-
ئەينەككە گۈل ئويۇش (ھۈنەر) - [يــۇمشــاق دېتـــال]
ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ! يىقىندىن بىرى توردا پۇل تىپىش توغىرسىدا نۇرغۇن تىمىلار يوللاندى كۆپىنچىسى «توردا پۇل تىپىش» توغىرسىدا مەنمۇ بۇنىڭغا قىزىقىپ بىكار ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ بلوگ ياساپ پۇل تىپىش قارارىغا كەلدىم (زادى پۇل تاپقىلى بولامدۇ يوق؟ دىگەننى ئويلاپ سىناپ بىقىش ئۈچۈن) بىر نەچچە ئايلىق تىرىشىش ئارقىلىق بلوگ قۇرۇپ، ئېلان قويۇش، ئېلان چىكىش توردا پۇل تىپىش دىگەن تىمىلاردا سۆزلەنگەن بارلىق ئۇسۇللارنى سىناپ پۇل تىپىپ باقتىم، ئۈچ ئاي ئىچىدە 100 كوي مۇ تاپالماپتۇمەن. بەلكىم بۇ مىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىمدىن بولسا كېرەك. لىكىن مەن ئۆيلىدىم توردا پۇل تاپماق ھەقىقەتەن تەس ئىكەن.
توردا پۇل تىپىش (مىنىڭچە سەل ئاقماقچە خىيال ھەم ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىكەن) مەن تاپقان پۇلغا قاراپ ۋاقتىمغا ئىچىم پۇشتى. بەلكىم ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئادەملەر بۇنىڭغا قىزىقىپ ۋاقتنى ئىسراپ قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى رىيال دۇنياغا يۈزلىنىپ ئەمىلى ھۈنەر تىخنىكا بىلەن پۇل تاپقان ياخشىكەن.
مەن تۆۋەندە ئۆزۈم شۇغۇللىنىدىغان بىر سائەتتە 400 يۈەن پۇل تاپىدىغان ھۈنەرنى تونۇشتۇرسام ئىشەنمەسلىكىڭلار مۇمكىن لىكىن بۇ ئەمىلىيەت (پەقەت سىزنىڭ تىخنىكىڭىز پىشىپ يىتىشسىلا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ پۇل تاپالايسىز)
مەن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان ھۈنەر ئەينەككە گۈل (نەقىش)
ئادەتتە ئەينەككە گۈل ئويۇش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ 1-نەقىشلەرنى دۇغ ئويۇش
بۇنىڭدا ئاساسلىقى سىز ئويىماقچى بولغان نەقىش ياكى گۈلنى ئاۋال كومپىيۇتىردا لاھىيلەپ ئۇنى خەت ئويۇش ماشىنىسىدا چاپلىشىدىغان سۇلياۋ قەغەزگە ئويۇپ ئۇنى ئويىماقچى بولغان ئەينەككچە چاپلايسىز (ئويۇلغان لازىملىق نەقىشنى ئاجراتماي ھەممىسىنى بىرلىكتە ئەينەككچە چاپلايسىز) چاپلاپ بولغاندىن كىيىن لازىملىق نەقىشنى سۆيۇپ ئىلىۋىتىسىز بۇ چاغدا ئەينەكنىڭ يۈزى كۆرۇنىدۇ بۇنىڭغا دۇغ سىر (دۇغ سىر دىگىنىمىز ئەينەككە چاچسىڭىز ئەينەكنى قۇم بىلەن چاقىلىغاندەك ھالەت كۆرسىتىدىغان بىر خىل سىر)چاچىسى. سىر قۇيغاندىن كىيىن باشقا سۇلياۋلارنى سۆيىۋەتسىڭىزلا پۇتىدۇ.2-خىلى بولسا ئويما شەكىلدە ئويۇش
خەت ئويۇش ماشىنىسىدا چاپلىشىدىغان سۇلياۋ قەغەزگە ئويۇپ ئۇنى ئويىماقچى بولغان ئەينەككچە چاپلايسىز (ئويۇلغان لازىملىق نەقىشنى ئاجراتماي ھەممىسىنى بىرلىكتە ئەينەككچە چاپلايسىز) چاپلاپ بولغاندىن كىيىن لازىملىق نەقىشنى سۆيۇپ ئىلىۋىتىسىز بۇ چاغدا ئەينەكنىڭ يۈزى كۆرۇنىدۇ بۇنى ئاندىن ئويۇش ماشىنىسى( 电刻笔) (ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇمەن ئەينەككە گۈل نەقىشنى قول بىلەن ئويىمىز)ئاندىن ھەرخىل سىر بىلەن ئويۇلغان نەقىشگە رەڭ بىرىپ كۆركەملەشتۇرىمىز. (رەڭ بەرمىسەك 1- خىل ئۇسۇلدىكى بىلەن قارىماققا ئوخشاش كۆرۇنىدۇ، لىكىن بۇنى ئويۇش يۇقارقىغا قارىغاندا بەكلا تەس) تۆۋەندىكىسى ئاشۇ ماشىنا ۋە ھەرخىل پىچىقى
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
يىڭى ئۈگەنگەندە ئامال بار 5مىللىمىتىرلىق ئەينەك ئىشلىتىڭ
ئەينەكنى يۈزى ناھايتى تەكشى ئۈستەلگە قويۇڭ بۇنداق بولمىغاندا ئاسانلا سۇنۇپ كىتىدۇ.
ئامال بار سۇ ئۈزۈش ئەينىكى تاقاڭ (كۆزگە ئەينەك كىرىپ كىتىشتىن بەكلا دىققەت قىلىڭ)

评论
بۇ ئشنى قىلىشقا راسلا بەك قىزىقىپ قالغانىدىم . مۇمكىن بولسا تېخىمۇ تەپسىيلىيرەك دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن . يېڭىياچىلىقتا ئادەم ئاسانلا ئىش قاملاشتۇرالمايدىكەن . بۇنى خەقنىڭ تەلىۋى بويىچە ياسامدۇق ؟
كىمگە ساتىمىز؟ شۇلارنى بەك بىلگۈم بار . مەنمۇ ئۈرۈمچىدە . سىزنى ئاۋارە قىلدىم .
مەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇتوغىرسىدا رەسىلىك چۈشەنچە بىرىمەن. تەپسىلاتىنى كۆرۇپ يەنە چۈشەنمىسىڭىز ئىنكاس قالدۇرۇڭ
بۇنى خەقنىڭ تەلىۋى بويىچە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ؟ بۇنى ئاساسلىقى ئۆي، دۇكان،رىستۇران قاتارلىق ئورۇنلارنى زىننەتلەشكە كۆپرەك ئىشلىتىدۇ؟ مانا بۇلار سىزنىڭ ئاساسلىق خىرىدارلىرىڭىز بولىدۇ؟ ئۆي بىزەيدىغان بىرەر تونۇشىڭىز بولسا بۇنى قولدىن چىقارماق ئاسان ئەڭ مۇھىم ئىش سىزدە ئازراق بولسىمۇ رەڭ تۇيغۇسى، تەسەۋۋۇر ۋە سەنئەت تۇيغۇسى بولسا بۇنى قىلىپ كىتىش ئاسان بۇ ئىشنى بىر كۆرۇپلا ئۈگىنەلەيسىز (ئەمىلىيەتتە مەنمۇ ھىچقانداق ئۇستاز كۆرمىگەن) مەن خوتەندە ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام سىزگە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۈگىتىپ قويار ئىدىم. بىزنىڭ بۇ يەردە ئاساسلىق بىنا ئۆي زىننەتلەيدىغانلار كۆپرەك ئىشلىتىدۇ.
قىسقىچە تەكلىپ: بلوگىمغا تۇغ ياساپ قويغانتىم، ئەگەر خالىسىڭىز، بلوگىڭىزنىڭ ئۇلىنىش بلوگلار يېرىدىكى يەرگە مېنىڭ بلوگىمنىڭ ئۇلىنىشىغا ، بلوگىمنىڭ تۇغىنى ئىشلەتسىڭىز.
http://uetmux.blogbus.com/files/12210503730.gif
http://uetmux.blogbus.com/files/12210552960.gif