-
QQ نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ - [تــور بىــلىمـــلىــرى]
ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ! يىقىنقى بىر ھەپتىدىن بىرى بىكار ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ QQ2009نىڭ كۆرۇنمە يۈزىنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم (تەخمىنەن 30% ئەتراپىدا) كۆرۈنمە يۈزى ئاساسى جەھەتتىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە جەريانىدا بىلىك كۇلۇبىدىكى FinalFantasy نىڭ تۆۋەندىكى يازمىسىدىن
_______________________________________________________________
ئاۋۇ C:\Program Files\Tencent\QQ2009\I18N نىڭ ئىچىدىكى 2052 بولسا خەنزۇ تىلىنىڭ Windows دىكى locale كودى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ Microsoft Windows تىكى locale كودى 1152 (بۇ Windows Vista ۋە ئۇندىن كېيىنكى سىستېمىلاردا ئىناۋەتكە ئىگە، لېكىن مەن Windows XP SP3 RC دا يۈزەكى سىناق قىلىپ باقتىم، گەرچە Windows XP SP3 دە locale ئۇچۇرى يوق بولسىمۇ، لېكىن QQ2009 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىكەن)، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى، ئاشۇ مۇندەرىجە ئىچىدە 1152 ناملىق تارماق مۇندەرىجىدىن بىرنى قۇرۇپ، 2052 نىڭ ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى 1152 نىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ، شۇ يەردە تەرجىمە قىلىساق توغرا بولىدۇ. ئاندىن يەنە بىر مۇھىم باسقۇچ بار، يەنى C:\Program Files\Tencent\QQ2009\I18N نىڭ ئىچىدىكى config.xml نى Notepad دە ئېچىپ، ئۇنىڭدىكى
دىكى 2052 نى 1152 غا ئۆزگەرتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام. بۇ ئۇسۇل بىر قەدەر توغرا، ئىلمىي ھەمدە كەلگۈسىدىكى Windows Vista سۇپىسىدىكى قوللىنىشقا يۈزلەنگەن ئۇسۇل. ئويلىشىپ باقارسىلەر... يەنە بىر ئىش، ئاۋۇ CommonString.xml نىڭ ئىچىدىكى
Tahoma 9
دىن ئىبارەت ئىككى قۇردا UI نىڭ فونتى ۋە خەت رازمېرىنى تەڭشىگىلى بولىدىغاندەك_______________________________________________________________
پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىنغاندا ئەسلىدىكى خەنزۇتىل ھۆججىتىمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرچە قوزغاتماي خەنزۇچە قوزغىتىش توغرا كەلسە \Program Files\Tencent\QQ2009\I18N مۇندەرىجە ئاستىدىكى config دىگەن xml ھۆججىتىنى ئىچىپ، ھۆججەت ئىچىدىكى تۆۋەندىكى مەزمۇندىن
قىزىل رەڭلىك مەزمۇن ئىچىدىكى 2052 نى 1152 گە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە قوزغىلىدۇ. ئەگەر خەنزۇچە قوزغاتماقچى بولسىڭىز 1152 نى 2052 گە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
خەت نومۇرىنى كىچىكلىتىشكە ئامال قىلالمىغاچقا بەزى جايلاردىكى مەزمۇن كۆزنەككە پاتماي قىلىش مەسىلىسى يۈزبەردى، سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكى تۈپەيلىدىن تەرجىمىدە خاتالىقلار بولىشى تەبىئىي تورداشلارنىڭ ئەسلىدىكى خەنزۇچە مەزمۇنىغا قاراپ خاتا جايلىرىنى تۈزىتىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن تەرجىمە قىلىنمغان ياكى تەرجىسىمى كۆزنەككە پاتمىغان مەزمۇنلار جەھەتتە ئىخچام تەرجىمە قىلساڭلار مۇشۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قويساڭلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەرجىمىسىگە قوشۇپ يىڭىلاپ قويىمەن!
ھەرۋاقىت يېڭىلانغان ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى يازمىدىن چۈشۈرۈڭ
ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ يەشكەندىن كىيىن 1152 دىگەن مۇندەرىجىنى QQ2009نىڭ I18Nمۇندەىجە ئىچىگە كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ (ئەگەر QQ2009نى cدىسكىغا قاچىلىغان بولسىڭىز c:\Program Files\Tencent\QQ2009\I18N مۇشۇ مۇندەرىجىگە ئىچىگە كۆچۈرسىڭىزلا بولىدۇ. قاملاشتۇرالمىسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ)
ناۋادا كومپىيۇتىرىڭىزدا خەتلەر ئۇلانمىغان بولسا ياكى خەتلەر سەت چىقىۋالغان بولسا تۆۋەندىكى چۈشۈرۈش ئادىرىسىدىن چۈشۈرۈرۈپ قاچىلىسىڭىز خەتلەرنى نورمال كۆرەلەيسىز
خەتلەر ئۇلانمىغان بولسا
خەتلەر سەت چىقىۋالغان بولسا

评论
<<يان سىتوننىڭ چوڭلىقى قانچە پاتمىسا يان سىتوننى ئازراق چوڭايتمامسىز بولمىسا>> مۇشۇنىڭ ئامالىنى دەپ بىرەمسىز، ئاستىغا ئىككى ئېلاننى قۇيۇپ كويسا بەكلا قاملاشمايدىكەن .
بۇنى css ئىچىدىكى #outerSidebar دىگەن جايدىن ئۆزگەرتىسىزغۇ دەيمەن ئۆزگەرتىپ سىناپ بىقىڭ سىزنىڭ قانچە ئىكەن
ھە راسىت بۇ ئېلاننى ئۆزىڭىز چېكىپ باقتىڭىزمۇ بولامدىكەن ؟