-
Photoshop تا IPod Namo نى سىزىش - [Photoshop بىلىملىرى]
ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ! Photoshop نىڭ تاللاش، رەڭ بىرىش غۇۋالاشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىپمۇ ھەرخىل ئۇنۈملەردىكى رەسىملەرنى سىزغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە Photoshop نىڭ يۇقارقى ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ Photoshop تا IPod Namo نى سىزىش جەريانى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!
مانا بۇ بولسا IPod Namo
1. Photoshop تا يىڭى بىر ھۆججەت قۇرايلى
2. يىڭى بىر سۈرەت قەۋىتى قۇرۇپ تىك تۆت بۇلۇڭلۇق بىر شەكىل سىزىپ ئۇنىڭغا كۇلرەك رەڭ تۆكىمىز
3. يىڭى بىر سۈرەت قەۋىتى قۇرۇپ تىك تۆت بۇلۇڭلۇق شەكىلنىڭ ئىككى گىرۋىكىگە مۇۋاپىق ھالدا تىك تۆت بۇلۇڭلۇق تاللاش قورالىدا ئىككى تال سىزىق سىزىپ ئۇنى 高斯模糊 ئۇنۇمىنى بىرىمىز سۈرەت قەۋىتىنى 正片叠底 تەڭشەيمىز
4. يىڭى بىر سۈرەت قەۋىتى قۇرۇپ تىك تۆت بۇلۇڭلۇق شەكىلنىڭ ئىككى گىرۋىكىگە يەنى رەسىمدىكىدەك ئىككى تال ئاق سىزىق سىزىۋالىمىز
5. ئاق رەڭلىك سىزىققا 高斯模糊 ئۈنۈمىنى بىرىمىز
6. شەكىل سىزىش قورالىدىن ياي شەكىللىك تىك تۆت بۇلۇڭ سىزىمىز
7. يىڭى سۈرەت قەۋىتىدىن بىرنى قۇرۇپ تىك تۆت بۇلۇڭلۇق تاللاش قورالىدا رەسىمدىكىدەك تاللاپ كۇلرەڭ رەڭ بىرىمىز
8. يىڭى بىر سۈرەت قەۋىتى قۇرۇپ رەسىمدىكىدەك ئورۇننى تاللاپ رەڭ تولدۇرۇش قورالىدىن تەدىرىجى رەڭ بىرىش قورالىدا تۆۋەندىكىدەك رەڭ بىرىمىز
9. يىڭى بىر سۈرەت قەۋىتى قۇرۇپ چەمبەر شەكىللىك تاللاش قورالىدا بىر چەمبەر سىزىۋىلىپ ئاق رەڭ بىلەن تولدۇرۇمىز
10. يىڭى بىر سۈرەت قەۋىتى قۇرۇپ ئاق رەڭلىك چەمبەرنىڭ مەركىزىگە كىچىك بىر چەمبەر سىزىپ كۇلرەڭ رەڭ بىرىمىز
11. رەسىمدىكىدەك تىزىملىك، ئاۋاز ۋە قويۇش بەلگىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز
12. بىز تۇنجى قۇرغان سۈرەت قەۋىتىنى يەنى IPod نىڭ گەۋدىسىنى تاللاپ رەڭ تەڭشەشتىن ئەگرى سىزىقلىق رەڭ تەڭشەشتە ۋە ياكى باشقا رەڭ تەڭشەشتە مۇۋاپىق ئاقارتساقلا بولىدۇ.

评论