ئاندروئىد ئەپ ئېچىشنى ئۆزلۈگىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە توپلانما

Views: 1,177 5 باھا /

مەيلى سىز بىر پىروگراممىر بولۇڭ، ۋەياكى بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى، ھەتتا خىزمەتسىز بولۇڭ. ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۆزلىگىكىڭىزدىن كومپىيۇتېرغا ئائىت بىر نەرسىلەرنى ئۆگېنىپ، ئازراق بولسىمۇ قوشۇمچە قىممەت يارىتىشنى، ياكى خىياللىرىڭىزدىكى لايىھەلەرنى ئەپ سۈپىتىدە راياپقا چىقىرىشنى ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، Android دەسلەپكى تاللاشلىرىڭىز ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى بولۇشى ئېنىق.
ئۆزلىگىدىن ئۆگېنىشكە ئىرادىسى بار دوستلار ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن ئۆزۈم ھازىرغىچە پايدىلانغان بىر قىسىم ئۆگېنىش مەنبەلىرىنى تۈرلەر بويىچە رەتلەپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. كۆپىنچە تورداشلارنىڭ ئېنگىلىزچە سەۋىيەسى چەكلىك دەپ ئويلاپ، ئاساسەن خەنزۇچە مەنبەلەرنى رەتلەپ چىقتىم. بۇرۇن مەخسۇس يازمېمىزدا ئۆزلىگىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن نادىر كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق:

Android پىروگراممىرلىرىغا تەۋسىيە كىتابلار

بۇ يازمېمىزدا تور مەنبەلىرىنى ئورتاقلىشىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.

Java بىلىمى ھازىرلاش

Android ئەپلىرىنى ئېچىشتا Java پىروگرامما تىلىنى ئاساس قىلىمىز. دېمەك، ئەپ ئېچىشنى باشلاشتىن بۇرۇن مەلۇم ئاساس بولۇش كېرەك.
بۇ يەردە Java نى يېڭى باشلىغۇچىلار ئۈچۈن 《Java编程思想》 ناملىق كىتاب تەۋسىيە(ئەلۋەتتە، ئېنگىلىزچىدىن قىينالمايدىغانلار ئۈچۈن ئېنگىلىزچە نۇسخىسى تەۋسىيە). بۇ كىتابنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، Java دىن خىلى مۇكەممەل ئاساس تۇرغۇلىدۇ. پىروگرامما تىللىرىدىن قىلچىلىك ئاساسىي يوق ئوماقلارغا ئاۋۋال Java ئاساسىي بىلىملىرىنى كۆرۈپ، ئاندىن يۇقىرىدا تەۋسىيە قىلغان كىتابنى كۆرۈپ چىقىشىنى ئاقىلانىلىك دەپ ئويلايمىز.

Android ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆگېنىش

ئاساسىي UI بىلىملىرى

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

بۇ ئاساسىي UI كونتروللىرىنى ئىشلىتىشكە قارىتا Google ئورگان تەرەپ ناھايىتى تەپسىلىي بولغان API چۈشەندۈرۈشى تەمىنلىگەن. Google نى ئاچالمايدىغان ئەھۋالدا مونۇ ئادرستىن پايدىلىنىپ تۇرۇشقىمۇ بولىدۇ: ئاندروئىد API ھۆججېتى
مەسىلەن: Button كونترولىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چۈشەنمەكچى بولساق، يۇقارقى تور بەتنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا كىرگۈسەكلا بولىدۇ، يەنى تۆۋەندىكى رەسىمكىدىكىدەك.

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

تۆت چوڭ كونترولنى ئۆگېنىش

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

Activity گە ئائىت بىلوگ يازمېلىرى:

Service قا ئائىت يازما:

BroadCastReceiver نى چۈشىنىشتە:

ContentProvider غا ئائىت بىر قانچە يازما:

تۆت چوڭ كونترول ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىچى - Intent نى چۈشىنىشتە:

بەش چوڭ كۆرۈنمە يۈز قۇرۇلمىسىنى ئۆگېنىش

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

بەش چوڭ كۆرۈنمە يۈز كونترولىنى ئاددىي چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى يازمىلار تەۋسىيە:

دوستانە دىئالوگ لايھەسى ئۆگېنىش

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

بۇ ھەقتىكى بىلىملەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە يازمىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:

سانلىق مەلۇمات ساقلاش

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى
ئىچكى ساقلىغۇچقا ساقلاش - مەلۇماتنى سېستىما ئىچكى ساقلىغۇچىغا ۋاقىتلىق ساقلايدۇ، ئوقۇش - يېزىش سۈرئىتى ئەڭ تىز، لېكىن ۋاقىتلىق ساقلاشقىلا بولىدۇ
ھۆججەت ھالىتىدە ساقلاش - ئادەتتە Java نىڭ IO مەشغۇلاتى ئارقىلىق، مەلۇماتنى ھۆججەت شەكلىدە قاتتىق دېسكىغا ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ.
SharedPreferences كە ساقلاش - مۇقىم بولغان XML فورماتىدا مەلۇماتنى سېستىما قاتتىق دېسكىسىغا ساقلايدۇ.
ساندانغا ساقلاش - ئادەتتە مەلۇماتلارنى Android ئۆزىدە بار بولغان sqlite ساندانىغا ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ.
توردا ساقلاش - مەلۇماتنى تور يولى ئارقىلىق بۇلۇت مۇلازىمىتىرلىدا ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ.
SharedPreferences ۋە ساندانغا ساقلاشقا ئائىت تۆۋەندىكى ئىككى يازما تەۋسىيە:

تور ئېلتىماس مەشغۇلاتى

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

HttpClient - بۇ Apache تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن تور ئېلتىماس مەشغۇلات ئامبىرى
HttpURLConnection - بۇ Google تەرىپىدىن Java دا بار بولغان URLConnection ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن
Socket - بۇ Java ئۆزىدە بار بولغان، TCP/IP ئاساسىدىكى تور ئالاقە قورالى
WebView - بۇ Google Chrome نىڭ يادروسى ئىشلىتىلگەن، ئەپ يۈزىدە توربەت كۆرسىتىشكە بولىدىغان بىر كۆرۈنمە يۈز كونترولىدىن ئىبارەت.
بۇ ھەقتىكى بىلىملەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى يازمىلار تەۋسىيە:

HttpClient,HttpURLConnection قىسىملىرىنى ئىچكىرلەپ چۈشىنىش ئۈچۈن، 郭霖 ئەپەندى يازغان 《第一行代码》 ناملىق كىتابتىكى مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىنى كۆرۈش تەۋسىيە.

ھەرىكەت ئۈنۈملىرى

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

بۇ ھەقتىكى بىلىملەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى يازمىلار تەۋسىيە:

(رەسىم) سىزىش

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

بۇ ھەقتىكى بىلىملەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى يازمىلار تەۋسىيە:

مىدىيا ۋە ئاپپارات - ئەلبۇم

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى يازمىلار تەۋسىيە

ئالىي دەرىجىلىك UI ئۆگېنىش

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

تۆۋەندىكى يازمىلار تەۋسىيە:

ئۇسلۇب (پاسون) لايىھەلەش

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

تەۋسىيە يازمىلار تۆۋەندىكىدەك:

كۆپ لىنىيە (多线程) ۋە خەۋەرلىشىش

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيە يازمىلار:

باشقا بىلىم نوقتىلىرى

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيە يازمىلار:

Android ئۆگېنىشكە تەۋسىيە توربەت & بىلوگلار

چوڭ ئۆگېنىش ۋە پايدىلىنىش تور بەتلىرى

  1. google («ئېچىلمايدۇ» دەپ مېنى تىللىماڭلار)
  2. StackOverFlow
  3. SegmentFault (ئۈستىدىكىسى ئېچىلمىغاندا)
  4. github
  5. 开源中国码云 (ئۈستىدىكى ئېچىلمىسا)

Android تا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ چوڭ ئامبار

  1. snapshots
  2. maven
  3. jcenter

Android قوللىنىشچان تور بەتلەر

  • ئاندروئىد ھەر ھەپتىلىك يېڭى تېخنىكىلىق يازمىلار توپلىمى - Android Weekly
  • ھەر ھەپتىلىك يېڭى خەۋەرلەر ۋە تېخنىكا يېڭىلىقلىرى - Android开发技术周报
  • ئاندروئىد ئۈچىنى تەرەپ ئوچۇق مەنبەلىك قورال ئامبارلىرى توپلىمى - Android Arsenal
  • كود ئىزدەش ماتورى - Codota
  • چەتئەلدە داڭلىق مەخسۇس تەربىيلەش مەركىزى، مول Android ئۆگېنىش مەنبەلىرى - CodePath
  • Android ئايكون رەسىم ياساش ياردەمچىسى - Android Asset Studio
  • Android ئېچىشتا ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى تونۇشتۇرۇش - 开发技术前线
  • Android API نىڭ ئېلىمىزدىكى مەۋھۇم تەسۋېرى (镜像) ئىكەن - ئادرىس

ئارخىرقى سۆز

ئۆگېنىشنى ئىستىگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنيانى ئۇنى توسۇيدىغان ھېچقانداق كۈچ بولمايدۇ، باھانە تېخىمۇ شۇنداق. مۇھىمى ئىنتىلىش، ئالغا ئىلگىرلەش، بۈگۈندىن ئەتىگە پەرقلىق كىرىش ئۈچۈن ئويلىنىش. يۇقىرىدا رەتلەپ چىققان مەنبەلەر قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، Android تىن ئىبارەت بۇ چوڭ دەرەخنىڭ ھەرقايسى شاخچىلىرىغا يامىشىدىغان كىچىككىنە ئورۇننى بولسىمۇ كۆرسىتىپ قويالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلارنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن بىلوگىمغا كېلىپ تۇرۇڭ، ياقتۇرغان يازمىلارنى ئورتاقلىشىپ تۇرۇڭ!

5 باھا »

  1. يۈرچى
    يۈرچى June 9th, 2016 at 10:01 pm
    جاۋاب

    رەھمەت سىزگە ، مەنمۇ يېڭى ئۆگەنچى ، بەك ياخشى يازما بوپتۇ ، يەنە بىر قېتىم رەھمەت

  2. ئۇيغۇربەگ
    ئۇيغۇربەگ June 20th, 2016 at 05:12 pm
    جاۋاب

    ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىرىياللار ئىكەن، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

    1. تەشنا
      تەشنا June 20th, 2016 at 09:01 pm
      جاۋاب

      رەھمەت! سىزنىڭمۇ نادىر يازمىلىرىڭىز ئۈزلمىسۇن، بولسا بىلوگچىلىقنى يېڭىدىن بىر كەيپىياتقا كۆتۈرسەك.

  3. سالام
    سالام June 22nd, 2016 at 06:03 pm
    جاۋاب

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
    يۇقارقى سېخىمىلارنى سىزىشقا قايسى دېتالنى ئىشلەتتىڭىز

    1. تەشنا
      تەشنا June 22nd, 2016 at 06:09 pm
      جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! Mac كومپىيۇتېردا SimpleMind ناملىق دېتالنى ئىشلەتتىم.