مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1330|ئىنكاس: 39
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

رۇبائىيلار!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
(ئاپتورنىڭ ئىسمىنى ئەڭ ئاخىردا دەيمەن، دېيىشتىن بۇرۇن تېپىۋالغۇچىلارغا سوۋغاتلىق بېرىمەن، چۈنكى كىتاب ئوقۇش يىلىدا سىزنىڭ بىلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس)

(كۈندە بىر كۇبلېت)
ئاپەتتۇر ئۆزگىنىڭ رىزقىنى يېمەك،
بىرىنىڭ بىرىدە قالماستۇر، دېمەك.
مەگەركىم جاھانغا خوجا بولساڭمۇ،
يېگىنىڭ ھالالمۇ، ئويلىشىڭ كېرەك.


مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-23 22:01:03 | ئايرىم كۆرۈش
بىراۋغا كۈچۈكتەك ئەركىلەپ كەتمە،
ئۆزگىنىڭ باغىدا سەگىدەپ كەتمە.
ھەر لوقما يېگىنىڭ ئەجرىڭدىن بولسۇن،
ھارامغا دۈم چۈشۈپ، پەتىلەپ كەتمە.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-23 22:01:29 | ئايرىم كۆرۈش
ياز كېتىپ پەسىلنىڭ كەلگەندە قىشى،
شۇ يازغا تارتىشىپ مۇڭلىنار كىشى.
كۈن-ئاينى ئۆتكۈزۈپ تەلپۈنۈش بىلەن،
قۇرۇيدۇ تۇيدۇرماي يۈرەك بېغىشى.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-23 22:01:58 | ئايرىم كۆرۈش
قۇلاق سال نېمە دەر ئەلنىڭ دانىشى،
ئەلنى دەپ ئۆتكەننىڭ ئاغرىماس بېشى.
تارىخنىڭ دارىغا ئېسىلغاي بىر كۈن،
ئەل-يۇرتنى قاقشىتىپ جان باققان كىشى.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-25 22:06:01 | ئايرىم كۆرۈش
ئەل كۆڭلى بىر دېڭىز شاۋقۇنسىز دېمە،
نە قىلسام كۆتۈرەر ئۈن-تىنسىز دېمە.
پەقەتلا سەن ئۈچۈن تۇغۇلماس قۇياش،
ئۆمرۈڭنى ئۆتىدۇ ھېچ تۈنسىز دېمە.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-25 22:07:19 | ئايرىم كۆرۈش
مەيلى قىل ئىلتىجا يا ئۈمىد گاھى،
ساڭىلا باقمايدۇ پەلەكنىڭ رايى.
ئۆتكۈنچى دەۋرگە بولساڭمۇ باشبۇغ
ۋە لېكىن قوۋمىڭغا بولمىغىن ئاسىي.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-25 22:08:40 | ئايرىم كۆرۈش
ھەر كىمگە مۇقەددەس تۇغۇلغان ۋەتەن،
ۋەتەندىن ئايرىلساڭ كىيگىنىڭ كېپەن.
قۇي خۇشنۇد شارابىڭ ئىچەي بىرقەدەھ،
ۋەتەننىڭ ئىشقىدا يانسۇن بۇ بەدەن.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-25 22:09:56 | ئايرىم كۆرۈش
بولسىمۇ بۇ جاھان سەيلىگاھ سىياق،
ئەمەستۇر ھېچ كىشى غۇسسەدىن يىراق.
بۇلبۇلمۇ سايراپلا ئۆتمەس جاھاندىن،
چۈشەنسەڭ، ساڭىمۇ ھايات ئەشۇنداق.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-26 22:25:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزۈڭلا ئۆتەمسەن شاھانە ياشاپ،
بۇ ئانا تۇپراقنىڭ يىلىكىن شوراپ؟
يادىڭدا بولمىسا ئەل-يۇرتنىڭ غېمى،
قانچىلىك باي بولغىن، ئۇ نۆلگە ھېساب.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-26 22:26:40 | ئايرىم كۆرۈش
قولنىڭمۇ پاكىزى سۇدىلا ئەمەس،
نى قول بار بىر ئۆمۈر ھارامدىن كەلمەس.
بەزىلەر قالسىمۇ سەكراتقا چۈشۈپ،
كۆڭلىدىن كەتمەيدۇ ھارامغا ھەۋەس.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:11 , Processed in 0.085129 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش