ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەزكۇر يازما ئۈچىنچى قېتىم يېزىلىۋاتىدۇ. يەنى ئىلگىرى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئىككى قېتىم يوقاپ كېتىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكىلى نىسىپ بولمىدى.
Mysql بۇيرۇقلىرى (1)
ئالدىنقى دەرسىمىزدە Mysql توغرۇلۇق ئوبدانراق بىر چۈشەنچە بېرىپ ئۆتمىگەنلىكىمدىن خىجىلمەن.
ساندان - يەنى بىزدە سۇدان، چايدان دېگەندەك ئاتالغۇلار بار. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىز بۇنى ساندان- سان ساقلايدىغان نەرسە دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. بۇ يەردە سۆزلەۋاتقان Mysql مۇ سانداننىڭ بىرخىلى.
دېمەك ساندان دېگەن سان -سىفىر ساقلايدىغان نەرسە، بىز ئالدىنقى دەرسىمىزدە سانداننى كۆرۈش، ساندان قۇرۇش ۋە ساندان ئۆچۈرۈشنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن. ئەمدىكى دەرىسىمىز سان -سىفىر ساقلاشنى ئۆگىنىمىز.
سان -سىفىر ساقلاشتىن بۇرۇن تۈزۈلۈشى ھەققىدە ئازراق توختىلايلى.
سانداننىڭ سان سىپىر ساقلاش شەكلى: سان-سىفىرلارنى ساقلاش، ئىزدەش ۋە ئۆزگەرتىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ساندانغا ئاۋۋال جەدۋەل قۇرۇپ ئاندىن سان-سىغىرلار جەدۋەلگە يەنە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ساقلىنىدۇ.
بىز بىرىنجى قىسىم دەرىسىمىزدە ئۆگىنىپ ئۆتكەن مەزمۇنلار:
- ساندانغا كىرىش
- ساندانلارنى كۆرۈش
- يېڭى ساندان قۇرۇش
- ساندان ئۆچۈرۈش
ئىككىنچى قىسىمدا ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار:
1. ئىشلىتىدىغان سانداننى تاللاشتىن بۇرۇن ئاۋۋال show databases;
بۇيرۇقىنى ئىشلىتىپ،ساندانلارنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ.
بۇ مىسالدا بىز job
دېگەن سانداننى ئىشلىتىمىز. بۇيرۇق:
use job;
نەتىجىسى:
mysql> use job; Database changed mysql>
6. ساندانغا يېڭى جەدۋەل قۇرۇش، بۇيرۇقى :
create table test (id int(4) not null primary key auto_increment,name varchar(20));
نەتىجىسى:
mysql> use job
Database changed
mysql> show tables;
+---------------+
| test |
+---------------+
2 rows in set (0.00 sec)
7. جەدۋەلگە سان-سىفىر ساقلاش، بۇيرۇق:
insert into test (id,name) values('1','aji');
نەتىجىسى:
mysql> insert into test (id,name) values('1','aji');
Query OK, 1 row affected (0.01 sec)
8. جەدۋەلدىكى سان سىغىرلارنى كۆرۈش، بۇيرۇق:
select * from test;
نەتىجىسى:
mysql> select * from test;;
+----+------+
| id | name |
+----+------+
| 1 | aji |
+----+------+
1 row in set (0.00 sec)
ئىزاھات: يېڭى جەدۋەل قۇرغان، سان-سىفىر ساقلىغان ۋە ئىزدىگەن چاغدا ئىشلەتكەن پارامتىرلارنى مىسالدىن ئاز-تولا چۈشىنىۋالغان بولسىڭىز كېيىنچە ئايرىم توختىلىمىز.
ساندان توغۇرلۇق مۇھىم بىلىملەرنى داۋاملىق بىز بىلەن ئورتاقلاشقايسىز