مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
ئىگىسى: ئەركمان
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

رۇبائىيلار!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
21#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-27 13:39:53 | ئايرىم كۆرۈش
بار ھېكمەت بېتىدە مۇنداق ئىبارە:
نە تېرىق نېسىبتۇر قىلمىساڭ چارە؟
ھەر كىشى جاھاندىن ئۆتمەيدۇ بەگدەك،
ئۆزۈملا، دەپ ياشاش قىلماس كۇپايە.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
22#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-27 13:41:32 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزگىدىن بىمېھنەت نېسىۋە كۈتۈپ،
ياتماقلىق باراۋەر ئوغىنى كۈتۈپ.
گاھ كۆككە تەلمۈرۈپ باققىنىڭ بىلەن،
بۇلۇتمۇ بىر تامچە بەرمەيدۇ تۆكۈپ.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
23#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-27 13:43:16 | ئايرىم كۆرۈش
كۆڭۈلنىڭ سۇلتانى ئەركى مەيلىدە،
بولسىمۇ تۈندىكى ئايدەك سەيلىدە.
ياشاشنى لەنەت بىل ئۆزۈڭگە ھەرچاغ،
ياخشىغا دۈشمەنلىك قىلىش پەيلىدە.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
24#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-27 13:44:52 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزئارا ھال-مۇڭدا مېنىڭ راست دېمە،
ئۆزۈملا دېمەكنى ماڭا خاس دېمە.
كىشىگە قىلغىنىڭ تاغدەك بولسىمۇ،
ئۆزگىنىڭ بەرگىنى ھەرگىز ئاز دېمە.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
25#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-27 19:46:32 | ئايرىم كۆرۈش
ئادەمگە جاھىللىق بىر ۋابا-ئاپەت،
جاھىللار ھەققىمۇ قىلماس ئىتائەت.
شۇنىڭچۈن ئۇلاردىن شادلىق يىراقلاپ،
ئىشلىرى يۈرۈشمەس بېسىپ پالاكەت.

پەلەك ئۇ سالجىدەك ئۆمۈرنى شوراپ،
تاشلايدۇ ئاخىرى كېپەنگە ئوراپ.
زېمىننى تىترىتىپ قىلساڭمۇ نالە،
ئۇ سېنى پەپىلەپ، تۇرمايدۇ ئاياپ.

بۇ جاھان بىر رەڭباز، يۈرمە ئالدىنىپ،
نەپ ئۈچۈن بېلىقتەك يىپقا ئىلىنىپ.
ھاياتىڭ باھاسىن بىلەي دېسەڭ گەر،
ئىزىڭغا قارىساڭ تۇرار بىلىنىپ.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
26#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-27 19:48:28 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزگىنىڭ تاپقىنى گۆھەر بولسىمۇ،
دەرىخى تىللانى تۆكەر بولسىمۇ،
كىشىنىڭ مۈلكىگە سالمىغىن نەزەر،
كۈنلىرىڭ غۇربەتتە ئۆتەر بولسىمۇ.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
27#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-29 14:41:57 | ئايرىم كۆرۈش
ئالتۇننىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ۋەزنىدە،
تەبىئەت كۆركىمۇ ئۇنىڭ پەسلىدە.
ئەقىلنى كەسمىسۇن ئاچچىقنىڭ تىغى،
سالماقلىق بىلەن ئۇز ئىنسان ئەسلىدە.

كۆزۈمنى قىزارتماس ئۆزگىنىڭ پۇلى،
چۈنكى مەن ئەمەسمەن نەپسىنىڭ قۇلى.
ئىنساندەك ياشاشنى شەرەپ بىلمىكىم،
مانا بۇ پەقىرنىڭ تاللىغان يولى.

دەريامۇ دەريادۇر ئېقىنى بىلەن،
ئىنسانمۇ ئىنساندۇر ئېيتقىنى بىلەن.
ئويلاپ باق، كىم روناق تېپىپتۇ دوستۇم،
كىشىنى ئالدىماق-يالغىنى بىلەن.

بولمىسا ئېڭىدا ئەسلىي زېرەكلىك،
"بىلىمەن' دېگەننىڭ بىلىمى چەكلىك.
ھەقىيقەت ئالدىدا بولما بوياقچى،
ھەققانىي ئىشنى قىل ئەلگە كېرەكلىك.
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
28#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-29 17:54:10 | ئايرىم كۆرۈش
بۇرادەر مىسكىننى يادىڭغا ئېلىپ،
يوقلاپ تۇر گاھىدا مۇرۇۋۋەت قىلىپ.
تاپقاننى قەدىرلە، بىھۇدە چاچما،
ياشاپ ئۆت ھاياتنىڭ مەنىسىن بىلىپ.

ئورۇنلۇق بولسا سۆز بېلىگە تەپمە،
شۇ سۆزگە قۇلاق سال، يىراقلاپ كەتمە.
كۆپ ئاڭلا، ئەقىل تاپ، ۋەلېكىن ئەي جان،
ئۆزگىنىڭ خاكىدا تېمىڭنى ئەتمە.

بۇ پەلەك ئوڭ پېتى ئايلانماس ھامان،
گاھ ئۆزىن رەقىبتەك قىلۇر نامايان.
شۇندىمۇ ئېلىشىپ كاج تەقدىر بىلەن،
ئۆزۈڭنىڭ بەختىنى ئۆزۈڭ تاپ ئىنسان.

تىرىككە نېسىۋە تاڭنىڭ ئاتقىنى،
نېمىگە ئېرىشەر تاپتەك ياتقىنى.
ئەل-يۇرت شەرىپىگە بولدى مۇيەسسەر،
ھالال تەر تۆككىنى-ھەسسە قاتقىنى.
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
29#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-29 18:01:43 | ئايرىم كۆرۈش
گاھ كېچە ئۆتسەڭمۇ ئامەتنى چۈشەپ،
بەس، يۈرمە ئوڭۇڭدا چىشىڭنى بىلەپ.
بىر مەررە ناشتىلىق بەرمەس بۇ جاھان،
ئۆزۈڭ ھەر مۈشكۈلگە قىلمىساڭ سەۋەب.

ھەركىمنىڭ ئۆزىدە بار نىسپىي ئەرك،
بەزىدە شاھ ئەمرىن قىلماقلىق تەرك.
ھە شۇڭا تاللىغان  ئۆز يولۇڭ بولسۇن،
بولساڭمۇ مەيلى سەن شاھى يۆلەكلىك.

مەنمۇ ھەم جاھانغا يارالغان ئىنسان،
ئەمەسمەن ھەر قولغا تەلمۈرۈپ قالغان.
كۈچ-قۇۋۋەت، ئەجرىمدىن ئاتىمنى قوزۇق
قىلىپ مەن زېمىننىڭ بېتىگە قاققان!

بەزىلەر ئۆزىنى سانىشىپ ئۇلۇغ،
سۆزلەيدۇ ئىنساندىن ئەمەستەك ئۇرۇق.
تەڭرىمۇ بەندىنى ياراتقان بىلەن،
ئەمماكى ھەممىدە كىم بوپتۇ تولۇق؟
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
30#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-29 18:08:04 | ئايرىم كۆرۈش
چاك كەتسە چىنەڭگە ئۇ ھېچ گەپ ئەمەس،
تۇرمۇشتا بوپ تۇرار بۇنداق ئىش پەۋەس.
مۇبادا كۆڭۈلگە كەتسە زەررە چاك،
مىڭ يىلدا ئەسلىگە كەلتۈرمىكىڭ تەس.

ئۆزۈڭنى ئۆزگىگە كۆرسەتمە سىرلىق،
گەر قىلىچ بولساڭمۇ ئۆتكۈر ۋە قىرلىق.
ھېس قىلىپ يەتكىنكى، ئەلنىڭ ئالدىدا
ئاقمايدۇ ھېچقاچان بۇ نەيرەڭ-پىرلىق.

بولمىسا مەگەركىم ئادەمنىڭ دىتى،
كۆڭۈلگە ياقمىغاي ھەرقانداق گېپى.
تۇرقىدا بولسىمۇ جەزبى گۈزەللىك،
ئۇنىڭدىن مىڭ ياخشى قۇلۇلە قېپى.

ئۆزگىنى غاجايسەن، رەنجىشىڭ نېمە؟
يىقىلسا يۆلىگەن پەقەت مەن دېمە.
ئۆزۈڭنى دەڭ سېلىپ كۆرگىنە ئەۋۋەل،
كىملەرگە ياراشقان ئاداۋەت، گىنە؟
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:11 , Processed in 0.062066 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش