كونا يىلدىن ئۈزۈلدى خەمەك، يېڭى يىلغا ئۆزگىچە تىلەك(2016)

Views: 535 5 باھا /

بۈگۈن ۋاقىتنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە تىز ئۈتۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە شىكايەت قىلمايمەن!پەقەت، ئۆز قانۇنىيىتىدە يېزىلىۋاتقان ئۇزۇن بىر ھىكايەمنىڭ داۋامى سۈپىتىدە، ئۆتكەن بىر يىللىق ئۇتۇق - مەغلۇبىيەتلىرىمنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسى بىر يىل ئۈچۈن يەنە گۈزەل ئارزۇ - نىشانلىرىمنىڭ چىرايلىق رەسىملىرىنى خاتىرەمگە سىزىپ قويىمەن. ھىكايەمنىڭ ئالدىنقى بابلىرىنىمۇ چىرايلىق يېزىپ قويغان ئىدىم:


كونا يىلدىن ئۈزۈلدى خەمەك، يېڭى يىلغا ئۆزگىچە تىلەك(2013)
كونا يىلدىن ئۈزۈلدى خەمەك، يېڭى يىلغا ئۆزگىچە تىلەك(2014)
كونا يىلدىن ئۈزۈلدى خەمەك، يېڭى يىلغا ئۆزگىچە تىلەك(2015)
[caption id="attachment_4117" align="aligncenter" width="507"]New Year 2016 New Year 2016[/caption]

كىچىككىنە كۆلچەكتە توپ - توپ بېلىقلار ئىچىدە بىر بېلىجان ئىدىم، توساتتىن بىرى چەكسىز دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىپ تۆكىۋەتتى. دېڭىزنىڭ سۈيى سوغۇق، پايانى يوق ھەم تۇزلۇق ئىدى. خادا تاشلارنىڭ كەينىگە مۈكۈۋېلىپ باقتىم؛ بۇژغۇنلار ئارىسىدا كۆزۈمنى يۇمۇپ يېتىۋىلشنى خىيال ئەيلىدىم؛ ئاتامنى سېغىندىم، ئانامنىڭ قوينىدەك بىر ئىسسىق جايلارنى چۈشلىرىمدىمۇ ئىزدىدىم؛ زور - زور لەھەڭلەر ئالدىدا دىر - دىر تىتىرەپ، يۈرۈكۈمنى "ئېغىزىمدىن قېچىپ چىقارمۇ" دەپ ئۈنسىز يىغلىدىم؛ كېتىپ بېرىپ تاشلارغىمۇ ئۈسسۈۋالدىم؛ كۆزۈمنى ئاران ئېچىپ ئەتىراپىمغا نەزەر سېلىشقا باشلىدىم. ماڭا ئوخشاش بىلىجانلار ھەممىلا يەردە ئۈزۈپ يۈرەتتى، ھەممىسىنىڭ كۆزىدە غەم - تەشۋىش. مەن ئۆزۈمنىڭ دەرھال چوڭ بولۇشۇم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم - دە، شۇنىڭدىن باشلاپ بىر مەيدان كەسكىن رېقابەت جېڭى باشلاندى.


مۇقەددىمە ئورنىدا

ئويغاق بىر ئىنسان ھەركۈنى ئۆزىدىن ھىساب ئېلىپ، نەتىجىلىرى ۋە سەھۋەنلىكلىرى(گۇناھلىرى) ئۈستىدە ئويلىنىپ ياشايدۇ. شۇنىڭدەك يىلدا بىر ھاياتىدىن خۇلاسە چىقىرىپ، ئۆتمۈشتە ئىرىشكەن، يوقاتقانلىرى ئۈستىدە ئىنچىكە توختىلىپ، ئۆزىنى تاكامۇللۇققا يىتەكلىيەلەيدۇ. بىر ئادەم ئۆزىنى ھاياتىنىڭ قۇلى سۈپىتىدە تاشلاپ قويسا، ئېنىقكى ئۇ مەڭگۈ بىر قۇل پېتى ياشاپ قالىدۇ. ھازىرمۇ كىم ئۆزىنى "قۇل" ئەمەس دىيەلەيدۇ؟ مال - دۇنيانىڭ قۇلى، ئەمەل - ھوقۇقنىڭ قۇلى، قورساقنىڭ قۇلى... ئۆزىنى ماددى دۇنيادىن بىر دەرىجە ئۈستۈنلۈكتە قويۇپ، روھىيىتىنى تويۇندۇرۇپ، ھاياتىنى ھەقىقىي مەناغا ئىگە قىلىۋاتقان ۋە قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ھەربىر ھاياتلىق ئىگىسى ئۈچۈن، ئۆتكەن ۋە كەلگۈسى يىللارنىڭ سالامى بولسۇن!

ئۆتكەن بىر يىلىمدىن قىسقىچە خۇلاسە

نەچچە ئون يىللىق مەكتەپ ھاياتىمدىن ۋاقىتلىق خوشلىشىپ، يېڭىچە بىر مەكتەپ - جەمئىيەتكە قەدەم قويدۇم، يەنە كېلىپ تۇنجى قەدىمىمنى رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان چوڭ بىر شەھەردىن باشلىدىم. ئوقۇش پۈتتۈرۈش تەييارلىقى، تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ خولاسىسى، خىزمەت ئىزدەش، خىزمەتكە چۈشۈش، يېڭى مۇھىت، يېڭى كىشىلەرگە ماسلىشىش... بۇ ئىشلار شۇنچىلىك تىز يۈز بېرىپ ئۆتتىكى، 2015 - يىلىنى مەن بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق يىلدىن قىسقا بولدى دەپ ئويلايمەن.

1. ئوقۇش پۈتتۈرۈش

2015 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرىمنى تاماملاش بىلەن ئالدىراش يۈردۈم. بىر تەرەپتىن پاراكتىكا ئىشلەپ، بىرتەرەپتىن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگېنىپ، كەچلىرى ئىشتىن چۈشۈپ كۇتۇپخانىدا كىتاب ۋاراقلاپ...كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى. ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ئامال قىلىپ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگېنىۋىلىشنى ئويلايىتتىم. شۇنداق ئالدىراش كۈنلەرنى چۈش كۆرگەندەك ئۆتكۈزۈپ، 2015 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، 4 يىل بۇرۇن چەكسىز ھاياجان بىلەن كىرگەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن يەنە شۇنداق ھاياجان ۋە ئىزتىراپ ئىلكىدە چىقىپ كەتتىم.
يەكۈن: ۋاقىتنىڭمۇ سۆڭىكى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇنى ئىزچىل شۇنداق يۇمشاق بىر نەرسە سۈپىتىدە خىيال قىلىپ كەلگەن ئېكەنمەن، لېكىن ۋاقتى كەلگەندە مېنى ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە يىغلىتىپ تۇرۇپ قوغلاپ چىقاردى.

2. خىزمەتكە چۈشۈش

مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا پاراكتىكانت بولۇپ ئىشلىگەن ئورۇندا رەسمىي ئىشقا چۈشتۈم. 400 دەك خادىم ئىچىدە مەن يالغۇزلار بىر ئۇيغۇر بولۇپ قالدىم. كېيىن ئۇلار ئەستايىدىللىقمدىن تەسىرلەندىمۇ نېمە، ماڭا يەنە ئىككى ئۇيغۇر بالا تەۋسىيە قىلىش پۇرسېتى بەردى. شۇنداق قىلىپ شىركەتتە ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ھەرقايسى بۆلۈملەرگە ئورۇنلۇشۇپ ئىشقا چۈشۈپ كەتتۇق.
توختىماي ئۆگېنىۋاتىمەن، نېمە ئىش بېشىمغا كەلسە "قىلالمايمەن" دېگەن ئۇقۇمنى كاللامدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنىۋاتىمەن. چۈنكى، مەن بىلەن تەڭ ئىشقا چۈشكەن 30 غا يېقىن خىزمەتدېشىمنىڭمۇ، مەن قىلالمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. يېڭى ئىشقا چۈشكەندە Windows8 مېتىرو يۈزلۈك ئەپلىرىنى ئېچىشقا قاتناشتىم، كېيىن ئىھتىياج تۈپەيلى Android ئېچىش خىزمېتىگە چۈشتۈم، بەزىدە ھەتتا Oracle ساندان مەشغۇلاتى،ئالدى بەت لايىھە ئىشلىرىنىمۇ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم. مەيلى قانچىلىك قىيىن ئىش بولسىمۇ زارلىنىپ باقمىدىم. تىرىشچانلىقىم ۋە سەۋىرچان خارەكتېرىم بىلەن تىزدىنلا مۇھىم تۈرلەرگە مەسئۇل بولدۇم. ھەتتا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىستىپانەمە تاپشۇرغىنىمدا شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ: "ھەرقانداق ئىش بولسا ئولتۇرۇپ ياخشى سۆزلىشەيلى" دەپ، تەمىنات ھەققدىكى تەلىۋېمنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم. ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچى بولدۇم(كۈلىۋاتقان ئىپادە)، بىرنەچچە پاراكتىكانتقا "ئۇستاز" بولدۇم.
خىزمەت تۈپەيلى شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ بىرقانچە چوڭ شەھەرلىگە باردىم، تۇنجى كۆرگەن كىشىلەر تەرىپىدىن "چەتئەللىك" مۇ ئاتالدىم. دىرىزىسىدىن دېڭىز كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان مىھمانخانىلاردا تۇرۇپ، دېڭىز دولقۇنلىرىغا جۈر بولدۇم. دۆلەت يەر زېمىن بايلىق ئىدارىسى خادىملىرىغا ئەگىشىپ، سىرىق قالپاق كېيىپ، شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ بەزى ناھىيە ھەتتا يىزا قىشلاقلىرىغىچە باردىم.
يەكۈن:
(1) رېقابەتتە باشقىلارنى يېڭىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىمىزنى يېڭىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ھەردائىم ئۆزىمىزگە ئىشەنچسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەنمىز، كاللىمىزغا باشقىلارنىڭ "قالتىس" لىقى توشۇپ كېتىپ، ئۆزىمىزگە "ھىسداشلىق" قىلىپلا ئۆتىدىكەنمىز.
(2) ھەرقانداق ئىشقا كۆڭۈل بېرىپ، ئەستايىدىل قىلسا بىر ياخشى نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدىم. ھەر ئادەم، ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى ۋە مۆشكۈلچىلىكى بار، مۆشلۈلچىلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا بىر ئىشتا بىز باشقىلاردىن ئىشىپ چۈشەلىشىمىز مۇمكىن، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئىددىيەسى بويىچە ياشاشتىن قۇتۇلغان ۋاقتىمىز بەلكىم بىزنىڭ ئالاھىدە ئادەملەرگە ئايلىنىۋاتقانلىقىمىزدۇر.
(3) ئۆزىمىزگە ئالاھىدە توپ ئەزاسى(ئاز سانلىق مىللەت) سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشىمىزنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتتىم. خىزمەت جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇم، مېنى "چەتئەللىك" دەپ ھەيران قالغانلارغىمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى چۈشەندۈردۈم. مەنسىتمىگەنلەرگىمۇ مەغرۇرانە بىر تەبەسسۇم سوۋغا قىلدىم. ئاستا - ئاستا مەن ئۆزۈمنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تاشقى قىياپەتتە ئالاھىدە ئېكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ كەتتىم.
(4) دېڭىزنى زىمىننىڭ چايقىلىپ تۇرغان مۇھەببىتىمىكىن دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم.

3. چوڭ شەھەر تۇرمۇشىغا كۆنۈش

ئىلگىرى بۇ شەھەردە 4 يىل ياشىغان بولساممۇ، مەكتەپتە تۇرغانلىقىم ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باقمىغانىكەنمەن. مەكتەپ دەرۋازىسدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ، مۇقىم بىر تۇرالغۇ تېپىش خىلى قىيىن مەسىلە بولدى. ئاران تەستە ئىجارە ئالغان ئۆيىمىزدىن، "چوڭ پارات" مەزگىلىدە، XX بولغىنىمىز ئۈچۈنلا قوغلاپ چىقىرىلدۇق. سەۋەبسىز، خاتالىقسىز، پاكىتسىز ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلىش تازا ھار كەلدى، كۈلۈمسىرەپ قويۇپلا ئۆتكۈزىۋەتتۇق. ئىشقا چۈشۈپ 3 ئاي بولغاندا، تاپقان تەرگېنىمىزنى يېغىپ، تۆت بالا بىرلىكتە 25 مىڭ سومنى ئالدىن تۆلەپ، بۇ سوغۇق شەھەردىن ئىللىققىنە بىر يۈرۈش ئۆي ئىجارە ئالدۇق.
ھەركۈنى مىترودا قىستىلىپ، چايقىلىپ ئىشقا بېرىش بارغانسىرى قېيىن تۇيۇلۇپ كەتتى. ھەتتا بەزىدە كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەكتەپكە بارغۇم كەلمەي يېتىۋالغاندەك، ئىشقا بېرىشقا خوشياقمايدىغان ئەھۋالمۇ بولدى. لېكىن، مەندىن يىراق يەرلەردىن يولغا چىقىپ ئىشقا كېلىدىغان خىزمەتدېشىمنىڭ نۇرغۇن ئېكەنلىكىنى بىلدىم؛ تا ھازىرغىچە بىر كارىۋاتلىق تار ئۆيلەردە قىستىلىپ تۇرىۋاتقان خىزمەتداشلىرىمنىڭ مەنچىلىك قاقشىمىغىنىدىن ھەيران قالدىم. ئويلاپ باقسام بۇمۇ بىر كۆنۈش ئېكەن. چوڭ شەھەرنى تاللىغان ئىكەنمىز ئۇنىڭ مۇزدەك سوغۇق كۆكسىنى قوبۇل قىلالايدىغان بولىشىمىز كېرەك ئىكەن.
يەكۈن:
(1) ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا مەغرۇر تۇرۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. ئىشنى خاتا قىلىپ قويمىغانلا بولسام، ئۆز ۋېجدانىمغا خىلاپ ھەرىكەتتە بولمىغان بولساملا مەنمۇ كۆزلىرىم نۇرلۇق ھالدا، مەغرۇر ياشاشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنمەن. چۈنكى مەنمۇ ئۆز ئىقتىدارىمغا تايىنىپ ياشاۋىتىپتىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن بىر پۇقرالىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇھەببىتىمنى ئەمەلىيى ئىپادىلەۋىتىپتىمەن.
(2) مۇھەببەتتە بارچە ئىنساننىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن قانداق مۇئامىلىگە ئىرىشىشنى ئويلىغان بولسام باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدىم. ماڭ سوغۇق مۇئامىلىدە بولغانلارنى مىھرىپ بىلەن ئىرىتىپ قويۇشقا تىرىشىپ كەلدىم.

كەلگۈسى بىر يىلىمدا ئارزۇلىرىم

خىزمەتتە

(1) Android ئېچىش جەھەتتە" بالا ئىنجىنىرلىق" دەرىجىسىگە يېتىش؛
(2) مەھسۇلات دېرىكتورى تەرەپكە تەرەققىي قىلىپ، ئىجادىيلىققا ئىگە مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەشنى ئۆگېنىش؛
(3) ئۇنۋېرساللىقنى ساقلاپ، كەسپىيلىك جەھەتتە تېخىمۇ تاۋلىنىپ، مەلۇم يۆنىلىش بويىچە ئىنژىنىرلىق كېنىشكىسى ئېلىش؛
(4) ناردىر بولغان ئۇيغۇرچە بىرئىجادىي ئەپ ياساپ چىقىپ، ئېلان قىلىش؛
(5) ئەگەر نۆۋەتتىكى شەھەردە داۋاملىق تۇرۇپ قالسام ئايلىق كىرىمىمنى 15 مىڭدىن ئاشۇرۇش؛
(6) خىزمەت ئالماشتۇرۇش؛

تۇرمۇشتا

(1) ھەپتىدە ئاز بولغاندا 20 كىلومىتىر مۇساپىگە يۈگىرەش؛
(2) ئائىلەمدىكلەرنى مەن ھەيدىگەن ماشىنىغا سېلىپ، كۆڭلۈللۈك بىر ساياھەتكە چىقىش؛
(3) بىر يەككە لىنزىلىق رەسىم ئاپپاراتى سىتىۋېلىش؛
(4) بىر قىزنى ئوبدان يىتەكلەپ، مەن ئۈچۈنلا زاۋۇتتىن چىققاندەك تەييارلاش(ھا ھا..)؛
(5) شاڭخەي، سۇجو، خاڭجۇ تەرەپلەرگە ساياھەتكە بېرىش؛
(6) تۇرپاننى ساياھەت قىلىش

ئۆگېنىشتە

(1) ئېنگىلىزتىلى IELTS بېرىش
(2) ئوتتۇرىچە ئايدا بىر كىتاب ئوقۇپ تاماملاش؛
(3) NodeJs نى ئىچكىرلەپ ئۆگېنىش؛

خۇلاسە ئورنىدا

خۇددى ھاياتىمىزدا يىگەن - ئىچكىنىمىزنىڭ ھامان بىر كۈنى سورىقى بولغىنىدەك، بىزگە بېرىلگەن ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزگېنىمىزنىڭمۇ چوقۇم سورىقى بولىدۇ. ۋاقتىنى تۇتۇپ قىلىش قولىمىزدىن كەلمىگىنى بىلەن، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش پۈتۈنلەي قولىمىزدىن كېلىدۇ. بىز ۋاقىت دەرياسىدا بىر ئەخلەت ياكى قاشتېشى.

5 باھا »

  1. ياسىن نىياز
    ياسىن نىياز January 4th, 2016 at 02:45 pm
    جاۋاب

    ئوخشاش ھېسيات . داۋاملىق يېزىپ تۇرغايسىز كەچۈرمىشىڭىزنى ، بىزگە خېلى كۆپ ئۈنۈمى بولاتتى . رەھمەت سىزگە

    1. تەشنا
      تەشنا January 5th, 2016 at 08:43 pm
      جاۋاب

      رەھمەت، باشقىلارغا ئازراقلا ئىلھام بېرەلىگەن بولسام بېشىم كۆككە يىتىدۇ.

  2. نوبىل
    نوبىل January 5th, 2016 at 04:30 pm
    جاۋاب

    ئەسسلام ئەلەيكۇم يازمىلىرىڭىزنى ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن شۇ تاپتا روھىيتىمدە بىر خىل سىزىم بۇ سىزىم سىزگە قايىللىقمدىنمۇ ياكى ئۆزەمدە بىر ئۆزگىرىش ھاسىل بۇلۇشتىنمۇ بۇنى بىلمىدىم ،يېڭى يىلنىمۇ كۈتۈۋالدۇق ھەش پەش دىگۈچە بەش كۈن ئۆتتى ،ھازىرغىچە كونا يىلنى قانداق ئۆتكۈزدۈم يېڭى يىلادا نىملەرنى قىلشىم كېرەك توغرىسدا ئويلانمىغانلىقمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم ،مەنمۇ ئۆزەم بىر پىروگگرامما تىلى ئۆگەنگۈچى .كىچىكلىكمدىنمۇ ئىشلارنى ھەقىقەتەن چولتا ئويلاپتىمەن .غايىىلىرىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق بىر بەل باغلاپ ئىنتىلماپتىمەن ،ھاياتىمىنى ئەتراپىمدىكى شۇ يول ماڭدىغان كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىىغا سېلىشتۇرۇپ يۈرۈپتىمەن.يازمىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم رەھمەت سىزگە ،ئىگمىز شۇ نىشانلىرڭىزغا يەتۈزگەي .ئاخىرىدا پۇرسەت بولسا سىز بىلەن پىروگگىرامما توغرىسدا ئورتاقلاشقۇم بار؟

    1. تەشنا
      تەشنا January 5th, 2016 at 08:47 pm
      جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
      تۇيغۇلىرىمىغا ئورتاقلىشالىغانلىقىڭىزدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم.
      پروگراممىنى ئەگەر ئۆز قىززىقىشىڭىز بىلەن ئۆگەنگەن بولسىڭىز، ئىشىنىمەنكى سىزنى بەل قويىۋېتىشكە ئۈندەيدىغان بىر قىيىن نوقتىدىن ھالقىپ كىتەلىسىڭىز تىزدىن بۇ سەپتە چىپىپ كېتىسىز. تېخنىكا جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا مەنمۇ خۇشال. بىۋاستە بىلوگىمغا سۆز قالدۇرسىڭىزمۇ ياكى ئېلىخەت يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  3. TARQAT
    TARQAT April 19th, 2016 at 12:56 pm
    جاۋاب

    كەچۈرمىشلىرىمىز ئوخشىشىپ كىتىدىكەن،‹ھەرقانداق ئىشقا كۆڭۈل بېرىپ، ئەستايىدىل قىلسا بىر ياخشى نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدىم›
    پايتەختتە مەلۇم بىر شىركەتتە php يىزىپ يۈرگەن بالىدىن.