• كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟ - [تاغدىن_باغدىن]

    Mar 10, 2009 | خەتكۈچ:

    كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

    چاقناي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم ،كۈن بولايمۇ يۇلتۇزمۇ؟

    بۇ مىسرالارنى تورغا چىقىشنى بىلگەن ۋاقتىمدا كۆرگەن ئىدىم ،شۇ ۋاقىتتا ماڭا ئاجايىپ تەسىر قىلغان ئىدى (تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم ئىدى)،ئۇندىن كىيىن مېنىڭ ساددا ھالەتتىكى مىللەتنى سۆيۈش ھىسياتىم شەكللىنىشكە باشلاپ تاكى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتى ،ئەلۋەتتە بۇ 3-4يىل جاريانىدا مەن ھەرخىل گېزىت-ژۇرناللاردىن ،ئاخبارات ۋاستىللىرىدىن ....ئىشقىلىپ ھەرخىل تاراتقۇلاردىن دۇنيانىڭ ھازىرقى ئىجدىمائى ،سىياسى ،مەدەنيەت ئەھۋللىرىنى ئىگەللىدىم ،ئۇ نەرسىلەر مېنىڭ دۇنيا قارشىمغا بۆسۈپ كىردى .

    ئالى مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن باشقا مىللەتلەر بىلەن بىللە ئوقۇش ،ئالاقە قىلش ،بىللە ياشاش ۋاقتىم ۋە پۇرسىتىم كۆپەيدى ،ئانا مىللىتىم بولغان ئۇيغۇرغا نسبەتەن قىزىقىش ،تارىخىنى ئۈگۈنۈش ،ھەرقايسى ئېنسان  تۈركىمى ئارسىدا ئۆز مىللى كىملىكىمنى بىلدۈرۈش ،ئۇيغۇرنى باشقىلارغا تونۇتۇش ،ئەڭ مۇھىمى مىللتىمنى يەنى ئۇيغۇرنى سۆيۈش ھۆجەيرىللىرى تەدرىجى تەرەققى قىلىشقا باشلىدى .

       ئۆزۈمنى شۇنداق ئويلايتتىم ،ئۇيغۇرلار ئارسىدا مىللەتنى مەندەك سۆيىدىغان ،مەندەك قەدىرلەيدىغان ئادەم ئاز.ئېھتىمال بۇ مىنىڭ ھازرغا قەدەر داۋاملاشقان ساددا دۇنيا قارىشىم بولسا كېرەك ..................

    باشقا مىللەت ئادەملىرى بار يەرگە كەلسەم توختىماي سۆزلەپ كېتەتتىم .بىز ئۇيغۇرلار يەرشارىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خۇجايىنلىرىدىن بىرى ،بارلىق تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغان،بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ تەرەققى تاپقان(ئېلىم-پەن جەھەتتە )غەرىپ ئەللىرىدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ دۈمبىسىگە بىزنىڭ ئەجدادىمىز بولىمىش ھۇن كىشىللىرى ئاتلىرى ،قىلىچ نەيزىللىرى بىلەن قانلىق قۇللۇق تامغىسىنى باسقان ،مەشھۇر ئېمپۇراتۇر ئاتالغان چىڭگىزخان،جۇڭگۇنى 200نەچچە يىل ئىدارە قىلغان مانجۇ خەلىقى قاتارلىقلارغىمۇ ئەجداتلىرىمىز يېزىق ،تىبابەت (مۇڭغۇللارغا)ئۈگەتكەن .................،دىگەندەك ،ئىشقىلىپ بىزنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىمىز ،مەھمۇد كاشغىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ....قاتارلىق مەشھۇر ئالىملىرىمىزنى ئاغزىمدىن چۈشۈرمەي ماختايتتىم ،ئۇلاردىن پەخرلىنەتتىم.ساۋاقداشلىرىم ،دوستلىرىم بىلەن بىر يەرگە كەلسەك مىللەت توغرىسىدا توختىماي پەقەت پىكىر قىلاتتىم ،مەيلى دەرىس ۋاقتى ،مەيلى كەچلىك مۇزاكىرە مەيلى كەچ،مەيلى كۈندۈز .بىرەرسىدىن ۋاي ئۇيغۇر توغرىلىق تورغا مۇنداق خەۋەر چىقىپتۇ دەپ ئاڭلاپ قالىدىغان بولساق دەرىس ۋاقتىنى دەرىس ۋاقتى دىمەي دەرىسنى تاشلاپ ،يۈگۈرەپ دىگۈدەك تورخانىغا كىلىپ ئوقۇپ ،ئۇ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇراتتۇق.ياتاققا قايتىپ ئاغزىمىزدىن كۆپۈك كەلگۈچە ۋاي مىللىتىم ئۇنداق بۇنداق دەپ سۆزلەپ كىتەتتۇق .ھېلىمۇ ئېسىمدە ،كۈتۈپخانىغا دوستۇم بىلەن( مۇنبەردىكى guitarfan) ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلغىلى چىقىپ پۈتۈن بىر كۈن ئۈگۈنۈش قىلماي مىللەت توغرىسىدا سۆزلەشكىنىمز .....

    مېنىڭ نەزىرىمدە يۇقارقىلار مىللەتنى سۆيۈش ھېساپلىناتتى ،ۋاقتى كەلگەندە ھارماي،تالماي سۆزلەپ قوياتتۇق .بىر كۈنى شۇنداق بىر مۇھىم خەۋەرنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم (ئۇيغۇر توغرۇلۇق ئىكەن ).گىپىمىز بىر يەردىن چىقىدىغان ئاشۇ دوستۇمنى تېپىپ تەھلىل قىلماقچى بولدۇم (كۆڭلۈمدە بىز تەھلىل قىلساق ھەل بولۇپ كېتىدىغاندەكلا،بۇ مىللەت ئۈچۈن تۆھپىدەكلا).ئۇنى ياتىقىغا ئىزدەپ كېردىم .ئۇ يوق ئىدى ،باشقىلاردىن سوردۇم ،

    _ئۇ نەگە كەتتى ؟

    _ئۈگۈنۈش قىلغىلى چىقىپ كەتتىمىكى؟!(ئېمتىھان ۋاقتى ئىدى،بىز باشقا ۋاقىتلاردا مىللەتنىڭ چوڭ،چوڭ ئىشلىرىنى مۇنازىرە قىلاتتۇق،ئۈگۈنۈشكە ۋاقىت يوق ئىدى)

    _تۇشۇگۇەنگىمۇ(图书馆)ياكى زوڭخېلۇغىمۇ(综合楼) ؟

    -بىلمەيمەن.

    -شوۋجىرىڭنى (手机)بېرىپ تۇرە،ئۇنىڭغا دۇەنشىن يېزىۋالاي(短信息)....................(يۇقارقىسى مىللەتنى سۆيىمەن دەپ يۈرگەن مەندەك بىرسىنىڭ ئاغزىدىن نۇمۇس قىلماي چىقىۋاتقان ئاددى مىسال،تۇرمۇشتا بۇنداق گەپلەر جىق)

    نىمە تەسىر قىلدىنكىن بىلمىدىم ،ئادەم چوڭ بولغانسىرى دۇنياقارىشى ،بەزى مەسلىلەرگە بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىدىغان ئوخشايدۇ.

    تۇرۇپلا ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىپ قالدىم ،باشقا ئىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزۈمنى مىللەتنى سۆيىمەن دەپ قاراپ يۈرگەنلىكىمدىن.

    تولۇقسىز ئوتتۇردىن باشلاپ يادا بولۇپ كەتكەن گەپلەر قۇلاق تۈۋۈمدە .مىللەت دىگەن ئورتاق تىل ،ئورتاق مەدەنيەت .....ئاستىدا ياشايدىغان،ئورتاق تىل ،ئورتاق مەدەنيەتكە ئىگە كىشىلەر توپى،تىل مىللەتنىڭ چوڭ بىر بەلگىسى .قاپاق كاللام نەگە كەتكەندۇ ؟مىللەت توغرىسىدا گەپ چىقىپ قالسا بويۇن تومۇرۇمنى كۆپۈتۈپ جار سالىدىغان ،كۆپۈك چاچرىتپ سۆزلەيدىغان نۇمۇسسىز ئېغزىم نىمە ئۈچۈن ئاناتىلىم بولغان ئۇيغۇر تىلىنى تولۇق سۆزلەيدىغانغا كەلمەيدىغاندۇ ؟؟؟ئەجىبا تىل مىللەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى ئەمەسمۇ؟؟؟...................مىللەتنى قانداق سۆيشىم كېرەك ئىدى؟! يا مىللەت دىگەن قۇلاقتىن تۇتۇپ ئەكىلىپ قويۇپ بەرمەي سۆيىدىغان ئادەم بولمىسا؟

    ئاتالمىش مىللەتنى سۆيۈش ئىپادەم ،قۇرۇق گەپ سېتىپ ئۆتكەن ۋاقىتلار ........ئېسىت !  .تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم .مەن ئۇيغۇر ئاتا-ئانامنىڭ قان _تەر ئاققۇزۇپ تاپقان ،يېمەي كىيمەي ماڭا بېرىپ ئوقۇتقان پۇللىرىنى جايىدا خەجلەش ،ئۆمۈدىنى ئاقلاش  ئەجىبا ئۇيغۇرنى قەدىرلىگەنلىك .ئۇيغۇرنى سۆيگەنلىك بولمامدىغاندۇ؟! ئۆزۈمنى كۈچلەندۈرۈپ ،قۇۇدرەت تاپقۇزۇپ ،ياراملىق ،تەرەققى قىلغان قىلىپ يىتىشتۈرسەم ،كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدە بىر داشقال ئەمەس ،بەلكى بىر ئىقتىساس ئىگىسى سانىنى كۆپەيتسەم ئۇيغۇرغا تۆھپە قۇشالىغان ،مىللىتىمنى سۆيگەن بولارمەنمۇ؟....................

    يازمامنى ئوقۇتقۇچىمنىڭ تۆۋەندىكى يازمىسى بىلەن ئاخرلاشتۇراي:

    تورغا چىقىپ ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر قالدۇردۇم

    --مۇئەللىم قانداق ئەھۋالىڭىز ؟سىزدىن سورايدىغان مەسلىلەر بار ئىدى-...

    ئۇنىڭدىن جاۋاپ كەلدى:

    _بىلىمەن ،سەن يەنە مىللەت توغرىسىدا سورايسەن (چۈنكى ئىلگىرىكى سۆھبەت تىمىمىز ئاساسەن مۇشۇ ئۈستىدە بولاتتى )، سەن ئېملانىىمۇ ئوڭشاپ يازالماي يەنە ،........،ساڭا دەي ،ئاۋال ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۆمۈدىنى ئاقلا ،ياخشى ئوقۇپ ئۆزۈڭنى تەرەققى قىلدۇرساڭ،كۈچلەندۈرسەڭ بۇ  مىللەت توغرىسىدا قۇرۇق سۆزلىگەندىن مىڭ ،يۈزمىڭ ئەلا ،چۈنكى سەنمۇ ،ئاتا _ئاناڭمۇ ئۇيغۇر،توردىن ئىبارەت بۇ ،مەۋھۇم دۇنيادا لاغايلاپ يۈرگۈچە ،دەرسىنى ياخشى ئۈگەنگىن!!!شۇندىلا ئۇيغۇر ھەقىقى قۇدرەت تاپىدۇ ،سەنمۇ مىللەتنى ھەقىقى سۆيەلەيسەن!!!(ئەسكەرتىش:كاساڭغا قاتتىق بىرنى تېپىۋەتتىم)

    .............................................................
    ئويلاپ قالدىم ،مىللەتنى سۆيۈش ئۇنىڭ ھەربىر ئېلمىنتىنى سۆيۈش يەنى تىلى ،يېزىقى ،ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ...توغرا ئىشلىتىش ،راۋاجلاندۇرۇش ،قەدىرلەش،ئەڭ ئاۋال ئاشۇ مىللەتنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈش،تەرەققى قىلدۇرۇشتىن باشلىنىدۇ.........





    评论

  • ياخشى يېزىپسىز ،ھەقنى سۆزلەپسىز . بەك تەسىرلەندىم .
    تارىخ回复uiguria说:
    رەھمەت .مەنمۇ بۇرۇن ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلاتتىم .ئەمەلىيەتتە مىللەتنى سۆيۈش ئۇنچە بەك تەسمۇ ئەمەس،ئاسانمۇ ئەمەس.ھەممە ئىش ئۆزىمىزنى سۆيۈش،ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈشتىن باشلىنىدۇ. چۈنكى شەخىس ئاشۇ مىللەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىر تەركىبى قىسىمى .
    كىلىپ تۇرارسىز .
    2009-05-24 17:05:39
  • مەزكۇر يازمىڭىزنى سەلكىن مۇنبىرىدە كۆرۈپ ، ئوتتۇرىغا قويغان بايانلىرىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈنگىنىم ئۈچۈن مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا دوستەكلەر كۇلۇبىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ قويدۇم . روخسىتىڭىزنى ئالمايلا قىلغان بۇ قىلمىشىم ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن . قىلغىنىمنى ئەسەر ھوقۇقۇمغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ، 634371802: Q Q بىلەن ئالاقىلىشىڭ . شۇھامان ئۈچۈرىۋېتىمەن !
    تارىخ回复艾合塔尔说:
    مەنبەسىنى ئەسكەرىتكەن ھالدا يوللىغان بولسىڭىز بوپتۇ ،ھېچقىسى يوق ،قوللايمەن .
    كىلىپ تۇراسىز
    2009-04-26 17:27:33