• ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى - [تارىخ،مەدەنىيەت،تىل-يېزىق]

    Dec 24, 2010 | خەتكۈچ: ئۇيغۇر،ئادەت،ئۇرۇق-تۇققان،ئاتالغۇ

    ئۇيغۇرلاردا بىر ئائىلە ئەزالىرى يەنى قانداش جەمەت بىرلىكى ئاساسىدىكى تۇغقانلار ئەجداد تەرتىپى ، ياش تەرتىپى بويىچە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرىلىدۇ .
    1. ئەجداد تەرتىپى بويىچە
    : ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنە بويىچە ئەجداد تەرتىپىنىڭ خاس نامى ۋە شەخس ئىسمى يەتتىنچى ئەجدادقىچە خاتىرىدە تۇتىلىدۇ .
    (2) دادا ( ئاتا ) ، ئانا ( ئاپا ) ؛
    (2) چوڭ دادا ( ئاتا ) ، چوڭ ئانا ( ئاپا ) ؛
    (3) بوۋا (م) ، موما (م) ؛
    (4) چوڭ بوۋا (م) ، چوڭ موما (م) ؛
    (5) ئۇلۇغ بوۋا )م) ، ئۇلۇغ موما (م) ؛
    (6) بەشىنچى ئەۋلاتتىن يەنى ئۇلۇغ بوۋىدىن يوقۇرىدىكىلەر ئۇلۇغ بوۋامنىڭ بوۋىسى ياكى ئالتىنچى ، يەتتىنچى بوۋام دەپ يۈرگۈزىلىدۇ . بۇرۇن ئالتىنچى ، يەتتىنچى ئەجدادنىڭ خاس نامى بولغان بولىشى مۈمكىن . ئەمما بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يىتىپ كەلگۈچە ئۇنتۇلغان بولسا كېرەك . شۇنىڭدەك ھازىرقى ئۈچىنچى ئەجدادلىرىدىن يوقۇرى ئەجدادىنىڭ خاس نامى ، شەخس ئىسىملىرىنى تولۇق ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلار ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى .


    2. ئەۋلاد تەرتىپى بويىچە
    : ئۇيغۇرلاردا دادا جەمەت ئەۋلادى ئالتە بوغۇمدا يەنى ئالتە ئەۋلادىدا ئاخىرلىشىدۇ . ئۇلار :
    (1) ئوغۇل ، قىز
    (2) نەۋرە
    (3) ئەۋرە
    (4) چەۋرە
    (5) پەي نەۋرە
    (6) كۆكۈن نەۋرە دىيىلىدۇ . نەۋرە ئوغۇل ، قىز دەپ پەرقلەندۈرىلىدۇ .


    3 . دادا جەمەت بويىچە
    : دادا ، ئانىسىنىڭ ئاكا - ئۇكا ، ئاچا - سىڭىللىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تاغا ياكى ئاغا ، ئاكا ، ھامما دەپ پەرقلەندۈرىلىدۇ . ئەمما ئادەتتە يېقىنلىق ، مېھرى - ھۆرمەت ئېتىبارى بىلەن ئۇلارنىڭ شەخس ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا دادا (م) ، ئاپا (م) ، سۆزى قوشۇلىدۇ . بەزى رايونلاردا دادىسىنىڭ ئاكىسى چوڭ ئاتا ، ئۇكىسى كىچىك ئاتا ؛ ئانىنىڭ ئاچىسى چوڭ ئاپا ، سىڭلىسى كىچىك ئاپا دەپمۇ يۈرگۈزىلىدۇ .


    4 . قۇدا تۇغقان ناملىرى : پەرزەنتلەرنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن شەكىللەنگەن غەيرىي قانداش سېستىمىسى ئاساسىدىكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت : قۇدا تۇغقان " دىيىلىدۇ ۋە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرىلىدۇ .
    (1) ئوغۇل ۋە قىز تەرەپ ئاتا - ئانىلىرى قۇدىلارنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى بولغاندا ئەر ( ئەركەك ) قۇدا ، ئايال ( چىشى _ قۇدا) دەپ يۈرگۈزىلىدۇ .
    (2) ئوغۇلنىڭ ئايالى " كىلىن " ياكى " كىلىن بالا " ؛ قىزنىڭ ئىرى " كۈيە ياكى كۈيئوغۇل " دەپ يۈرگۈزىلىدۇ . ئەمما ئوغۇل تەرەپ ئادەتتە كىلىنىنى ئائىلىنىڭ رەسمىي ئەزاسى سۈپىتىدە " قىزىم ياكى بالام " دەپ ئاتايدۇ . قىز تەرەپ بولسا كۈيئوغۇلؿ" ئوغلۇم ياكى بالام " دەپ ئاتايدۇ .
    (3) ئوغۇلنىڭ ئايالىنىڭ شۇنىڭدەك ، كىلىننىڭ ئېرىنىڭ دادا ( ئاتا ) سى ، ئانا ( ئاپا ) سى ، " قېيىن ئاتا " ، " قېيىن ئانا " دىيىلىدۇ . ئادەتتە دادا ( ئاتا ) ، ئانا ( ئاپا ) دەپ يۈرگۈزىلىدۇ .
    (4) كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە چوڭ ئوغۇلنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۇكا ، سىڭىللىرى تەرىپىدىن " يەڭگە " ياكى " ئېگىچە " ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا بولسا " ئايلا " دەپ ئاتىلىدۇ . كىلىنلەر ئارىدىن چوڭلىرىنى ئاكا ياكى ئاغا ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا " موللاكا " ، " ئاچا " ياكى " ھەدە " " ئايلا " ؛ كىچىكلىرىنى " ئۇكام " ، " سىڭلىم " دەپ ئاتايدۇ . بىر ئائىلىدىكى ئاكا - ئۇكىنىڭ ئاياللىرى ئۆزئارا " ئېپى يەڭگە " دەپ ئاتىشىدۇ .
    (5) ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئاكا - ئۇكىسى " قېيىن ئاغا " ، " قېيىن ئىنى " ، ئاچا - سىڭىللىرى " قېيىن ئېگىچە " ، : قېيىن سىڭىل " دەپ يۈرگۈزىلىدۇ .
    (6) بىر ئائىلىدىن ياتلىق بولغان ئاچا ، سىڭىلنىڭ ئەرلىرى شۇنىڭدەك ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئاكا - ئۇكا ، ئاچا - سىڭىللىرى ئارىسىدا قۇدىلاشقانلارمۇ "باجا" دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى " قايچا قۇدا " دەپ ئاتىلىدۇ .
    ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قۇدا تۇغقانلار بىۋاستە تۇغقانلاردىن ھېسابلانمىسىمۇ ، لىكىن ئۆز - ئارا قاتتىق ھۆرمەتلىشىدۇ . بۇ " قۇدا كالدى ، خۇدا كەلدى" ، " كۈيئوغۇل كەلدى ، خان كەلدى" دىگەن تەمسىلدە ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن .
    (7) پەرزەنتلەرگە ئائىت خاس نام : يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بىر جان ئېگىسى بىر تۇتاش "بالا" ، جىنسىي پەرقىگە قاراپ "ئوغۇل" ، "قىز" دەپ ئاتىلىدۇ . بالا تۇغۇلۇپ يېشىغا توشقىچە "بوۋاق" ، ئالتە - يەتتە ياشلىق بالىلار "نارەسىدە" ، يەتتە - سەككىز ياشتىن 11-12 ياش ئارىلىقىدىكى بالىلار "ئۆسمۈر" دەپ ئاتىلىدۇ . بىر قېتىملىق تۇغۇتتا تۇغۇلغان ئىككى بالا "قوشكېزەك" دەپ ئاتىلىدۇ .
    (8) نەۋرىلەر : بىر جەمەتتىن بولغان نەۋرىلەر ئادەتتە تۇغقان دەپ يۈرگۈزىلسىمۇ ، ياش تەرتىپى بويىچە يەنىلا "نەۋرە ئاكا" ، "نەۋرە ئىنى" ، "نەۋرە ئاچا ياكى نەۋرە سىڭىل" دىگەن خاس نام ئارقىلىق پەرقلەندۈرىلىدۇ . ئۇيغۇرلاردا تۇغقان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان دادا ، بوۋا ، ئانا (ئاپا) ، ئاكا - ئۇكا (ئىنى) ، ئاچا - سىڭىل ، يەڭگە ، ئايلا ، بالا ، قىز ، ئوغۇل قاتارلىق ئاتالغۇلار ئادەتتە يېقىنلىق ، مېھرى - ھۆرمەت ئىپادىسىدە يەنە كەڭ قوللىنىدۇ . مەسىلەن ، قولۇم - قوشنا ، يارۇ - بۇرادەرلەر ئۆز - ئارا ئۆزىدىن چوڭلارنى بوۋا ، دادا ، ئاكا ؛ ئاياللارنى ئانا (ئاپا) ، ئايلا ، ئاچا ، يەڭگە ؛ كىچىكلەرنى ئۇكام ، ئىنىم ، بالام ، ئوغلۇم . سىڭلىم ، قىزىم دەپ ئاتايدۇ . ناتۇنۇش كىشىلەر مەلۇم زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۇدۇل كەلگەن بىرىدىن گەپ سوراش توغرا كېلىپ قالغاندا ، قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي پەرقىي بويىچە قىياسەن ياش - قۇرامىغا قاراپ يوقۇرىدىكى ناملاردا چاقىرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا دىنىي زاتلارنىڭ ئاياللىرى "قۇشناچ" ، يوقۇرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئاياللىرى "ئاغچا" دەپ ئاتىلىدۇ

     

    مەنبە:http://www.dolanlik.com/a/art/1/2010/1211/314.html