-
ئۇيغۇرچە Firefox ئىشلىتىڭ - [تــور بىــلىمـــلىــرى]
ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ! ئۇيغۇرچە Firefox ئىشلىتىڭ
كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىشى بىلەن Mozilla شىركىتىنىڭ توركۆرگۈسى Firefox ھازىر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ٪56 تاماملاندى. تەرجىمە بىلەن ماس قەدەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش ھۆججىتىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئىشلىنىپ ماڭدى. بۇ ئىقتىدار Firefox نى تەرجىمە قىلىش بېتىنىڭ ئىقتىدارى بولۇپ، تەرجىمە قانچىلىك تاماملانسا شۇنچىلىك ئۇچۇر تىل ھۆججىتىگە قوشۇلۇپ ماڭىدۇ.Firefox نىڭ توردا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش بېتىنىڭ ئادرېسى:https://l10n.mozilla.org/narro/narro_project_list.phpيۇقىرىقى ئادرېسنى ئېچىپ language نى چەكسىڭىز تىللار تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ، 6- بەتتە ئۇيغۇر تىلىنى چەكسىڭىز بۇ تەرجىمە قۇرۇلۇش بېتىنىڭ كۆرۈنۈشى ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ. ئاندىن سىز تىزىملىتىپ بۇ تەرجىمە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشالايسىز. تىزىملىتىشقا ئېلخەت ئادرېسىڭىز بولسىلا تىزىملىتالايسىز. تىزىملاتقاندىن كېيىن تەرجىمە قىلالايسىز، ھەمدە باشقىلارنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرەلەيسىز. تۆۋەندە Firefox نى ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشتە ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.1- ئالدى بىلەن Firefox نىڭ 3.0 نەشرىنىڭ ئىنگلىزچىسىىنى توردىن چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلايسىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:http://ftp.snt.utwente.nl/pub/so ... 20Setup%203.0.1.exe2- نىڭFirefox كۆرۈنۈشىنى ئالماشتۇرۇش قىستۇرما دېتالى Quick Locale Switcher نى قاچىلايسىز. چۈشۈرۈش ئادرېسى:http://releases.mozilla.org/pub/ ... -fx+mz+tb+sb+sm.xpiئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭبۇ ھۆججەتلەرنى Firefox توركۆرگۈ كۆزنىكىگە سۆرەپ تاشلىسىڭىز قاچىلاش ھەققىدە ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ.
install now ھازىر قاچىلايمەن دېگەننى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.
يۇقىرىدىكى كۆزنەكتىن Restart Firefox نى چېكىپ Firefox نى قايتا قوزغاتسىڭىز بۇ قىستۇرما كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
3- Firefox قوزغالغاندىن كېيىن، tools تىزىملىكىدىن Add-ans نى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن Options نى چېكىپ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ug-CN-Uighur )PRC( نى تاللاڭ ھەمدە يۇقىرىدىكى locale دېگەن ئورۇنغا ug-CN نى تولدۇرۇڭ، ئەگەر باشقا تىللاردىكى كۆرۈنۈشنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئوخشاش ئۇسۇلدا قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ. تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن OK نى چېكىپ جەزملەپ Firefox كۆزنىكىگە قايتىڭ.
4- ئەڭ ئاخىرىدا Firefox توركۆرگۈنىڭ ئوڭ ئاستىنى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ.
ئۇيغۇرچىنى تاللىسىڭىز تۆۋەندىكىدەك يەرلەشتۈرۈش ئۆزگەردى، قايتا قوزغىتىپ ئۆزگەرتىشنى كۆرەمسىز؟ دېگەن ئۇچۇر كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ. OK نى چېكىپ جەزملەپ قايتا قوزغاتسىڭىز Firefox نىڭ كۆرۈنۈشى ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ.
ئەسلىدە يەرلىكلەشتۈرۈش جەريانىدا بارلىق تېز كۇنۇپكىلارنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىگىلى بولاتتى، ئەمما ھازىرچە ئۇيغۇرچە دېتاللارنىڭ تېز كۇنۇپكا ئىشلىتىش قوللانمىسى بولمىغاچقا ئىنگلىزچە تېز كۇنۇپكىلار )تەرجىمە پروگراممىسى تەرىپىدىن ئۆزلۈكىدىن ھاسىل قىلىنغان( شۇ پېتى ئىشلىتىلدى. تۆۋەندىكىسى بىر قانچە پارچە كەسمىسى:随机文章:
ھەقسىز Z بلوگ قۇرىۋىلىڭ! (تەۋسىيە) 2009-01-11红色警戒3 نى چۈشۈرۈپ ئويناپ بىقىڭ! 2008-11-12QQ نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ 2008-09-01دوستانە ئۇلانما قۇشۇش 2008-07-14
<< كۇننىڭ تۇتۇلىشىنى بۇيەردن كۆرۈڭ ئۆزۇم تارتقان سۈرەت | باش بەت | پۇل پاخاللىقى ۋە 2009-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى(1) >>
