-
2012年05月12日
دوكتورانت يېتەكچىسى، پروفېسسور، دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىلمىي – ئىجادىي ئەمگەكلىرى - [خەۋەرلەر]
ئابدۇرەئوپ پولات ( ئەدەبىي لەقەبىي تەكلىماكانىي)،1950-يىل11-ئاينىڭ1-كۈنى، قەشقەر شەھرى يۇمۇلاقشەكۆلبېشى مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966-يىل قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1972- يىل بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1975-يىل ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەچ، ئۆز فاكۇلتېتىگە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئېلىپ قېلىنغان.
1978-يىل3-ئايدىن 1982-يىل7-ئايغىچە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن. 1984-يىل 4-ئايدىن 1985-يىل 10-ئايغىچە ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، باغدات، كۇفە، نەجەف ۋە كەربالا قاتارلىق شەھەرلەردە ئەرەب تىلى بويىچە پراكتىكا قىلغان. 1986-يىلدىن 1988-يىلغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە پارس تىلى ئۆگەنگەن. 1996-يىل 10-ئايدىن 1997-يىل 7-ئايغىچە زىيارەتچى ئالىم سالاھىيىتى بىلەن، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئەرەب ئەدەبىياتى بويىچە، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە بولسا، ئىسلام دىنى ئاساسلىرى ( ئۇسۇلۇددىن) بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.1997-يىل 10-ئايدىن 2002 -يىل 5- ئايغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-تارىخ-جۇغرافىيە ئىنستىتۇتى چاغداش تۈرك شىۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىدە، چاغاتاي تۈركىي تىل-ئەدەبىياتى بويىچە ئوقۇپ، «ئەدەبىيات دوكتورى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئۇ ھازىرغىچە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى»، «تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «نەۋائىي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى»، «تۈرك تىلى» ۋە «ئەرەب تىلى» قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلىگەن. 1991- يىل «بېيجىڭ شەھرى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالانغان. 1992- يىل دوتسېنت بولغان. 1995- يىل «باۋگاڭ مائارىپ فوندى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.2004- يىل 9- ئايدا، پروفېسسور بولغان. ئۇ ئوتتۇز يىلدىن بۇيان ئىزچىل سۆزلەپ كېلىۋاتقان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى» 2006- يىل «بېيجىڭ شەھرى دەرىجىلىك سەرخىل دەرس» بولۇپ باھالانغان. مۇشۇ شاراپەتلەر بىلەن، ئۇ 2007-يىل 10-ئايدا، دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى بولغان.历史上的今天:
كەچتە چېنىقىش سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق 2012年05月12日قانداق ئادەملەر تاۋۇز يېسە بولمايدۇ 2012年05月12日
<< ھىندۇنېزىيەدە تۆت مىنۇت يەر تەۋرىدى 28 دۆلەت چۆچۈپ كەتتى | باش بەت | مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بېيجىڭدا تۆۋەن كاربون خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى >>
ئىزدەش
سەھىپىلەر
يىڭى يازمىلار
- يىتىپ تۇرۇپ يانفۇن ئويناش زىيانلىق
- ئۇۋۇلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق كىسەل داۋالاشنى ئۈگۈنۈۋىلىڭ
- كىتاب ئوقۇش دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
- كۈندە ئۈچ پىيالە چاي ئىچسە، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
- ئۆلۈمدىن ئىلگىرىكى 1 سىكونت ئىچىدىكى 14 خىل تۇيغۇ
- ئەرلەر ساغلاملىقدىكى ‹‹ 7 چوڭ قاتىل ›› نىڭ سىرى
- سىزنى كېسەلدىن ساقلايدىغان يېمەكلىكلەر
- غەيرەتجان ئورۇنلىغان ناخشا
- ئۆپكىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئىقتىدارى
- نەپەسلىنىش سىستىمىسىنىڭ تۈزۈلىشى