ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!..
  • پۇل پاخاللىقى ۋە 2009-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى(1) - [ھېكـايە، نەسىـر، شېئىر]

    خەتكۈچ: پۇل پاخاللىقى

    ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!

    يىڭى سوغۇق ئۇرۇش، پۇل پاخاللىقى ۋە 2009-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى

    لىيۇ جۇنلۇۋ

    سەلكىنگە تەرجىمە قىلىپ يوللىغۇچى: watandax

    2007-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى پىقىر بىلۇگىدا «2008-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە بىز» دېگەن ماقالەمنىڭ ئاخىرقى بۆلكىدە «جۇڭگۇ-ئامىرىكا پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى بولسا جۇڭگۇ پاي بازىرىنىڭ يىرىمىنىڭ ئازىيىشى، جۇڭگۇ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدۇر. بۇ پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشى 3-4يىل داۋاملىشىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا جۇڭگۇ ئاندىن ئۈزۈل-كېسىل ماجالسىز ھالەتكە ئۆتىدۇ. ئەمما 2008-2009-يىلى ئامىرىكىنىڭ چىتلاق فوندى ئامىرىكا فىدىراتسىيە خەزىنىسىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا شەرقىي ئىتتىپاق پۇل سىستىمىسىغا ھۇجۇم باشلايدۇ. بۇ بىرىنچى بىكەت. ئاندىن ياپۇنىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق پۇلىغا ھۇجۇم باشلايدۇ. بىزدىكى كۈچچۇ؟ ھەممە ئادەم ئۆزىنى قوغداش جەريانىدا زورىيىدۇ. ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز بۇنى ئۆزىڭىزدىن يىراق دەپ ئويلىماڭ. ئەتە سىزمۇ ئامىرىكىنىڭ قارمىقىغا چۈشكەن بولىسىز.»دەپ يازغانىدىم.

    مەدەنىيەت ۋە ئىمپىرىيە زوراۋانلىقىنىڭ ھەمدەپنە بويۇمى- جۇڭگۇ پاي بازىرى

    يىڭى سوغۇق ئۇرۇش دېگەن نىمە؟ يىڭى مۇستەملىكىلەشتۈرۈشنىڭ بايلىقلارنى قايتا تەقسىم قىلىشى دىگەنچۇ؟

    2001-يىلى پىقىر «ئۈجمە تىككەن دۆلەتنىڭ خاتالىقى» دېگەن بىر ھېكايىنى سۆزلىگەن ئىدىم. كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بىر پادىشاھ ۋەزىرلىرىگە پەقەت يىپەك كىيىم كىيىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. ئەمما دۆلەت ئىچىدە پەقەت ئاشلىق تېرىشقىلا يول قويۇپ، ئۈجمە دەرىخى تىكىشكە يول قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەتتە يىپەكنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىپتۇ. باشقا كىچىك دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئاشلىق تېرىماي ئۈجمە تېكىپ، يىپەك سېتىپ بايلىق توپلاپ، خۇشاللىقى كۆككە يېتىپتۇ. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ پادىشاھ پەقەت گەزمال (پاختا رەخت) كېيىشكىلا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق ئېلان قىپتۇ. لېكىن كىچىك دۆلەتلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشنى قەتئىي چەكلەپتۇ. شۇنىڭ بىەلن بۇ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۆلىدىغىنى ئۆلۈپ، كىچىك دۆلەتلەر ئاسانلا پادىشاھنىڭ ئىلكىگە چۈشۈپ قاپتۇ.

    بۇگۇنكى جۇڭگۇ ، جۈملىدىن بىز ھەممىمىزدەل بايلىقلارنى ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپ قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىھتىياجىدا ئېغىر دەرىجىدە چەتكە تايىنىدىغان «ئۈجمە تېرىش» ئىستىراتىگىيسىگە تايىنىپ ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.

    ھەممىمىزگە ئايانكى، ئامىرىكا ھەربىي جەھەتتىكى سوغۇق ئۇرۇش ۋاستىسى ئارقىلىق سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنى بىتچىت قىلدى ئەگەر ماۋزىدوڭ ئەپەندى 1950-يىلى ۋە 1961-يىلى چاۋشىيەن ۋە ۋىيتنامدا ئامىرىكا ئارمىيسىنىڭ كۈچىنى مەغلۇپ قىلمىغان بولسا، جۇڭگۇمۇ ھامان بىر كۈنى ئامىرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى سوغۇق ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان بولاتتى. بۇ مەدەنىيەت ۋە ئىمپىرىيە زوراۋانلىقىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى.

    ئىستىراھەتلىك پاراڭ:

    ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى چەت بىر تاغلىق رايۇندا بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، بىر چوڭ دۆلەت بۇ دۆلەتنى كونتىرۇل قىلىشنى ئويلايدىكەن. ئەمما بۇ كىچىك دۆلەت تاغلىق رايۇندا بولغاچقا، ھەربىي قوشۇننىڭ ھۇجۇم قىلىشى ئانچە قولايلىق ئەمەسكەن. شۇڭلاشقا چوڭ دۆلەت بۇ كىچىك دۆلەتكە ئەلچى ئەۋەتىپ، كىچىك دۆلەت پادىشاھى ۋە ۋەزىرلىرىگە چوڭ دۆلەتنىڭ كىچىك دۆلەت بىلەن ئالاقە قىلغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، نورغۇن سوۋغاتلارنى تەقدىم قىپتۇ. شۇنداقلا يەنە سوۋغات بېرىش نىيىتى بولسىمۇ، يول قولايلىق بولمىغاچقا ئەۋەتەلمىگەنلىكىنى، كىچىك دۆلەتنىڭ چوڭراق بىر يول ياسىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. كىچىك دۆلەتنىڭ پادىشاھى ۋە ۋەزىرلىرى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال پۈتۈن دۆلەت خەلقىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ چوڭ يول ياساشقا كىرىشىپتۇ. بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ زور كۆلەمدىكى بايلىقلىرى بۇ چوڭ يولنى ياساش ئۈچۈن سەرپ بولۇپ تۈگەپتۇ. بۇ چوڭ دۆلەتنىڭ بايلىقلىرى كىچىك دۆلەت خەلقىنىڭ قولىغا يىتىپ كىلەلىدىمۇ؟ يىتىپ كىلەلىگەن بولسا بۇ كىچىك خەلقىنىڭ ئەسلى بايلىقى ۋە ئەمەلىي قىممىتى بۇ چوڭ يولنىڭ ئالدىدا نىمىگە ئەرزىيىتتى؟ ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى، بۇ يول ياسىلىۋاتقان ۋاقىتتا بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ سودا ئىشلىرى گۈللەپ ياشناپ، ھەر قايسى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ قىممىتى ئۆرلەپتۇ. ئەمما بۇ يول ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي كىرىزىس پەيدا بولۇپ، ھەر قايسى ئىش ئورۇنلىرى، زاۋۇتلار كەڭ كۆلەمدە ۋەيران بولۇپتۇ. بۇ كىچىك ھېكايىنىڭ ئىسمى «يول».

    ئويلىنىش:

    بۈگۈنكى جۇڭگۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئەرزان ياساش دۆلىتى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ يولنى ياسىغاندىن كېيىن، ھازىرقى جۇڭگۇ بايلىقلىرىنى زور كۆلەمدە ئىسراپ قىلدىمۇ-يوق؟ ئىشلەپچىقىرىش ئىھتىياجى جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە چەتئەلدىكى چوڭ دۆلەتكە تايىنىپ قالدۇقمۇ-يوق؟ بۈگۈنكى جۇڭگۇ «يول» ھېكايىسىدىكى باشقا چوڭ دۆلەت ئۈچۈن كەڭرى يول ياسىغان دۆلەتكە ئوخشامدىكەن-ياقمۇ؟
    ھەربىي سوغۇق ئۇرۇش ۋە بۈگۈنكى يىڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى شۇكى، بۇ بىزنى مەدەنىيەت ۋە ئىمپىرىيە زوراۋانلىقىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈشكە ئېلىپ بارىدۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدا بولسا بىر خىل يىڭى مۇستەملىكىلەشتۈرۈشنىڭ بايلىقلارنى قايتا تەقسىم قىلىش پائالىيتى يۇشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، ھەممىمىز كۆردۇقكى، بىر تۇڭ نېفىت 60ئامىرىكا دوللىرىدىن 140ئامىرىكا دوللىرىغا ئۆرلەپ، باھاسى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئۆستى. ئەمما جۇڭگۇنىڭ پاي بازىرى %50تىن كۆپرەك چۈشتى. جۇڭگۇ ھۆكۈمەت تەرەپ زاپىسىدىكى 2تېرىلىيۇن ئامىرىكا دوللىرىنى نىفىت باھاسى بويىچە ھېساپلىغاندا، بىر يىل ئىچىدە %50كە يىقىن پۇل پارغا ئايلىنىپ كەتتى. يەنى جۇڭگۇ تاشقى پىرىۋۇت زاپىسى ۋە دۆلەت ئىچكى بايلىقىدىن ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا نەچچە ئون تىرىلىيۇن خەلق پۇلى تۈگىدى. بۇ ئادەتتىكى بىر بازار ئامىلىنىڭ نەتىجىسىمۇ ياكى «يول» ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىدىكى كومىدىيەلىك نەتىجىمۇ؟

    2008-يىلى يىل ئاخىرىدا پاي بازىرى 2000نوقتىنى كۆرىشى مومكىن، 2009-يىلى يىل ئاخىرىدا پاي بازىرى ئېھتىمال 1000نوقتىنى كۆرىشى مومكىن. سىزنىڭچە «يول» ھېكايىسىدىكى چوڭ دۆلەت پادىشاھى جۇڭگۇ پاي بازىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈمىد قىلامدۇ ياكى جۇڭگۇ پاي بازىرىنىڭ بىر سىنىتقا ئەرزىمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قىلىشىنى ئويلامدۇ؟

    ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخى دېگەن نىمە؟

    -بايلىقلارنىڭ قايتا تەقسىم قىلىنىشى.

    بايلىقلارنىڭ قايتا تەقسىم قىلىنىشى جەريانى بەرىبىر ياۋايىلىق ياكى مەدەنىيەتنىڭ كونتىرۇلىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى شۇكى، بىر قىسىم مىللەتلەر تۈگىشىپ، بىر قىسىم مىللەتلەر زومىگەرلىك ھوقوقىغا ئېرىشىدۇ. شۇڭلاشقا بۈگۈنكى جۇڭگۇ پاي بازىرى، شۇنداقلا ئەتىكى جۇڭگۇ پاي بازىرى چوڭ دۆلەت بىلەن كىچىك دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇشنىڭ ئولجىسى بولامدۇ ياكى بىر خىل مەدەنىيەت ۋە ئىمپىرىيە زوراۋانلىقىنىڭ ھەمدەپنە بويۇمى بولامدۇ؟

    پۇل پاخاللىقى ۋە 2009-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى

    Ben s. Bernanke ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بىرى، بازارغا كىرگەن ئاساسىي پۇل 1تىرىلىيۇن 300مىليارد ئامىرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئەمما بۈگۈنكى ئامىرىكىنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى جۇڭگۇنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ جۇڭگۇنىڭ كۆپ مىقداردىكى ئەرزان باھالىق تاۋارلىرى ۋە ئەرزان كاپىتالىنىڭ ئامىرىكا بازىرىغا كىرىپ، ئامىرىكا كاپىتالى ۋە ئامىرىكا تاۋار باھاسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

    بۇنى خۇددىي بىر سۈتلۈك ئانا بولۇپ، ئۇ باشقا ئائىلىنىڭ بالىسىنىڭ باقىدىغان بولغاچقا، ئۆز بالىسىنى باقالمىغانلىقىغا سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، باشقىلارنىڭ بالىسى ئاپئاق ۋە سېمىز، ئەمما ئۆز بالىسى بولسا جۈدەڭگۇ ۋە ئورۇق.
    ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىدا ئامىرىكا زو كۆلەمدە جۇڭگۇنىڭ ئەرزان باھالىق تاۋارلىرى ۋە تۆۋەن تەننەرختىكى كاپىتالىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئامىرىكا فىدىراتسىيە خەزىنىسى چەكلىمىسىز ھالدا پۇل بېسىشقا تۇتۇشتى. شۇنداقلا ئامىرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىمۇ چەكلىمىسىز ھالدا دۆلەت زايۇمى تارقىتىشقا باشلىدى.
    ئامىرىكا مۇشۇنداق چەكلىمىسىز ھالدا ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان بولغاچقا، دۇنياۋى خاراكتىرلىك پۇل پاخاللىقى ئۈزلۈكسىز ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
    بىز بىر قەدىمىي قائىدىنى بىلىشىمىز كىرەك:
    پۇل پاخاللىقى جەريانىدا ۋەيران بولىدىغىنى قەرزدار ئەمەس، بەلكى ھەقدار بولۇپ، قەرزدار شىددەت بىلەن بىيىغۇچىدۇر. (بۇ قائىدە دۆلەت ئىچىدىمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە. قولىمىزدا پۇل تۇتۇپ تۇرغانلار دۆلەتكە نىسبەتەن ھەقدار، دۆلەت بولسا بىزگە قەرزدار. چۈنكى قولىمىزدىكى پۇل ئەمەلىيەتتە دۆلەتتىن ئىبارەت بۇ بىزنىڭ ئىشەنچىمىزگە نائىل بولغان ئورگاننىڭ بىزگە يېزىپ بەرگەن قەرز ھۆججىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە ئاساسەن ئۆز مۆلكىمىزنى ئۇنىڭغا قەرز بېرىپ تۇردۇق. بولمىسا بىزنىڭ قولىمىزدا باشقا ئەمەلىي بايلىق بولىشى كىرەك ئىدى. بىز پەقەت دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە ئىشىنىپلا قولىمىزدىكى ئەمەلىي بويۇمنى شۇ قەرز ھۆججىتى-قەغەز پۇل-غا ئالماشتۇردۇق. –ت)
    بۇ قائىدە قەدىمكىگە ئوخشاشلا، بۈگۈنمۇ ئامىرىكا ۋە جۇڭگۇ ئوتتۇرىسىدىكى ئويۇندا ئەسقېتىۋاتىدۇ. كىيىنكى قەدەمدە كىمنىڭ بېيىپ، كىمنىڭ نامراتلىشىدىغانلىقى ئوپئوچۇق بولۇپ بولدى.
    شۇڭلاشقا بۈگۈنكى جۇڭگۇنىڭ ئاساسىي ئېقىمدىكى ئىقتىسادشۇناسلىرىنى «ئۈجمە تىككۈچى» ۋە «يول» ھېكايىسىدىكى كىچىك دۆلەتنىڭ پادىشاھى ۋە ۋەزىرلىرىگە ئوخشىتىشقا بولامدىكەن؟
    ئۇنداقتا ئەمەلىيەتتە بىز «ئۈجمە تىككۈچى» ۋە «يول ياسىغۇچى»لارغا ئايلىنىپ بولغان ئىكەنمىز، ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟
    مۆلچەرىمچە، 2009-يىلىنىڭ 2-پەسلىدە جۇڭگۇنىڭ پۇل پاخاللىقى ئوموميۈزلۈك كونتىرۇلسىز ھالەتكە چۈشىدۇ. 2009-يىلىنىڭ 4-پەسلىدە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى شىددەت بىلەن چۈشىدىغان دەۋر كېلىدۇ. 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگۇنىڭ پۇل پاخاللىقى %25-%30كە يېتىدۇ. 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خەلق پۇلى بىلەن ئامىرىكا دوللىرىنىڭ ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى 1دوللار 30يۈەن خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلىنىدىغان سەۋىيەگە يېتىدۇ. ھازىرقى جۇڭگۇ ھاياتلىق سۇغۇرتىسىنىڭ پاي باھاسى 40يۈەن بويىچە ھېساپلىغاندا، ئامىرىكىلىقلار 6دوللار سەرپ قىلىپ بىر تال جۇڭگۇ سۇغۇرتىسى پىيىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما دۇنياۋى خاراكتىرلىك پۇل پاخاللىقى مۇشۇ بويىچە كېتىۋەرسە، قەدىمىي قائىدە بويىچە بولغاندا، جۇڭگۇ ۋاقتى كەلگەندە %100بەربات بولىدۇ. شۇ چاغدا جۇڭگۇ ھاياتلىق سۇغۇرتىسى پېيى 3يۈەن خەلق پۇلى بولسا، بىر ئامىرىكا دوللىرىنى 30يۈەن خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلىغىلى بولسا، ئۇنداقتا ئەسلىدىكى 6ئامىرىكا دوللىرىغا 60تال جۇڭگۇ سوغۇرتىسى پېيىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە پۇل پاخاللىقىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي قائىدە ئارقىلىق بايلىقلارغا قارىتا قايتا تەقسىملەش ئېلىپ بېرىلسا، ئامىرىكىلىقلار 60ھەسسە بېيىيدۇ. ئامىرىكىلىقلارنىڭ پۇلى بولغان ئامىرىكا دوللىرى 21-ئەسىرنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا دۇنياۋى پۇل بولۇش زۇمىگەرلىك ئورنىنى تىكلەيدۇ.
    شۇنداق بولغاندا كەلگۈسى دۇنيادا نىفىت، ئالتۇن ۋە ئاشلىق باھاسى قانداق ماڭىدۇ؟
    پىقىر ئىيىتقان «ئۈجمە تىكىش» ۋە «يول» ھېكايىلىرىدە سۆزلەنگەندەك چوڭ دۆلەت پادىشاھى ۋە كىچىك دۆلەتنىڭ پادىشاھ، ۋەزىرلىرى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ نىفىت، ئالتۇن ۋە ئاشلىق باھاسىنى قەدەممۇ-قەدەم ئۆستۈرەلەمدۇ-يوق؟
    پۇل پاخاللىقىدىن ئىبارەت بۇ كونا بايلىق تەقسىم قىلىش قورالى بۈگۈنكىدەك ئورتاق گۈللەنگەن دەۋردە يەنە گۈللەپ-ياشناپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالامدۇ-يوق؟
    داۋامى بار....





    ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!
  • ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!
يېزىق ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Internet Explorer دا Ctrl+k نى Google Chrome دا Ctrl+S نى بىسىڭ