Android پىروگراممىرلىرىغا تەۋسىيە كىتابلار

Views: 527 3 باھا /

IT ساھەسىگە ئائىت بىلىملەر كۈندىن كۈنگە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. مەيلى قايسى يۆنىلىشتە ئەپ ئېچىش، تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانمايلى، بىزدە مۇستەھكەم ئاساسىي بىلىم قۇرۇلمىسى بولغاندىن سىرت، يەنە يېڭىلىقلارغا ماسلىشىپ، توختىماي ئۆگېنىش ئىقتىدارى بولۇشى كىرەك. ئەلۋەتتە، بۇ ئۆگىنىشلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزلىگىمىزدىن، ئاكتىپ ھالەتتە بولىدۇ. دېمەك، ياخشى كىتاب ۋە ماتىرىياللار بىزنىڭ مەلۇم ساھەدە ئارغىماق كەبىي ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىمىزدا ياخشى قورال بولۇپ قالىدۇ. تۆۋەندە Android ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆزۈم كۆرگەن، ھەم كۆرمەكچى بولىۋاتقان بىرنەچچە كىتابنى دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. بۇلار ئاساسەن ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ، كۆپ يىللىق تەرجىبىگە ۋە Android ئېچىش ساھەسىدە مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە "قالتىس"لىرىنىڭ ئەسەرلىرىدۇر.



ھەممىزگە ئايان، Android ئەپ ئېچىشتا ئادەتتە Java پروگرامما تىلىنى ئاساس قىلىمىز. ئەلۋەتتە، باشقا پروگرامما تىللىرى بىلەن ئەپ ئېچىشمۇ تامامەن مۇمكىن، لېكىن نۆۋەتتە يەنىلا Java ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.شۇڭا ئاۋۋال Java غا ئائىت بىرنەچچە كىتاب تەۋسىيە قىلاي. بۇ كىتابلارنى تولۇق كۆرۈپ بولۇپ، ئاندىن Android بىلەن ئۇچرىشىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئىھتىياجغا ئاساسەن ماسلاشتۇرۇپ كۆرۈش كېرەك.

《深入浅出Java》

چۈشىنىشكە ئاسان، ھەم ئىچكىرلەپ كىرىش ئالاھىدىلىكى بىلەن، نۆل ئاساستىن Java ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر كىتاب. شەخسەن مەنمۇ يېڭى ئۆگېنىش باسقۇچىدا بۇ 《深入浅出》(چۆكۈپ كىرىپ، لەيلەپ چىقىش) يۈرۈشلۈك كىتابلىرىدىن بىرنەچچىنى كۆرۈپ، چەتئەللىكلەرنىڭ مەسىلىلەرنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارىغا قايىل بولغانىدىم.

40592-d09723fefd39c7ea

《Think in Java - Java 编程思想》

ئەگەر سىز ئەمدىلا Java ئۆگىنىشكە باشلىغان يېڭىياچى بولسىڭىز بۇ كىتابتىن ۋاقتىنچە ئەگىپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ. Java دا مۇئەييەن ئاساسقا ئىگە بولۇپ، قوزىچاقتىن قوچقارغا ئايلىنىۋاتقان بىرسى بولسىڭىز ئەگىپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولمايدۇ. بۇ كىتابتىن ئۆگىنىدىغىنىمىز قانداق كود يېزىشلا ئەمەس بەلكى مەسىلىلەرنى قانداق ئويلاش، ئوبىكىتغا يۈزلەندۈرۈلگەن پروگرامما تىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن قانداق پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بىر تالاي كونا - يېڭى ئىددىيەلەر بولىدۇ.

40592-2b0caeb9fe998f49

《第一行代码》

بۇ دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق Android ئۇستىلىرىدىن 郭霖 ئەپەندىنىڭ بىلوگ يازمېلىرى ۋە ئۆگەنگۈچىلەر ئىنكاسىغا ئاساسەن رەتلەپ، يېزىپ چىققان كىتابى. نۆۋەتتە، بۇ Android نى ئۆزلىگىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ئاۋات كىتابلارنىڭ بىرسى ھىسابلىنىدۇ. 郭霖 ئەپەندىنىڭ بAndroid قا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم بىلوگ يازمېلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈش مۇمكىن:ئادرىسى

40592-2c5a62efea4e60f1

《Android Programming: The Big Nerd Ranch Guide (2nd Edition)》

بۇ چەتئەلدىكى داڭلىق پروگرامما تەربىيلەش ئورگىنى- Bignerdranch نەشر قىلدۇرغان كىتاب(بۇ تەربىيلەش ئورگىنى بىلەن سىلىشتۇرغۇدەك ئورگانلار دۆلىتىمىزدە يوق، دەيدۇ كىشىلەر). كىتابتا تۈرنى ئاساس قىلىپ، ئەڭ ئاددىي بىر تۈرنى قۇرۇشتىن تارتىپ، مۇكەممەل بىر ئەپنى پۈتۈرۈپ چىقارغۇچە بولغان جەرياننى قاتلاممۇ - قاتلام چۈشەندۈرىدۇ. دېمەك، بۇ كىتابنى ئەستايىدىل كۆرۈپ بولۇپ ئەينەككە قارىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ Android پىروگراممىرىغا ئايلىنىپ قالغىنىڭىزنى كۆرىسىز(مۇھىمى ئەستايىدىللىقىڭىزغا باغلىق)!

40592-2fe0a56b324408f2

《Head First Android Development - 深入浅出Android 开发》

بۇمۇ 《深入浅出》(چۆكۈپ كىرىپ، لەيلەپ چىقىش) تۈرىدىكى كىتابلارنىڭ بىرسى ھىسابلىنىدۇ. مەزمۇن خارەكتىرى جەھەتتە، يۇقىرىدا نوشتۇرغان 《第一行代码》 بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن، يەنىلا چەتئەللىكلەرنىڭ ئازادە سۆزلەش مىتودى ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ. بۇ كىتاب ھازىرغىچە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ئوخشايدۇ، ئىنگىلىزتىلى ئاساسى بارلار تىل ئۆگەنگەچ كۆرۈپ چىقسا بولىدۇ.

40592-7d4eaf9e79b70976

《Android 群英传》

بۇ دۆلىتىمىزدىكى Android ئۇستىلىرىدىن 名宜生 ئەپەندىنىڭ كىتابى. كىتابتا ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن قىيىن نوقتىلار، مەسىلەن: View نىڭ سىزىلىش جەريانى دېگەندەكلەرنى ئىچكىرلەپ چۈشەندۈرۈپلا قالماي، Android5.0 نىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ تونۇشتۇرىدۇ. Android Studio نى ئىشلىتىش ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختىلىدۇ.

40592-cdf6c11dfa4663ec

《Android 开发艺术探索》

يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن، UI ئورۇنلاشتۇرۇش، تەييار رامكىلارنى ئىشلىتىش، ئاندىن ئىقتىدار ئۈچۈنلا كود يېزىش تەكرارلىنىۋەرسە، خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەپ تاپشۇرىشىغا ئوخشاپ قىلىپ،ئىلگىرلەش بولماي قالىدۇ. بۇ كىتاب بىزنى Android ئېچىشقا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ. كىتابتا View نىڭ خىزمەت پرىنسىپى، ھادىسە قۇرۇلمىلىرى ئىچكىرلەپ چۈشەندۈرۈلگەندىن سىرت، ئىقتىدار ئەلالاشتۇرۇش، ئىچكى سېغىم بىر تەرەپ قىلىش، مۇرەككەپ ھەرىكەت ئۈنۈملىرىنى چىقىرىش شۇنداقلا JNI قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ.

40592-8d06b1c699e927d7

《Android 设计模式源码分析》

Android ئېچىشتا بەزى كودلارنى ئىشلىتىۋىرىپ، تونۇش بولۇپ كېتىمىز. مەسىلەن: AlertDialog. باشقىچىرەك قىلىپ ئىيىتقاندا، بۇمۇ بىر لايىھە ئەندىزىسىگە بېرىپ چېتىلىدىغان ئىش. Android ئەسلى كودىدا نورغۇن 设计模式( لايىھە ئەندىزىسى) قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئەنە شۇلارنى سۆزلەيدۇ.

40592-ed866630bfeca94f

《Android 开发精要》

بۇ كىتاب 豌豆荚 نىڭ Android ئېچىش مەسئۇلى 范怀宇 ئەپەندىنىڭ ئەسىرى بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتە Android ئەسلى كودىدىكى كىلاسسىك نوقتىلارنى چۈشەندۈرۈش ھەم تەھلىل قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. Android نى يىلتىزىدىن چۈشىنىپ، تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرمەكچى بولغانلار ئۈچۈن ياخشى تەۋسىيە.

40592-d03439c94c22ba8c

《App 研发录》

باشقا كىتابلاردىن پەرقلىق ھالدا، مەزكۇر كىتابتا Android ئېچىش تېخنكىسى ھەققىدە توختالماستىن، ماكرو نوقتىدىن چىقىش قىلىپ، ئېچىش ئىشلىرىنى قانداق قىلىپلاشتۇرۇش، ئۈنۈمنى قانداق ئاشۇرۇش ھەققىدە توختالغان. مەسىلەن: 重构 (كودلارنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش)، تور ئېلتىماس ئامبىرىنى پىچەتلەش(封装) قاتارلىقلار.

40592-58c3586a8b4d0dbc

ئاخىرىدا

بۇ ساھەدە نەشر قىلىنغان كىتابلار ساماندەك تولا، ئەمما چەكلىك ۋاقتىمىزنى چەكسىز ئىشلارغا بىغىشلاپ، ئۈنۈملۈك ئۆگېنىش ئۈچۈن ياخشى كىتابلارنى تېپىپ كۆرۈشمۇ بىر مەسىلە. Android ئۆگەنگۈچىلەرگە ئازراق پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، ئۆز مەيدانىمدا تۇرۇپ، يۇقارقى بىرنەچچە كىتابنى تەۋسىيە قىلدىم. ئىزدەنگۈچىلەر ۋە تىرىشقۇچىلار ئۈچۈن ئاز - تولا پايدىسى بولسا مەن ئالامچە ئىپتىخار!

3 باھا »

  1. ھەۋەسكار
    ھەۋەسكار March 21st, 2016 at 11:30 am
    جاۋاب

    ئۈگۈنۈش بىر يول، كىتاب بىر كۆرسەتكۈچ. يولنىڭ يۆلىنىشىنى توغرا بەلگىلەش ئۈچۈن توغرا بولغان كۆرسەتكۈچكە مۇھتاج بولىمىز، ياخشى كىتاپلارنى ئورتاقلاشقانلىقىڭىزغا ئالەمچە تەشەككۈر

  2. جەسۇر111
    جەسۇر111 May 25th, 2016 at 11:25 am
    جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشڭمۇسىز. ئالدى بىلەن تېنىڭىزگە سالامەتلىك ۋە خىزمېتىڭىزگە ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن.

    ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك مەنمۇ بىر android قا ئەپ ئېچىشنى ئۈگۈنۈشنى باشلاش ئالدىدا تۇرۋاتاتتىم . يۇقاردا شۇ توغرالىق ياخشى كىتاپلارنى تەۋسىيە قىلىپ ئوتەپسىز. مەن بەكلام خۇرسەن بولدۇم. مېنىڭ خەنچە ئاساسىم سەل تۈۋەنرەك ئىدى . شۇڭا شۇ كىتاپلارنىڭ ئىچىدىن چۈشۈنۈشكە ئاسانراقىدىن بىرنەچچە پارچىنى كورسۈتۈپ بەرسىڭىز .شۇ سىزنىڭ يول يورىقىڭىز ئاساسىدا ئۈگۈنۈشنى باشلىۋېتەي دەۋېدىم. ئاندىن ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كىتاپلاردىنمۇ بىرنەچچە پارچىدىن تۇنۇشتۇرغان بولسىڭىز كېيىنچە ئۈگۈنۈشۈم ئۈچۈن.

    بەكرەك قىينىلىپ قالغان ئىشلارغا ۋاقتىڭىز نىڭ يېتىشچە مەسلىھەت بېرەلەسىزمۇ؟

    بولسا qqنومۇرىڭىز نى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز .

  3. جەسۇر111
    جەسۇر111 May 25th, 2016 at 11:27 am
    جاۋاب

    ۋاي خۇدايىم........ بىر بولسا بىرسىمۇ ماڭمايدۇ. ئەمدى نېمە بولغىنى بۇ.