مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
ئىگىسى: ئەركمان
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

رۇبائىيلار!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
31#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-29 18:35:17 | ئايرىم كۆرۈش
بىراۋنىڭ ئەيىبىن ئاچما يېپىپ قوي،
بىر جۈملە ياخشى سۆز بولسا قېتىپ قوي.
ھەركىمنىڭ چىش بىلەن تىلى  ئۆزىدە،
مۇمكىن بار كۆڭلىنى ئايا، ئېچىپ قوي.

ئىنساننىڭ يېڭىلمەي بارمۇ ئۆتكىنى،
ئۇنىڭدىن مۇستەسنا بولغىنى قېنى؟
كىشى گەر بولسىمۇ ھەرقانچە دانا،
بولىدۇ يەنىلا نۇقسان-سەھۋىنى.

گاھ كۈنلەر ئارقىنى پۇتۇڭنى چۈشەپ،
قويارمىش قالسا ئۇ سېنى ئۆگەيلەپ.
ئەدناسى باسسا گەر نەسلىك، پالاكەت،
كېلەرمىش كۈچۈكمۇ قاۋاپ، دېۋەيلەپ.

بۇ ئالەم قىسمەتنى تۇغۇپ تۇرارمىش،
ئەدەپلەپ گاھ سېنى نوقۇپ تۇرارمىش.
كىشىلىك ھاياتتا ئىنسانغا مەنسۇپ،
كۆڭۈلنىڭ ئەركىنى بوغۇپ تۇرارمىش.
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
32#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-29 18:43:06 | ئايرىم كۆرۈش
گۇناھلار ئىچىدە قەبىھ، يامىنى،
بىراۋنىڭ ھەققىنى يېگەن، تانغىنى.
شۇندىمۇ بەزىلەر ئۆزگىنى شوراپ،
ئۇيالماي كۆتۈرۈپ يۈرەر قەددىنى.

ياشانى ئۆگەنگىن پاراسەت بىلەن،
بەىتنى ئۆلچىمە ھالاۋەت بىلەن.
ئەقىلنى ئۆزۈڭگە ماياك قىلمىساڭ،
كېتىسەن دۇنيادىن نادامەت بىلەن.

ئىنساننىڭ بولمىسا تەپەككۇر، ئېڭى،
جاھاننى بىر چۈشتەك بولۇر كۆرگىنى.
نېمىگە ئاساسكىن بۇنداق ياشىماق،
مەنمۇ بىر ئىنسان دەپ ئەلدە يۈرگىنى؟

كۈتمىگىن پەسكەشتىن رەھىم ۋە شەپقەت،
چاياننىڭ چېقىشى ھامان ھەقىيقەت.
ئۆۈڭنىڭ تەقدىرى ئۆزۈڭگە باغلىق،
يېلىنىش ئېپ كېلۇر ئىنسانغا ئىللەت.
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
33#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-30 12:54:26 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاقتنى ئوغرىلاپ قۇياش يۈگىرەر،
كۆكسۆيگەن چوققىلار بەلدىن ئېگىلەر.
كېرىلمە سېنىڭسىز ھاياتلىق يوقتەك،
سەنسىزمۇ، مەنسىزمۇ پەلەك چۆرگىلەر.

ھەر كىشى قولىدا ھەرنە ئىش، خاھىش،
ئەسلىڭنى بىل ئەۋۋەل مەيلى بول دانىش.
ئۆزگىنى ئۆزۈڭدەك چاغلىماق مۈشكۈل،
بىلمىسە قەدرىڭنى نەھاجەت كايىش؟

ئەستە تۇت، جاھاندىن ئاغرىنما سۆزلەپ،
ياشاشنىڭ يولى كەڭ، ماڭ پەللە كۆزلەپ.
ھەر ئىشقا ئىگە بول زېھىن، پەم بىلەن،
ئوي-دۆڭدە قالساڭمۇ ئۆزۈڭ ئۆت تۈزلەپ.
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
34#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-30 12:59:50 | ئايرىم كۆرۈش
بىراۋدىن ئىلتىپات كۈتكەندىن ئەي جان،
ئەلادۇر گاھىدا غاجاش ئۇستىخان.
بەزىدە تۈگۈلۈپ ئاتقۇزىسەن تاڭ،
بويۇڭغا مۇناسىپ كەلمىسە يوتقان.

ھەركىمنىڭ ئۆزىدە ھايات تىزگىنى،
تىزگىنسىز تاپۇرمۇ كىشى بەختىنى؟
ھەربىر تاڭ ئىنسانغا يېڭىچە سوئال،
مۇمكىنمۇ بىجاۋاب قۇچماق ۋەسلىنى؟
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
35#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-2 17:41:31 | ئايرىم كۆرۈش
كىشىنىڭ يۇرت-ئەلسىز چىققايمۇ دېڭى،
شاھ تەختى، قەسىرلەر تۇرغايمۇ يېڭى،
پەسىللەر يېنىشلاپ كەلگىنى بىلەن،
ياشلىقنىڭ قايتىدىن ئاتقايمۇ تېڭى؟

ياشاشنى ئۇلۇغ بىل مېھنىتىڭ بىلەن،
يوقسۇلنى كۈتۈۋال نېمىتىڭ بىلەن.
كەتسەڭمۇ جاھاندىن ئەلگە نەپ قالدۇر،
دىللارغا مۆھۈردەك ھېكمىتىڭ بىلەن.

بۈگۈنى بولساڭمۇ راھەتتە ئاتلىق،
بولغايمۇ مېۋەڭنىڭ ھەممىسى تاتلىق؟
بەزىدە يىغلايسەن، بەزىدە كۈلۈپ،
بىلىپ قوي ئەسلىدە شۇنداق ھاياتلىق.
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
36#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-2 17:48:17 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ جاھان ئامەتنى بېرىپلا تۇرماس،
مۇز تۇتقان تاغلىرى ئېرىپلا تۇرماس.
تەبىئەت پەسلىنىڭ يېنىشى باردۇر،
بەس، نامەرد مەيدىنى كېرىپلا تۇرماس.

ئىنسانغا ئۆمۈرمۇ بىر تاشقىن قىيان،
تاغ بولۇپ توسۇشقا نە باركى ئىمكان.
دەرماندا تۇغۇلۇپ ئارمانلار بىلەن،
بۇ يورۇق ئالەمدىن خوشلىشار ئىنسان.

كىشىدە بولمىسا خۇلقى-پەزىلەت،
نە تۇيغي  بېرەر ئۇ، بىر جانسىز سۈرەت.
قوۋملار ئىچىدە يۈرسىمۇ ياشاپ،
نە پەرقى بار ئۇنىڭ مۇردىدىن پەقەت؟

قۇياشنىڭ كەينىگە يوقتۇر يانغىنى،
ھەم يوقتۇر ئىنساننىڭ ياشاپ قانغىنى.
ۋە لېكىن بار دېسەڭ بار بەزى ئىنسان -
ناھەقنى يار قىلىپ، ھەقتىن تانغىنى.
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
37#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-2 17:55:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزگىنى ئۆزۈڭدەك چۈشەنمەك تەسمىش،
ئۆز بىلسەڭ گاھ ساڭا نىيىتى قەستمىش.
ناۋادا يوقاتساڭ سەگەكلىكىڭنى،
يەلكەڭنى تاغ كەبى باسقىنى نەسمىش.

يىراق قىل پەقىرنى ياتقا يېلىنىپ
ياشاشتىن، يارەببىم نەزەرگە ئېلىپ.
بۇ يولدا مىڭ يىللىق ھايات سۈرگىچە،
شەرەپتۇر ئۆلگىنىم ئۆزۈمنى بىلىپ.

مەككارنىڭ بار غەلەت چېھرىدە كۈلكە،
تېپىلماس ھىيلىدە ئۇنىڭدەك ئۈلگە.
گىياھسىز دەشتلەرنى باغ قىلىپ بەرسەڭ،
ئەجرىڭنى تەڭ قىلار يەنىلا نۆلگە.

ئىلتىپات قەسرىدە ھالاۋەت كۆرۈپ،
ئاۋامنى ئۇنتۇدۇڭ يۈزۈڭنى ئۆرۈپ.
ھېچ نەرسە تەڭ كەلمەس كۆرەڭلىكىڭگە،
نەلەرگە تاشلىدىڭ ئەسلىڭنى چۆرۈپ؟
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
38#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-4 23:22:32 | ئايرىم كۆرۈش
ھېچكىم ئاپتورنىڭ نامىنى دېمەپتۇغۇ!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
39#
ۋاقتى: 2016-6-6 15:30:39 | ئايرىم كۆرۈش
بىر كۇبلىتنىمۇ ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن

6

تېما

121

يازما

387

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
387
QQ
40#
ۋاقتى: 2016-12-18 02:50:36 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان ئەپەندى،غەنىزات.غەيۇرانى رۇبائىسىغا ئوخشاپ تۇرىدىغۇ !!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:11 , Processed in 0.064405 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش