ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!..
  • گۇگىل توركۆرگۈنى ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشتە ئىشلىتىڭ - [تــور بىــلىمـــلىــرى]

    خەتكۈچ: GoogleCrome

    ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!

     گۇگىل توركۆرگۈنى ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشتە ئىشلىتىڭ

     گۇگىل شىركىتى يېقىندا ئۆزىنىڭ توركۆرگۈسى Google Crome نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا قىرىقتىن ئارتۇق تىل كۆرۈنۈشى تەمىنلەنگەن ئەمما ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشى تەمىنلەنمىگەن، بىر قانچە كۈنلۈك تەرجىمە ئارقىلىق گۇگىل توركۆرگۈنىڭ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى تەييارلاندى. گۇگىل توركۆرگۈ تېخى ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى بىۋاسىتە قوللىمىغاچقا، ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى ئەرەبچە تىل ھۆججىتىنىڭ نامىنى ئارىيەت ئېلىپ( ئەسلىدە ug_CN.dll دېگەن نامدا بولۇشى كېرەك ئىدى)، بۇ ھۆججەت نورمال يۈكلەنمىگەچكە، ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنىڭ نامىنى ئەرەبچە تىل ھۆججىتىنىڭ نامى ar.dll غا ئۆزگەرتىپ يۈكلىسەك ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنىدى. ئەگەر سىز ئەرەبچىنى ئىشلىتىدىغان بولسىڭىز ar.dll ھۆججەتنى زاپاسلىۋېلىڭ، ئاندىن تۆۋەندە تەمىنلەنگەن قوشۇمچە ھۆججەتنى گۇگىل توركۆرگۈنىڭ قاچىلىنىش مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ،

    سىز گۇگىل توركۆرگۈنىڭ ئادرېس ستونىغا تور بەت ئادرېسى كىرگۈزسىڭىز تور بەتنى ئاچىدۇ، ئەگەر ئىزدىمەكچى بولغان ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزسىڭىز گۇگىلنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشلۈك ئىزدەش نەتىجىلىرىگە ئېرىشەلەيسىز، قېنى سىناپ بېقىڭ.

    ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى كۆچۈرۈش ئورنى:

    C:\Documents and Settings\One\Local Settings\Application Data\Google\Chrome\Application\0.2.149.29\Locales

    يۇقىرىقى ئادرېستىكى One كومپيۇتېرنىڭ ئىسمى بولۇپ، ھەر كىمنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ ئىسمى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ ئىسمى مۇشۇ One نىڭ ئورنىغا كېلىدۇ.

    تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم ئۇيغۇرچە كۆرنۈش سۈرەتلىرى

     ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قەدەم باسقۇچلىرى ar.dll ھۆججىتىنى يۇقىردا ئيتىلغان ئورۇنغا توغرا كۆچۈرۈپ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەكلا مەشغۇلاتنى توغرا قىلسىڭىزلا ئۇيغۇرچىلىشىدۇ. رەسىمگە قاراڭ (رەسىمنى يېڭى بەتتە كۆرسىڭىز چوڭ ھالەتتە كۆرۇنىدۇ)

    ئەمدى  Google Crome نى قايتا قوزغىتىڭ مانا ئۇيغۇرچىلاشتى!

     Google Crome نى چۈشۈرۈڭ

     

    ئۇيغۇرچە تىل يامىقىنى چۈشۈرۈش

     

    مەنبە: بىلىك كۇلۇبى

    سەھران يازمىسى

    分享到:
    ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!
  • ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!

يېزىق ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Internet Explorer دا Ctrl+k نى Google Chrome دا Ctrl+S نى بىسىڭ