا قىلىدىكەن . ئىككىنچى باسقۇچتىكى كېسەللىكنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن . ئۈچىنچى باسقۇچتىكى كېسەللىكنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدىكەن . كاۋا ئۇرۇقىنىڭ جانلىق تەركىبى مەزى بېزىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئىششىقىنى يايدۇرىدىكەن ، شۇنداقلا مەزى بېزى راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن

评论